مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇڭ!
مۇھەممەت باغراش ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن، ئىزدىنىش روھىغا باي يازغۇچى. ئۇ 1952 – يىلى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قارا شەھەردە تاماملىغاندىن كېيىن، 1965 – يىلىدىن 1981 – يىلىغىچە ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس، شىنجاڭ قاتناش نازارىتىنىڭ تۆتىنچى شىركىتىدە شوپۇر، تەشۋىقات بۆلۈم كادىرى، 1982 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە ‹‹شىنجاڭ ئىشچىلىرى›› گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1988 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.
مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەسلى ئىسىم – فامىلىسى مۇھەممەت ئوسمان. ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، باغراش كۆلىنىڭ نامىنى ئىسمىغا قوشۇپ تەخەللۇس قىلغان.
مۇھەممەت باغراشنىڭ بالىلىق دەۋرى قايدۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قانىتىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا ئۆتكەن. ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك دوستلىرى بىلەن دەريا بويىغا بېرىپ قوي باققان، مالچىلار، سالچىلار ۋە بېلىقچىلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ شادلىق بىلەن قايغۇ، قەيسەرلىك بىلەن جاپا – مۇشەققەت، ئوڭۇشلۇق بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ئەمگەك تۇرمۇشىغا قىزىققان. ئۇلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق، دەريا بويلىرىنى چاڭ كەلتۈرىدىغان كۈلكە – چاقچاقلىرى، مۇڭلۇق ناخشا – كۈيلىرى ۋە قىزىقارلىق چۆچەك، لەتىپىلىرىگە مەپتۇن بولغان. مۇھەممەت باغراشقا دادىسى ئوسمان ئۇستامنىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى زور بولغان. ئۇنىڭ دادىسى كۆپنى كۆرۈپ نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئادەم ئىدى. ئۇ ئوغلىغا ئۆزى كۆرگەن، ئاڭلىغان ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلەر، چوڭ شەھەرلەر ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان خەلقلەر توغرىسىدا ئۇزۇن – ئۇزۇن قىسسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن. مانا بۇلار ئۆسمۈر مۇھەممەتنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، ھايات ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا قارىتا كۈچلۈك مۇھەببەت ئويغاتقان.
مۇھەممەت باغراش باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا كىتابقا ئىشتىياق باغلىغان. خىلمۇخىل مىللەت يازغۇچىلىرى يازغان ھەمدە تۈرلۈك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتابلار گويا جاھاننامىدەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كەڭ، سەلتەنەتلىك، سىرلىق بىر دۇنيانى نامايان قىلىپ، سەبىي قەلبىنى نۇرلاندۇرۇۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھايات، كىشىلىك دۇنيا، جەمئىيەت ۋە ئادەملەر ھەققىدە ئويلىنىشقا، پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭدا ئۆزگىچە بىر خىل تەسەۋۋۇر قۇۋۋىتى، تەپەككۇر كۈچى يېتىلگىلى تۇرغان. ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتقا، ئادەملەرگە ۋە سادىر بولۇۋاتقان تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە باشقىچە كۆز بىلەن قارايدىغان بولغان. تۇرمۇشنىڭ بەكمۇ گۈزەل، ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھايات سەھنىسىدە ئۆزىگە خاس رول ئېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئىنتايىن رەڭگارەڭ، مۇرەككەپ بىر دۇنياغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. ھايات قاينىمى ئىچىدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە شارائىت دائىرىسىدە ئۆز ئالدىغا بىر قەھرىمان ئىكەنلىكىنى، قانداق ياشاش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئەڭ تۈپكى مەسىلىدە ھەربىرى ئۆزىگە خاس بىر خىل ھايات قارىشىغا، كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، كۆپ سانلىق كىشىلەردە دەۋر ئادەملىرىگە خاس بىر خىل ئورتاقلىق — ھاياتنى، گۈزەللىكنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش، ياخشى نەرسىلەرنى قەدىرلەش، قەبىھلىككە، رەزىللىككە بىردەك نەپرەتلىنىش، ھاياتنى، جەمئىيەتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەلپۈنۈشتەك ئوخشاشلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇ خىل گۈزەل ئارزۇ، يۈكسەك ئىدىيە ۋە غايە بىرلىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ۋە قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ خىل يېڭىچە بايقاش ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن، ئۇنى ھايات ھەققىدە، ئادەملەر ھەققىدە تىرەنرەك ئويلاشقا، ئۇلارنى تەتقىق قىلىشقا، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان. ئەتراپىدىكى ئادەملەر ئۇنى ئاجايىپ بىر خىل سېھرىي كۈچ بىلەن ئۆزىگە تارتقان. ئۇنىڭدا ئادەملەرنىڭ ئارزۇسى، ئۈمىدى، قايغۇسى، خۇشاللىقى ھەققىدە ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئىستىكى، ھاياتتىكى كىشى سۆيۈپ قانمايدىغان گۈزەللىكنى، قانچە ئۇلۇغلىسا ئەرزىيدىغان ياخشى كىشىلەرنى، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى جەمئىيەتكە ئىنكاس قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئادەملەرنى، ھاياتنى، گۈزەللىكنى، ياخشىلىقنى چىن قەلبىدىن سۆيۈشكە، قەدىرلەشكە ئۈندەش تۇيغۇسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن... ئۇ ئەنە شۇنداق خالىس تىلەك تۈرتكىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا قەدەم قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئاۋازىدا، ئۆزىنىڭ تىلىدا، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئاھاڭدا ئۆزى بىلىدىغان ناخشىنى توۋلاش ئىرادىسى بىلەن روھلىنىپ قولىغا قەلەم ئالغان.
مۇھەممەت باغراش 1980 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىدا ‹‹سەپداش›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسىنى ئېلان قىلدۇرغان. بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنىپلا كىتابخانلار ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك ئىلھام بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ ‹‹ساۋاب››، ‹‹رىزقى››، ‹‹ئالمىچى››، ‹‹ئادەملەر››، ‹‹ئېگىز بىناغا يانداشقان بوتكا››، ‹‹مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت››، ‹‹ئاقساق بۇغا›› قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئوچېرىك ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەگەك قەلب، ئۆتكۈر كۆزلۈك تىرىشچان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. 1983 – يىلى ‹‹ساۋاب››، 1987 – يىلى ‹‹يادىكار›› ناملىق ھېكايە توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹سوۋغات››، ‹‹سەھەر››، ‹‹يېشىل ۋادا›› قاتارلىق كوللېكتپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ‹‹سەپداش›› ناملىق ھېكايىسى 1981 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ‹‹ساۋاب›› ناملىق ھېكايىسى 1982 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ ‹‹ئادەملەر›› ناملىق ھېكايىسى 1986 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ‹‹گۈزەل ۋادا›› ناملىق ھېكايىسى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ ‹‹شەندەن›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹‹ئاقساق بۇغا›› ناملىق پوۋېستى يېڭى دەۋر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گېزىت – ژۇرناللارغا بېسىلغان ھەمدە ھاياتى، ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. بەزى ئەسەرلىرى ھەققىدە خەنزۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە پارچە باھا، ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان. ‹‹ئادەملەر››، ‹‹رىزقى›› قاتارلىق ھېكايىلەر ياپون، ھىندى، تايلاند، رومىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەل كىتابخانلىرىنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان.
مۇھەممەت باغراش ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى يېڭى، ئاكتىۋال بولۇپ، ئۇلاردا دەۋر روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مۇھەممەت باغراش كۆپ قاتلاملىق مۇرەككەپ تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەش ئۈچۈن، رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېيىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ياسىغان.
مۇھەممەت باغراش تىرىشىپ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان يازغۇچى.
(تەھرىر : admin)
«مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇڭ!»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ۋاپات بولدى
- مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇڭ!
- سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن IT شەخىسلەر
- داڭلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپات بولد
- ھېسام قۇربان ئالەمدىن ئۆتتى
- مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭل
- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
- پىداكار شائىر نىمشېھىت
- ئۇيغۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى –مەدىنە
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىش
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھ
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرې
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ۋاپات بولدى
- مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇڭ!
- سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن IT شەخىسلەر
- داڭلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپات بولدى.
- ھېسام قۇربان ئالەمدىن ئۆتتى
- مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رى
- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
- پىداكار شائىر نىمشېھىت
- ئۇيغۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى –مەدىنە ئابل
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائىل ھە
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات