:
فىلىپپىندىكى تەيفېڭ بورىنىدىن ھايات قالغان 13 ياشلىق قىزچاق جېننىفور دېۋىد ماي بوياق ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يۇرتى رېيت ئارىلىنىڭ ئورموك شەھىرىدىكى تۇرمۇشىنى خاتىرىلىمەكتە.

پاكىستاننىڭ مەركىزى ئىسلامئاباددىكى مۇساپىرلار رايونىدا ئافغانىستان مۇساپىر ئۆسمۈرلىرى كۈچۈك بىلەن ئويناشماقتا. مەيلى قەيەرگىلا بارمىسۇن گۆدەكلىكى چىقىپ تۇراتتى.

14 ياشلىق زەينەپ ئابدۇللا كۆز قۇۋۋىتىدىن تامامەن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ئىستانبۇلدا تۇرىدۇ.

ئىئوردانىيەدىكى مۇساپىرلار پاناھگاھىدا سۈرىيەلىك شاكىچىك ئۆزلىرىنىڭ چېدىرىغا كېرەكلىك بىر تۇڭ سۇنى يۈدۈپ كېتىۋاتماقتا.

ئافغانىستاندىن كەلگەن كىچىك قىزچاق ئاچىسىنىڭ قۇچىقىغا مەھكەم چاپلاشقان بولۇپ، پاكىستان داۋالاش خادىملىرىنىڭ بالىلار پالەچ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىشىنى كۈتمەكتە.

مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملىرى دۇنيا مۇساپىرلار خاتىرە كۈنى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە بېرما چەنزۇ رايونىدىن كەلگەن مۇساپىر ئۆسمۈرلەر نومۇر ئورۇنلىماقتا.

بىرمېدىكى مۇساپىرلار پاناھگاھلىقىدا بىر جۈپ قوشكېزەك بوۋاقلار شېرىن ئۇيقۇدا. ئۇلار پەقەت لوسىنيا قەبىلىسىدىن بولغاچقىلا دىننى زوراۋانلىققا ئۇچراپ ئۆيى كۆيدۈرىۋېتىلگەنلىكى تۈپەيلى ئامالسىز بۇ يەرگە قېچىپ كەلگەنىدى.

بىر تۈركۈم مۇساپىرلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىشىپ چوڭ ماشىنا ئارقىلىق پاكىستاننىڭ غەربىي-شىمال قىسمىدىكى بانۇ شەھىرىگە يۆتكىلىشمەكتە.

35 ياشلىق Alain Diabanza كونگو جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1998-يىلىدىن تارتىپلا ئۇرۇشنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى تارتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئانگولا، سېنېگال، مەراكەش قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ بارغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسپانىيەدىكى بىر مۇستەملىكىگە قېچىپ كەلگەن، ھازىر ئۇ ئىسپانىيەدە فرانسۇزچە دەرس ئۆتۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەنە يەرلىكتىكى بىر خىزمەتچى بىلەن توي قىلدى.

‹بۇ دەريادىن ئۆتسىڭىزلا مېنىڭ يۇرتۇمغا بارالايسىز، بۇ يەردىن پەقەت ئىككى مىلى كېلىدۇ، لېكىن ماڭا ئىككى مىليون مىلىدەك تۇيۇلۇپ، مەڭگۈ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغاندەك بىلىنىدۇ. مېنىڭ قەدىرلىك ئانام، مېنىڭ يۇرتۇم دەل شۇ يەردە، قارىماققا ئۇ يەر ماڭا شۇنچە يېقىن بولسىمۇ، پاسپورتى بار كىشىلەر ئۇ يەرگە بىمالال بارالايدۇ، لېكىن مەن بارالمايمەن› بىر نەپەر بېرما لوسىنيالىق مۇساپىرنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇرۇشنىڭ زۇلۇملىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى.
