ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى

ۋاقىت : 2014-01-03 15:39 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى

 
ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى
 
 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىسى، ئۇستاز تەرجىمان، پېشقەدەم نەشرىياتچى توختى باقى ئارتىشى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. 
        توختى باقى ئارتىشى 1922-يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىتارچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939-يىلى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنگە كېلىپ، بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلىيەلمەي ئامالسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشچى، ھەرپ تىزغۇچى، تەھرىر بۆلۈم خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى ساقچى ئوفىتسېرلەر مەكتىپىدە ئوقۇغۇغان. 1944-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1946-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ «ھەقىقەت» گېزىتى ۋە «ئالغا» گېزىتىدە تەرجىمان، مۇھەررىر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1953-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قاتنىشىپ، تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ لۇشۈن ئەسەرلىرىنى ئىزچىل تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. 1962-يىلىدىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمان، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1986-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. 
    توختى باقى ئارتىشى  كۆپ يىللىق تەرجىمانلىق ھاياتىدا سىياسىي نەزەرىيىۋىي ئەسەرلەر، پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت-ژۇرنال ماقالىلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللاندى: «يېڭى باتۇرلار»، «تۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى» (22 توم) قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازدى؛  «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟»، «ھەق گەپ قىلغان گۇناھ ئەمەس» (2 توم)، «كۆڭۈلدىن-كۆڭۈلگە يول» قاتارلىق ماۋزۇلاردىكى تاللانما تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشردىن چىقاردى، «چۈشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەبىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىجادىي تەرجىمە ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇردى.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئالدىنقىسى:تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرى
كېينكىسى: يوق
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ