يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ۋاپات بولدى
بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان، ئىزدىنىش روھىغا باي، تالانتلىق يازغۇچىمىز مۇھەممەت ئوسمان باغراش،2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6:40 مىنۇت ئۆتكەندە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
يازغۇچى مۇھەممەت باغراش، 1952 – يىلى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قارا شەھەردە تاماملىغاندىن كېيىن، 1965 – يىلىدىن 1981 – يىلىغىچە ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس، شىنجاڭ قاتناش نازارىتىنىڭ تۆتىنچى شىركىتىدە شوپۇر، تەشۋىقات بۆلۈم كادىرى، 1982 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە ‹‹شىنجاڭ ئىشچىلىرى›› گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1988 – يىلى 6 – ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىدى.
مۇھەممەت باغراشنىڭ بالىلىق دەۋرى قايدۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قانىتىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا ئۆتكەن. ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك دوستلىرى بىلەن دەريا بويىغا بېرىپ قوي باققان، مالچىلار، سالچىلار ۋە بېلىقچىلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ شادلىق بىلەن قايغۇ، قەيسەرلىك بىلەن جاپا – مۇشەققەت، ئوڭۇشلۇق بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ئەمگەك تۇرمۇشىغا قىزىققان. ئۇلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق، دەريا بويلىرىنى چاڭ كەلتۈرىدىغان كۈلكە – چاقچاقلىرى، مۇڭلۇق ناخشا – كۈيلىرى ۋە قىزىقارلىق چۆچەك، لەتىپىلىرىگە مەپتۇن بولغان. مانا بۇلار مۇھەممەت باغراشنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ھايات، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجادىيەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان.
مۇھەممەت باغراش 1980 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىدا ‹‹سەپداش›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن ئىجەدىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنىپلا كىتابخانلار ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك ئىلھام بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ ‹‹ساۋاب››، ‹‹رىزقى››، ‹‹ئالمىچى››، ‹‹ئادەملەر››، ‹‹ئېگىز بىناغا يانداشقان بوتكا››، ‹‹مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت››، ‹‹ئاقساق بۇغا›› قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئوچېرىك ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەگەك قەلب، ئۆتكۈر كۆزلۈك تىرىشچان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. 1983 – يىلى ‹‹ساۋاب››، 1987 – يىلى ‹‹يادىكار›› ناملىق ھېكايە توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹سوۋغات››، ‹‹سەھەر››، ‹‹يېشىل ۋادا›› قاتارلىق كوللېكتپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ‹‹سەپداش›› ناملىق ھېكايىسى 1981 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ‹‹ساۋاب›› ناملىق ھېكايىسى 1982 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ 2 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ ‹‹ئادەملەر›› ناملىق ھېكايىسى 1986 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ‹‹گۈزەل ۋادا›› ناملىق ھېكايىسى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ ‹‹شەندەن›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹‹ئاقساق بۇغا›› ناملىق پوۋېستى يېڭى دەۋر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گېزىت – ژۇرناللارغا بېسىلغان ھەمدە ھاياتى، ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. بەزى ئەسەرلىرى ھەققىدە خەنزۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە پارچە باھا، ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان. ‹‹ئادەملەر››، ‹‹رىزقى›› قاتارلىق ھېكايىلەر ياپون، ھىندى، تايلاند، رومىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەل كىتابخانلىرىنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان.
مۇھەممەت باغراش ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى يېڭى، ئاكتىۋال بولۇپ، ئۇلاردا دەۋر روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مۇھەممەت باغراش كۆپ قاتلاملىق مۇرەككەپ تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەش ئۈچۈن، رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېيىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا كۆرۈنەرلىك يېڭىلىق ياراتقان يازغۇچىمىز ئىدى.
(تەھرىر : admin)
«يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ۋاپات بولدى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ۋاپات بولدى
- مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇڭ!
- سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن IT شەخىسلەر
- داڭلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپات بولد
- ھېسام قۇربان ئالەمدىن ئۆتتى
- مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭل
- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
- پىداكار شائىر نىمشېھىت
- ئۇيغۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى –مەدىنە
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىش
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھ
- ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى
- خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرې
- ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن
- يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ۋاپات بولدى
- مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇڭ!
- سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن IT شەخىسلەر
- داڭلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپات بولدى.
- ھېسام قۇربان ئالەمدىن ئۆتتى
- مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رى
- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
- پىداكار شائىر نىمشېھىت
- ئۇيغۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى –مەدىنە ئابل
- خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن
- مۇستاپا كامالنىڭ ئۇيغۇر دوستى ــ ئىسمائىل ھە
- دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات