ئۆسمۈرلەرنى جىنسىي ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا « رەت قىلىشقا » يېتەكلەش كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ سوۋغا ياكى باشقا نەرسىلەرنى بېرىش ئارقىلىق جىنسىي سودىسى قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى ھېچقانداق پايدىنىڭ يوقلۇقىنى، ھاياتىنى دوغا تىكىشكە ئەرزىمايدىغانلىقىنى بالىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك.
بالىلارغا ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاپقاندىن كېيىن، بىر - بىرىگە سادىق بولغاندىلا ئاندىن جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرسا بولدىغانلىقى، پەقەت مۇشۇ يولنىڭ ئەڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى تەكىتكەش كېرەك.
بالىلارغا مەلۇم بىر ئادەم جنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، دەرھال نەق مەيداندىن چىقىپ كېتىش، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى بىلەن بىللە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىش كېرەك.
ئەگەر سىز بىر قىسىم شوخ بالىلارنى تونۇسىڭىز، ئۇلارغا ئەيدىزنىڭ ھاياتقا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تونۇتۇش كېرەك ھەمدە ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىشى كېرەك.