ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ئۆلۈپ كەتكىچە مۇنداق ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ:
بىرىنچى باسقۇچ، تېز خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشمەزگىلى. ئادەتتە، ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىنئالتە ھەپتىگىچە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ كېسەل ئالامىتى زۇكامنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، تېزلا ساقىيىدۇ،بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىگېنىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ، كېسەل ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملىنىش مەزگىلى (يوشۇرۇن مەزگىلى ياكى كۆزنەك مەزگىلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇ ئەيدىزۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىپ تاكى قانغا ئۆتۈپ، تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى شەكىللەنگىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئادەمبەدىنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىق پەرقى چوڭ، قىسقا بولغاندا بىر يىلغا يەتمەيدۇ، ئۇزاق بولغاندا 15 يىلدىن ئاشىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مەزگىلى. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىردەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئىقتىدارىنىمۇ ساقلاپ قالالمىغان چاغدا، داۋالاش قىيىن كۆپخىل كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ.
|