ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

‹‹خوتەن قەغىزى يۇرتى››دا

ۋاقىت : 2013-12-09 13:43 | مەنبەسى : تەڭرىتاغ | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم


‹‹خوتەن قەغىزى يۇرتى››دا

‹‹خوتەن قەغىزى يۇرتى››دا

توختى باقى بوۋاي خوتەن قەغىزى ياسىماقتا

‹‹خوتەن قەغىزى يۇرتى››دا

توختى باقى بوۋاي مۇكاپات مېداللىرىنى بوينىغا ئاسقىنىچە سۈرەتكە چۈشمەكتە

‹‹خوتەن قەغىزى يۇرتى››دا

توختى باقى بوۋاينىڭ ئايالى ئۈژمە قوۋزىقىنى ئاقلىماقتا

‹‹خوتەن قەغىزى يۇرتى››دا

ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىۋاتقان خوتەن قەغەزلىرى

    1-دېكابىر، ‹‹ خوتەن قەغىزى يۇرتى ›› دەپ نام ئالغان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا بىز خوتەن قەغىزىنىڭ 10-ئەۋلاد ۋارىسى توختى باقى بوۋاينى ئۇچراتتۇق . ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان توختى بوۋاي گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن 100 ياشقا كىرگەندەك قىلمايتتى، ئۇ يەڭگىل ھەرىكەتلىرى بىلەن نەق مەيداندا بىزگە ئۆز قولى بىلەن بىر ۋاراق خوتەن قەغىزى (ئۈژمە قەغىزىدىن ياسالغان قەغەز) ياساپ بەردى.

   توختى بوۋىنىڭ ئايالى دەرۋازا يېنىدا سويۇپ كېلىنگەن ئۈژمە قوۋزىقىنىڭ ئىچكى قەۋىتىنى ئاجرىتىۋاتاتتى. بۇ بىر تېخنىكىلىق، نازۇك ئىش ئىدى، موماينىڭ قەلەمتىراچ تۇتقان قوللىرى ناھايىتى يېنىك بولۇپ، قەغەزگە كېرەكلىك ئىچكى قەۋىتى ئەپچىللىك بىلەن ئاجرىتىۋېلىنغان قوۋزاقلار بىردەمدىلا بىر دۆۋە بولۇپ كەتتى. دەرەختىن سويۇۋېلىنغان ئۈژمە قوۋزىقىنىڭ ئىچى تەرىپىدىكى بۇ سۇس يېشىل رەڭلىك يۇمران بىر قەۋەت دەل خوتەن قەغىزىنىڭ مۇھىم خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

     ئەنئەنىۋى خوتەن قەغىزى — ئۈژمە قوۋزاقنىڭ ئىچكى قەۋىتىنى سويۇش ، چىلاش ، قازاندا دۈملەش ، سوقۇش ، ئېچىتىش ، سۈزۈش ، قېلىپقا سېلىش ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇش ، يىرىك ئۇۋىتىش قاتارلىق توققۇز ئىش ھالقىسىدىن كېيىن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ . يەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، قاراقاشنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق ، تۇپرىقى مۇنبەت ، سۈيى بول ، ئۈژمە دەرىخىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلگەچكە ، قەدىمدىن بۇيان يەرلىك كىشىلەر ھويلا-ئاراملىرى ۋە ئېتىز-ئېرىقلىرىغا ئۈژمە دەرىخى تىكىپ مېۋىسىنى يەيدىكەن . ئۈژمە دەرىخىنىڭ بۇنداق كۆپ بولۇشى خوتەن قەغىزىنى مول خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن . خوتەن قەغىزى ئۈژمە قوۋزىقىنى خام ماتېرىيال قىلىپ ياسىلىدىغان بىر خىل قەغەز بولۇپ ، غەربىي دىياردىكى ئەڭ قەدىمىي قەغەزلەرنىڭ بىرى ، ئۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەچكە ، يەنە ‹‹خەن سۇلالىسىدىكى تېرە قەغەز ›› دەپمۇ ئاتالغان . بۇ قەغەزنىڭ ئىسمىدىنمۇ تارىخىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . بۈگۈنكى كۈندە ، بۇ قەغەزنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلار بارغانسېرى ئازىيىپ ، قارىقاش ناھىيەسى بۇ قەغەزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋارس جايىغا ئايلىنىپ قالغان .

   2006-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ، خوتەن قەغىزىنى ياساش تېخنىكىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن . 2007-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ، توختى باقى دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ مەدەنىيەت مىراسى تۈرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى دەپ بېكىتىلگەن ، شۇنداقلا تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ 226 نەپەر ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى ئىچىگە كىرگەن . دۆلەت دەرىجىلىك ۋارىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ، توختى باقى بوۋاي دۆلەتنىڭ ھەر يىلدا بېرىدىغان 8000 يۈەن تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن ، قاراقاش ناھىيەلىك ھۆكۈمەتمۇ ھەر ئايدا ئۇنىڭغا 1000 يۈەن مائاش بېرىپ ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن .

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«‹‹خوتەن قەغىزى يۇرتى››دا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ