مۇنبەرلەردىن ئوقۇتقۇچىنى تىللىغان تېمىلارنى كۆرسەم كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار راستىنلا شۇنداق ئىنسانمۇ؟ كېلىڭلار مەن سىلەرگە بۇ ئۇلۇغ ئىنساننى بىر تونۇشتۇرۇپ بېرەي: ئاندىن تىللىساڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر......
يۈرىكى يېغلىمىسۇن مۇئەللىمنىڭ ،مۇئەللىمنىڭ !ياق! كائىناتنىڭ !
ئاپتورى-ھايات
-بۇنداق قۇدرەت كىمنىڭ قولىدىن كەلسۇن ؟ -مۇئەللىمنىڭ ! -مۇئەللىم ؟ مۇئەللىم ! ئۆزى ئاستا –ئاستا يېقىلىش بەدىلىگە تۈمەنمىڭ يىمىرىلمەس گىگانىت دەرەخلەرنى يېتىشتۈرگۈچى ! مۇئەللىم ! مول –ھوسۇلنىڭ نامايەندىسى ئەڭ سورتلۇق ئۇرۇق . مۇئەللىم ! ئۆزىنىڭ كىچىككىنە قانىتى سايىسىنى تۈمەنمىڭ ئاپئاق تۇرنىغا پاناھ قىلالىغۇچى ! بىر تامچە كۆز يېشى بىلەن پۈتكۈل زېمىننىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغۇچى ! بىر تال ئاق چېچىغا تالاي غۇنچىنىڭ خۇش تەبەسسۇمى بىلەن تولغاەن ئۆلمەس تارىخلارنى يۇشۇرغۇچى ! يۈزىدىكى ھەربىرتال قۇرۇققا جاھان ئەركىلىرىنىڭ ،ئالىم ،مۇتەخەسسى ،پەيلاسۇپلارنىڭ شانلىق غەلبە خەرىتىلىرىنى سىزغۇچى ! بىر جۈپ خاسىيەتلىك قولى بىلەن سىيلانغان باشلارنى كۆكلەرگە تاقاشتۇرغۇچى ! مۇئەللىم ! ئۇ يەرشارىنىڭ تىنىقى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن گىگانىتلارنىڭ سىيماسىنى كۆرىسىز! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شوتا ، ئاي شارىغاچىققۇچىلارمۇ ئۇنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ چىقىپ كائىنات بىلەن مۇڭداشقان! مۇئەللىم ! ئۇنىڭ يۈرىكى سوقماقتا ! ئۇنىڭ ئەمەس ئىنسانىيەتنىڭ يۈرىكى سوقماقتا! ئۇنىڭ نۇرانە يۈزلىرى سەبىيلەرنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى سېھىرلىك ئەينەك! مۇئەللىم! ئۇ ئاددىي ئىنسان ئەمەس! ئۇ ئىنسانلار ئارىسىغا ئەۋەتىلگەن قۇتقازغۇچى پەرىشتە ! مۇئەللىم ! ئۇ دەسسىگەن ئىزىدىن بوستان بەرپا قىلغۇچى سېھىرگەر ! ئۇ ئۆلگەن قەلبلەرنى تىرىلدۇرگۈچى ! ئۇ جاھالەت قاراڭغۇلۇقىنى تولۇن ئاي ۋە يولتۇزلار بىلەن بىزىگۈچى ! مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا رەسسام . چۈنكى ئۇ تېخى ھېچقانداق بىر رەسسام سىزىپ ئۈلگۈرمىگەن ھاياتلىق كارتىنىسىنى بور بىلەن دوسكىغا سىزىپ چىققۇچى! مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ماھىر ھەيكەلتاراش ! ئۇ ھاياتلىقنىڭ غەلبە ھەيكىلىنى مارىسقا ، يۇپىتىرغا قاتۇرغۇچى ! مۇئەللىم ! ئۇ ئەڭ ئىلغار مۇزىكانىت ،شۇنچە زور ئوركىستىرغا ئۆزى يالغۇز مەسئۇل بولغۇچى ! مۇئەللىم !ئۇ بىر مەزمۇت تاغ ! ئۇ باغرىغا تالاي ھىكمەتلەرنى يۇشۇرغۇچى ، ئۇ بىر پارچە ئېسىل چىمەنزار ! ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى ،دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ھوزۇر ! ئۇ ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا ! ئۇنىڭدەك كىسەلگە ھەقىقى شىپالىق دورىنى ھېچكىم ياساپ چىقالىغىنى يوق ! مۇئەللىم ! ئۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرگە تولغان تۈنۈگۈن ، ئۇنىڭغا ئەڭ بۈيۈك تارىخلار يېزىلغان ! مۇئەللىم ! ئۇ يېقىملىق بۈگۈن ! ئۇ تېنىمسىز ھالدا كائىنات چوڭقۇرلۇقىغا ،يەر قاتلاملىرىغا سېڭىپ كىرمەكتە ! مۇئەللىم ! سۆيۈملۈك ھەم گۈزەل ئەتە ! ئۇنىڭ باغرىدا تۈمەن غەلبە جىلۋىلىرى جۇش ئېتىپ تۇرماقتا! «بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە نۇرلار چاچىمىز » ئەسلى مەنبە: چىمبۇلاق مۇنبىرى ئەسكەرتىش: رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرمەڭ. چۈنكى مەنمۇ ئەسلى ئاپتۇرىنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىق بۇ مۇنبەرگە يۆتكەپ كەلدىم.
|