باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جاھاندىكى ئىشلار 19-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 18-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 16-6-2014

جاھاندىكى ئىشلار 13-6-2014

قىرىنداشلار 233-240

جەسەتكە تولغان شەھەر9-16

ئاخىرلاشتۇرغۇچى 9-16

قارا داغ 97-104

باشلان تور رادىئوسى ئاڭلاڭ !

ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ باشلان تورىدا

تۈركىيە كىنولىرنى كۆرەمسىز ؟ ھەممىسى بار

خەۋەر باش بىتى

ئالبانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا نامزاتىغا ئايلاندى

مەنبە : 互联网 يوللانغان ۋاقىت :2014-06-25 12:45:14

بەش يىللىق تىرىشچانلىق ئاخىرى نەتىجىسىنى كۆرسەتتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ليۇكسېمبورگتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئالبانىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا نامزاتى بولۇشىغا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ قارار ئالبانىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولۇش يولىدا بىر ئابىدە خاراكتېرلىك مۇھىم قەدەمنى باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنى بريۇسسېلدا ئېچىلغان بولۇپ، ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى شۇ ۋاقىتتا ئالبانىيىنىڭ نامزات دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
2009-يىلىدىن بۇيان، ئالبانىيە ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا نامزاتى سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلغان، لېكىن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتكەن ئىدى. بۇ قېتىم بولسا ئالبانىيە بەش يىلدىن بۇيانقى 4-قېتىملىق ئىلتىماسىنى سۇنۇپ، ئاخىرىدا ئارزۇسىغا يەتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كېڭەيتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى سېفىن فۇللېر ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا سۆز قالدۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالبانىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا نامزاتى بولۇشىغا قوشۇلدى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ئارزۇسىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتىدا، ئالبانىيە مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى، تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش شۇنداقلا مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل، چوڭقۇر ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر، دەپ كۆرسەتكەن.
ئالبانىيە باش مىنىستىرى راما يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالبانىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلىتى ئورنىغا ئېرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇندىن كېيىنكى ئەزا دۆلەت سالاھىيىتى سۆھبىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى، ئالبانىيىنىڭ ياۋروپا ئەزاسى بولۇش مۇساپىسىنىڭ نۇرغۇن مۇشەققەتلەرگە تولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا نامزاتى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئالبانىيىنىڭ «ئۆزلۈكىدىن» ھەقىقىي ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسىغا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، ئالبانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاققا كىرىش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشى شۇنداقلا مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى قويغان تەلەپكە يېتىشى كېرەك.
بۇ مەزگىلدە تاراتقۇلار بەرگەن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن، ئالبانىيە دائىرىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆھبىتى ئالبانىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا نامزاتى بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل. ئالبانىيىدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى باشا شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارى ئالبانىيىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى مۇشەققەتلىك مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى، لېكىن بۇ يەنە بىر يېڭى باشلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Baxlan.com
يىڭى خەۋەرلەر
تور بېكەت ھەققىدە
بىز كىم ؟
ھەمكارلىشىڭ
ئىلان بىرىڭ
ئالاقىلىشىڭ
پىكىر بىرىڭ
Baxlan network technology center
بارلىق ھوقوق : باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ،
بىكەت مەسئۇلى : ئەكبەرئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941 نورمال خىزمەت ۋاختىدا تىلفۇن قىلىڭ
توربېكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم، ناخشا -مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
QQ:652952114 , 652952113 , 新ICP备:10201036号