زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ سەيپىدىن ئەزىزى
زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ سەيپىدىن ئەزىزى
سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئالىم، ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر، دراماتورگ. ئۇ 1915- يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە.
ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا، ئاتۇشتا دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان. 1932- يىلى جەنۇبى شىنجاڭدىكى دېھقانلار قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، جەڭچى، كاتىپ بولغان. 1934- يىلى ئاتۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولغان. 1935- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنۋىرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1937- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ، شېڭ شىسەي ئاچقان ئۈرۈمچى سىياسىي تەلىم-تەربىيە سىنىپىدا ئوقۇغان. 1938- يىلدىن 1943-يىلغىچە تارباغاتاي گېزىتخانىسىدا ئىشلىگەن. كۆچۈرگۈچى، كوررېكتور، مۇھەررىر، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىغا قاتناشقان. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات سېكىرتارى بولغان. تارباغاتاي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1944- يىلى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋە نازىرى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ھەربىي سوتىنىڭ كاتىپى، تۇەنجاڭ بولغان. 1945- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1946- يىلى ئۈچ ۋىلايەت خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1946- يىلى 7- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق بېتىمى ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. 1947- يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى تىنچلىق بېتىمىنى يىرتىپ تاشلىغاندىن كېيىن، غۇلجىغا قايتىپ داۋاملىق ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان.
1948- يىلى ئۇ شىنجاڭ «دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» غا قاتنىشىپ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. «ئالغا» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان. كېيىن شىنجاڭ «دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» نىڭ رەئىسى بولغان. 1949- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئالاھىدە رايونىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ بېيجىڭغا بېرىپ، 1- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان. 1- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلانغان.
1949- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان.1949- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1951- يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، مىللىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو -سوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو – پاكىستان دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1952- يىلى 7 ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بيۇروسىنىڭ 4- شۇجىسى بولغان. 1953- يىلى 1- ئايدا غەربىي شىمالى مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1953- يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 3- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1954- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 2- شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان.
1955- يىلى 10- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغاندا، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت غەربىي شىمال بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1958- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومىنىڭ 2- شۇجىسى بولغان. 1972- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇۋەققەت 1-شۇجىسى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1973- يىلى 6 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 1- سىياسىي كومېسسارى، 1- شۇجىسى بولغان . 1- 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7-، نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى بولغان. ج ك پ 8 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 9- 10 – 11،- 12 -، 13 ،- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 10- نۆۋەتلىك، 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان.
يازغۇچى، شائىر دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»، تارىخىي ئوچرىك «تەڭرىتاغ ئوغلى» ، بىئوگرافىك ئەسەر «ئۆمۈر داستانى» (1-، 2- قىسىم )، تارىخىي ئوپېرا «ئاماننىساخان»، ھېكايە، نەسرلىرى توپلىمى «ئەۋلىيا ئاتا»، «ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا»، «شانلىق يىللار» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاب نەشر قىلدۇرغان. 500 دىن ئارتۇق رۇبائىي، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان.
ئاتاقلىق يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى «سۇتۇق بۇغراخان» دا ھەقىقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، قۇدرەتلىك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ نادىر نامايەندىسى سۇتۇق بۇغراخاننى ۋە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بەدىئىي كارتىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە رەڭدار قىلىپ سىزىپ چىققان.
ئۇنىڭ «ئاماننىساخان» ناملىق سەھنە ئەسىرى درامالاشتۇرۇلغان. بۇ ئەسەر «خانىش ئاماننىساخان» دېگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى، ھەم بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى.
مەنبە: شېرىپ خۇشتار قەلىمى ئاستىدىكى «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
(تەھرىر : admin)
«زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ سەيپىدىن ئەزىزى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغ
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ سەيپىدىن ئەزىزى
- ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھا
- خەلقارا «تېرورىست»دەپ ئېلان قىلىنىپ،كې
- گېتلىرغا بولغان يەنە بىر خىل چۈشەنچە
- سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ چۆچەكتىكى چاغلىرى
- ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد ك
- دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى دۇني
- ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالە
- تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرى
- ‹‹خوتەن قەغىزى يۇرتى››دا
- ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئالىم مىرسۇلتان ئوس
- يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ۋاپات بولدى
- مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇڭ!
- سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن IT شەخىسلەر
- داڭلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپات بولد
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-04-30 22:04
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ سەيپىدىن ئەزىزى
- ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھان
- خەلقارا «تېرورىست»دەپ ئېلان قىلىنىپ،كېيىن د
- گېتلىرغا بولغان يەنە بىر خىل چۈشەنچە
- سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ چۆچەكتىكى چاغلىرى
- ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد كاشىغە
- دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى دۇنيا خار
- ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن
- تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرى
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- ھېسام قۇربان ئالەمدىن ئۆتتى
- ئۇيغۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى –مەدىنە ئابل
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن