تۈركىيىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى
ھازىرقى تۈركىيىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ياخشى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرۇشۇپ كەلگەن. 1922- يىلى تۈركلەر مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە تىنچ ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى. تۈركىيىنىڭ نىشانى مۇتلەق مۇستەقىللىقنى ۋە دۆلەت زېمىنىنىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلاش بولۇپ، بۇ نىشانمۇ ئەمەلگە ئاشتى. تۈركىيىگە قوشنا ئالتە دۆلەتنىڭ (سوۋېت ئىتتىپاقى، گرېتسىيە، بۇلغارىيە، ئىران، ئىراق، سۈرىيە) ئىچىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتى ئەڭ زور. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈركىيە بىتەرەپلىكنى ساقلىدى. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىيىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، زېمىنىنى بۆلۈپ بېرىشىنى ۋە دېڭىز بوغۇزىنى قوغداش ئىمتىيازىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. تۈركلەر 200 نەچچە يىلدىن بېرى مۇشۇنداق بېسىمغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانىدى. يەنە كېلىپ روسىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئۇرۇش قىلىش تارىخى تۈركلەرنى ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇر قىلغانىدى. شۇڭا ئۇلار 1947-يىلىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، خېلى زور كۆلەمدىكى قوشۇننى ساقلاپ كەلدى ھەم باشقا ئىقتىسادىي ياردەملەرنىمۇ قوبۇل قىلدى. تۈركىيە ھازىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت.
1964- يىلىدىن ئىلگىرى، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما، شۇنىڭدىن تارتىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا ناھايىتى دوستانە بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئۇرۇش قىلىش تەھدىتىدىن ۋاز كېچىپ، تۈركىيىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 1966- يىلى تۈركىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: «بىزنىڭ كىيىۋاتقىنىمىز بىر خىل رەڭلىك كىيىم ئەمەس»، دېدى. ئەمما ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. تۈركىيىنىڭ يەنە بىر قوشنىسى گرېتسىيىمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى. تۈركىيە-گرېتسىيە مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس بولۇپ كەلگەنىدى، ئەمما 1963- يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، سىپرۇس مەسىلىسىدە قاتتىق توقۇنۇش بولدى. 1967-يىلى يەنە توقۇنۇش بولۇپ، مۇناسىۋەت بىردىنلا يامانلىشىپ كەتتى. سىپرۇس مەسىلىسى تۈپەيلى تۈركىيە ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى، چۈنكى بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئامېرىكا تۈركىيىنى قوللىمىغانىدى. ئەمما، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدە تېخىمۇ مۇھىم سەۋەبلەر بار. ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى تەسىرى ناھايىتى روشەن ئىدى. ئەمما، ھەر قانداق بىر چوڭ دۆلەتكە زىيادە تايىنىۋېلىش ئاداۋەت پەيدا قىلاتتى. ئوخشاشلا، ئىلگىرىكى تارىخى پاكىتلارمۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ: ئوسمان ئىمپېرىيىسى غەربىي ياۋوپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇل قىلىشى، تېررىتورىيىدىن تاشقىرىلىق ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلاردىكى ئارىلىشىۋېلىشىنىڭ زىيىنىنى يەتكىچە تارتقانىدى. شۇڭا بۇ مەسىلىلەردە تۈركىيە ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى جەزمەن قوغدىشى، قىلچىلىك زىيانغا ئۇچراتماسلىقى كېرەك ئىدى.
تۈركىيىنىڭ باشقا قوشنا تۆت دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئوخشاش ئەمەس. ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس. ھەر ئىككىلا دۆلەت ھەربىي، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىتتىپاقى مەركىزى شەرتنامە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت. نەچچە ئەسىر داۋاملاشقان تۈركىيە-ئىران چېگرا توقۇنۇشى ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا كوممۇنىستىك پارتىيە گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولغان بۇلغارىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يەنە ئوڭايلا ياخشىلاندى. ئىراق بىلەن سۈرىيە تۈركىيىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ ئىككى ئەرەب دۆلىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنىدى. تۈركلەرگە شۇ نۇقتا ئېنىقكى، ئەگەر روسىيىلىكلەر سوۋېت ئىتتىپاقى چىگرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى قوشنا دۆلەت ئىراق بىلەن سۈرىيىدىن تۈركىيىنىڭ جەنۇبتىكى چېگرىسىغا بېسىم ئىشلەتسە، ئۇنداقتا تۈركلەر ئالدى-كەينى تەرەپتىن خەتەر ئىچىدە قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەنقەرە ھۆكۈمىتى ئىراق ۋە سۈرىيە بىلەنلا ئەمەس، مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن (ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋىتى ناھايىتى يىرىك بولۇپ كەلگەنىدى) تېخىمۇ بەكرەك چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. تۈركلەر ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما، بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، سىپرۇس مەسىلىسىدە تۈركلەر ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قوللىشى كېرەك. 1960- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۈركىيە دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بىر نەچچە ئەرەب دۆلىتىنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتتى. ئارقىدىن يەنە باشقا رەسمىي زىيارەتلەرنى ئېلىپ باردى. تۈركىيە-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقىنى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى تارىخىي پاكىتلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىدا، يەنى ئۇلارنىڭ تۆت ئەسىرگىچە ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەنلىكىدە. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىيسىنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۈركىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
بۇ تىنچسىز دۇنيادا تۈركىيە تىرىشىپ ئالغا باسماقتا. تۈركىيە جومھۇرىيەت مەزگىلىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالغا باسقانلىقى تۈپەيلى، دۇنيادىكى دۆلەتلەر تۈركىيە تارىخىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق چۈشەندى. غەربلىكلەر تۈركلەرگە بولغان كونا قارىشىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى «ياۋايىلار»، «بۇزغۇنچىلار» دەپ قارىمايدىغان بولدى. ئەمما، 1919- يىلى ئانتانتا دۆلەتلەر پارىژ سۈلھى يىغىنىغا قاتناشقان ئوسمان ئىمپېرىيىسى ۋەكىللىرىگە مۇنداق دېگەن ئىدى:
«مەيلى ياۋروپادا بولسۇن ياكى ئاسىيادا بولسۇن ۋە ياكى ئافرىقىدا بولسۇن، تۈركلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەتلەردە ماددىي گۈللىنىشنىڭ چېكىنمىگەنلىكىنى، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق... ياۋروپادىكى ناسارالارنىڭ ئىچىدە بولسۇن ياكى سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبستان ۋە ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بولسۇن، ئىستېلا قىلغانلىكى جاينى ۋەيران قىلىش تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئۇستا ماھارىتى؛ ئۇلار ئۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ قابىلىيىتى ھەرگىز بۇ جەھەتتە ئەمەس».
ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق پوزىتسىيە سەل ئادىل بولمىغان دېيىلسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇنداق دېيىشكە تۈركلەر ھەرگىز چىداپ تۇرالمايدۇ. تۈركلەر ئىلگىرى ھازىرقىغا ئوخشاشلا قەدىمقى رىملىقلار ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى شىمالىي ياۋروپالىقلاردەك تەشكىللەش، قۇرۇش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلغان ئىدى. تۈركلەر قەدىمقى رىملىقلار ۋە شىمالىي ياۋروپالىقلاردەك ھەربىيلەردىكى باتۇرلۇق، چىدامچانلىق، ئىنتىزامچانلىق قاتارلىق پەزىلەتلەرگە ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ. ئۇلار تەنتەربىيە جەھەتتە تۈركىيە ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە چىمپىيون بولغان كۈچتۈڭگۈر چېلىشىش ماھىرلىرىغا چوقۇنىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا گەپ سۆزگە ناقىس بولۇپ، دەسلەپ ئۇچراشقاندا، سەل سۈرلۈك تۈس بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ناھايىتى دوستانە، سېخىي، بەزىدە ناھايىتى زېرەك ۋە سۆزمەن. ئۇلار ئېغىر-بېسىق، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئىزدىنىش روھىغا باي، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىدىغان ئاساسىي ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە. ئۇلارغا بۇنداقلا باھا بېرىش سەل بىر تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. ئۆزگىرىشچان بۇ دۇنيادا خىلمۇخىل كىشىلەر بولغىنىدەك، تىرىكلەرمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ. ئەمما تۈركلەرنى چىشىنىدىغانلار بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
تۈركىيىمۇ ئۆزىنىڭ قەدىمكى تۈرلۈك مەدەنىيەتتىن تۈركلەردىن، ئىسلام دىنىدىن، ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن، غەربتىن ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. تۈركلەر «كونا» بىلەن «يېڭى»نىڭ قورشاۋى ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئابىدە شەكلىدىكى خىتتىلار ھەيكەللىرى، رىمنىڭ يومىلاق تىياتىرخانىلىرى، ۋىزانتىيىنىڭ نەققاشچىلىقى، سالجۇقىيلارنىڭ سودا-سارايلىرى، تۈركىيىنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرى، ئوسمانىيە دەۋرىدىكى مەسجىدلەر، ئاسفالىت يوللار ۋە يۇقىرى بېسىملىق سىتولبىلار بار. خۇددى ھازىر كېلەچەككە تۈرتكە بولۇۋاتقاندەك، ئۆتمۈش ھازىرغا تۈرتكە بولماقتا.
ئەنقەرەدىكى ئۇرۇس مەيدانى دەل-دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان، زامانىۋى بىر كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، كونا شەھەر رايونىغا تۇتىشىدۇ. مەيداننىڭ ئەتراپىدا قەدىمكى رىم ئۇسلۇبىدىكى ئائۇگۇستۇس چېركاۋى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ۋىزانتىيە شەھەر قەلئەسى، 15- ئەسىردە سېلىنغان ھاجى بايرام مەسجىدى، زامانىۋى ۋوگزال بار. مىللەتچىلىك ھەرىكىتى ھۆكۈمەتنى مۇشۇ يەرگە تەسىس قىلىش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشخانا بىنالىرى مۇشۇ يەرگە سېلىندى. ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ھەيكەلنىڭ ئاستى تەرىپىگە بىر چوڭ دەرەخ قاپارتما نەقىش شەكلىدە چۈشۈرۈلگەن، دەرەخنىڭ توم بىر شېخى دەرەخنىڭ غولىدىن ئېزىلگەن، دەرەخنىڭ ئۇچىدىن يېڭى شاخ-يوپۇرماقلار چىققان. يەنى بۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈركىيىگە كونا ئىمپېرىيىنىڭ خەلقى، يېرى، دىنى ۋە نۇرغۇن مەسىلىلىرى قالغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھەم ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە ھالاكىتى ئىچىدە قەد كۆتۈرگەن، ھەم ئىمپېرىيىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە ئالغا بېسىشى ئىچىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان. ئوسمان ئىمپېرىيسى 600 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇنى تۈركلەر قۇرغان. ھازىرقى تۈركىيىنىڭ تارىخىنى ئوسمان ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىن ئوسمانىيىدىن ئىلگىرىكى تۈركلەر دەۋرىگىچە ۋە ئىسلام دىنىدىن ئاۋۋالقى دەۋرلەرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.