ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش قابىلىيتى
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-28 17:45 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى ئوقۇتقۇچىنىڭئوقۇتۇش قابىلىيىتى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ۋ
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى
ئوقۇتقۇچىنىڭئوقۇتۇش قابىلىيىتى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش جەريانىدا، زېھنىيكۈچىنى تولۇق جارىيقىلدۇرۇپ، پېداگوكىكا ئىلمىي نەزەرىيىسى ۋە شۇپەندىكى بىلىملەردىنپايدىلىنىپ، ئەمەلىي ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭئوقۇتۇشقابىلىيىتى قۇرۇلمىسى بولسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدا تەييارلاشقاتېگىشلىكتۈرلۈك قابىلىيەت ئامىللىرى ۋە بۇ ئامىللار ئوتتۇرسىدىكى ئۆز _ ئارا مۇناسىۋىتىنىڭرامكىسىنىكۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى _ تۆۋەنلىكى بىرئوقۇتقۇچىنىڭئوقۇتۇش داۋامىدا كارغا كېلىش _ كەلمەسلىكىنىڭئالدىنقى شەرتى.
ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش قابىلىيىتى _ ئوقۇتقۇچىنىڭئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەنشۇغۇللىنىش جەريانىدا ئىپادىلەنگەن ئۇنىۋېرسالقابىلىيىتى، يەنى ئىدىيە، كەسىپ، ھۈنەرگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭئۇنىۋېرسال گەۋدىلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشپائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم قابىلىيەتبولغاندىلا، ئاندىنئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ سۇبيېكتىلىقرولىنى ياخشى جارىقىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۆگەنگۈچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىماس ۋە ئىناقھالدا بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
شۇنداق بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش قابىلىيىتى ئاساسەنتۆۋەندىكىجەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچى، ئوقۇتۇش پروگراممىسى بىلەن ئوقۇتۇش مەقسىتىنى تولۇق چۈشەنگەن ئاساستا، ئوقۇش يىلى ياكى ئوقۇش مەۋسۈمى ياكى بىرەر دەرس مەزمۇنى بويىچە سائەتلىك پىلانتۈزۈشئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئوقۇتۇشنى تەرتىپلىك،سېستىمىلىق، قەدەمباسقۇچلۇقھالدا ئېلىپ بېرىش.
ئىككىنچى، دەرسلىكنى تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇش _ دەرسلىكنى قۇرۇلمىسى زىچ، سىستېمىچانلىقى كۈچلۈك، قائىدىلىرى ئېنىق بولغان ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا ئايلاندۇرۇشھەمدەسۆزلەيدىغان مەزمۇن، مەشىق مەزمۇنى، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلار، يېڭى _ كونابىلىملەرنىباغلاش، تەجىربىنى سەپلەش، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇۋاپىقكۆڭۈلقويۇپ تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.
ئۈچىنچى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بەلگىلەش قابىلىيىتى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بەلگىلەش ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىلەش ۋە ئوقۇتۇشمەقسىتىگە يېتىشئۈچۈن قوللانغان خىزمەت ۋاستىسى. ئۇ، دەرسلىكنى چوڭقۇر تەتقىققىلىش، چوڭقۇرچۈشىنىش، ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى تولۇقچۈشىنىشئاساسىغا قۇرۇلغان. مەسىلەن، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ تۈرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، يېڭىدەرسكە قانداق ئۆتۈش، دەرسخانىدا سۇئالنى قانداق سوراش، مۇھىم نۇقتىنىقانداقگەۋدىلەندۈرۈش، قىيىن نۇقتىنى قانداق بۆسۈش، قانداق تەكرارلاپمۇستەھكەملەش، تەجرىبىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقھالقىلارنى لايىھىلەش ۋەئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
تۆتىنچى، دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدىكى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشقابىلىيىتى
دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ جەريانىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش _ ئوقۇتقۇچىنىڭ رەھبەرلىكقابىلىيىتى ۋە قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنىڭجانلىق گەۋدىلىنىشى، شۇنداقلابەلگىلەنگەن بوشلۇق ۋە ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇتۇشمەقسىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدىغانئىجابىي سەنئەت. پەقەت، مۇشۇنداق سەنئەت بولغاندىلا، ئوقۇتۇش داۋامىدا، ئوقۇتقۇچىبىلەنئوقۇغۇچىنىڭ ئىرادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ھەرىكەتنىماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر پۈتۈن گەۋدىگەئايلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئىستىكىنى قوزغىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش تەشەببۇسكارلىقىنىجارىيقىلدۇرۇپ، ئوقۇتۇش بىلەن ئوقۇشنى خوشال _خورام، جانلىق، تېتىك كەيپىياتتايولغاقويۇپ، قانائەتلىنەرلىك ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ژورنىلىدىن ئېلىندى.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------