ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
  • 1934 - يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر
  • كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ( داۋامى )
  • ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇن مىڭە ئوپېراتسىيىسىن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخى
  • پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار
  • 20 ئەسىرنىڭ -40 يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىد ...
  • بەخت ۋە بەختسىزلىك
  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋىرىدىكى كۇرۇسلار
  • تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
  • ئاسسىمىلياتسىيىگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى
  • «ئاتۇ» پاجىئەسى
  • ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى (داۋام ...
  • تۇڭگان 36- دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى
  • لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟
  • چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (1)
  • -1934 يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردىن ئەسلىمە
  • تۇمشۇقتىكى سوقۇش
  • تۈندىكى پاجىئە
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملا ...
  • شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى(سۇتۇق)
  • خوجانىياز ھاجىنىڭ ياركەنت، روسىيە،چۆچەك،باركۆل،ئالت ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىران بىلە ...
  • نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسل ...
  • ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (3)
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-23 ئاۋاتلىقى:1985
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    ئىجتىمائىي ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش

      ھازىرقى تۈركىيە سىنىپىي بىر تەرەپلىمە قاراش يوق، ئەمما ئېنىق ئىجتىمائىي دەرىجە بار جەمئىيەتتۇر. قارىماققا زىدىيەتلىكتەك بىلىنگەن بۇ قاراشنى تۆۋەندىكى ئىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: گەرچە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىختىلاپلار بولسىمۇ، ئەمما تۈركلەر ئۆزىگە سىنىپ نۇقتىسىدىن قارىمايدۇ، سىياسىي پارتىيىلەرمۇ بۇ خىل شەكىلدە تەشكىللەنگەن ئەمەس؛ جومھۇرىيەت تۈزۈلمىسىدىكى ئىدىئولوگىيىمۇ بۇنداق پەرقلەندۈرمەيدۇ. شۇڭا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان، بىر قەدەر زور بولغان ئىجتىمائىي يۆتكىلىشچانلىققا ئىگە. ئوسمان ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپ، كىشىلەر ئۆزىنىڭ جەڭ تۆھپىسى، ئالغان تەربىيىسى، ئەتىۋارلىنىشى ياكى تەلىپى تۈپەيلى، جەمئىيەتتە مۇھىم ئورۇنلارغا چىقالىغان. ھازىرقى ئۆلچەم بولسا ئالغان تەربىيىدۇر. ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپتا تەربىيلەنگەنلەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، سودا-سانائەت تارماقلىرىدا قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلەيدۇ. تېخى يېقىنقى مەزگىلگىچە، ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ھەربىيلىككە كىرسىلا، تەبىئىي ھالدا ئوفېتسىر بولالايتتى. ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلار ئومۇمى نوپۇستا ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما بۇ نىسبەت يىلسېرى ئېشىۋاتىدۇ. ساۋاتسىزلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىمۇ ئومۇملىشىشقا باشلىدى.

      بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، تۈركىيىدە تەربىيە ئالغان ئالاھىدە بىر تەبىقە مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدىكى ئالاھىدە تەبىقىلەر بار. تۈركىيىنىڭ پۈتكۈل تارىخىغا نەزەر سالساق، بۇ ئالاھىدە تەبىقە باشتىن-ئاخىرى جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەركىبى ۋە تۈرتكىلىك ئامىلى بولۇپ كەلگەن. دەسلەپتە بۇ تەبىقە ئوفېتسىرلار بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، مۇخبىرلار ئادۋوكاتلار ۋە دوختۇرلارمۇ بۇ تەبىقىگە تەۋە بولۇشقا باشلىغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن مۇشۇ ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىنى ئوفېتسىلارنىڭكى %90نى، ئىمپېرىيىنىڭ ساپالىق ئەمەلدارلىرىنىڭ %80نى ئۆتكۈزۈۋالدى. بۇ تەبىقىدىكىلەر 1918- يىلىدىن كېيىن تۈركىيىدە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىدى. ئەمما، ئىمپېرىيە پارچىلانغاندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلمىدى. تۈركىيىنىڭ بەش رەئىس جۇمھۇرىنىڭ تۆتى ئىمپېرىيە مەزگىلىدىكى گېنېراللار. ئۇلار قوماندانلىق قىلىش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئاممىۋىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ماھىرلىرىدۇر. جومھۇرىيەتنىڭ قايتىدىن ئادەم سايلاپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەلۋەتتە، ئوفېتسىرلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى نەزىرى ئۆتكۈر، خالىس ئىش قىلىدۇ، خەلققە بەخت يارىتىشنى كۆزلەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. تۈركلەرمۇ جاھاندىكى باشقا ئاۋام خەلقلەرگە ئوخشاش ئەمەلدارلاردىن قاقشايدۇ. ئۇلارنىڭ كونىلىققا ئېسىلىۋالغانلىقىدىن، سۆرەلمىلىك قىلىدىغانلىقىدىن، «ياق» دېيىشنىلا بىلىدىغانلىقىدىن ۋە قائىدە-نىزاملاردىكى، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىكى كىچىككىنە گەپلەرنىمۇ يوغىنىتىۋېتىشىدىن ئاغرىنىدۇ. چاكىنا ئەمەلدارلار مەسخىرە ئوبىيېكتى بولۇپ قالغان. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ھالى يوغان، ئۆز كۆمۈچىگە چوغ تارتىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدىغانلار ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئەمەلدارلارنى «ئىستىلىگە ئولتۇرسىلا، ھالى يوغىناپ كېتىدۇ» دەيدىغان گەپلەرمۇ بار. ئەمما، ئەمەلىيەت يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەرنىڭ يەنىلا خېلى قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەگەر ئاشۇنداق رەھبەرلىك گۇرۇھى بولمىغان بولسا، تۈركىيە تارىخىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايتتى. ئۆتكەن 20-30 يىل ئىچىدە بۇ ئىمتىيازلىقلار تەبىقىسى كۆپلىگەن كەسپىي خادىملارنى، بولۇپمۇ ئادۋوكاتلارنى ۋە ئوقەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلارنىڭ كۆپىنچىسى شەھەرگە توپلاندى. ئىسلام دىنى، غەربلىشىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى يۇقىرىدىكى بايانلاردىن تۈركىيە جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق توسالغۇلارنىڭ بىرىنىڭ چوڭ شەھەرلەر بىلەن باشقا ئۆلكىلەردىكى شەھەر-بازارلار ئارىسىدىكى روشەن پەرق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، تۈركىيىمۇ شەھەرلىشىش دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. 1955- يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، نوپۇسى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان شەھەر ئالتىگە يەتكەن؛ 1960- يىلى توققۇزغا يەتكەن؛ 1965- يىلى بولسا 14كە يەتكەن. نوپۇسى ئازراق بولغان شەھەرلەرمۇ ئوخشاش سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە. شەھەرنىڭ كۆپىيىشى ئاساسلىقى، سەھرالىقلارنىڭ شەھەرگە ئۈزلۈكسىز كىرىشىدىن بولغان. تۈركىيىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپلىرى شەھەرگە يېڭىدىن كەلگەن سەھرالىقلار بىلەن تولغان. بۇ سەھرالىقلارنى يېزىلارنىڭ نامراتلىقىغا بولغان ئۈمۈدسىزلىكىنى ئىپادىلىدى دېگەندىن كۆرە، خىزمەت ۋە تەلىم-تەربىيە پۇرسىتى ئىزدەش ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى دېگەن تۈزۈك. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى چوڭ شەھەرلەردە سەرگەردان بولۇشقا رازىكى، يۇرتىغا يېقىن جايلاردىكى باشقا ئۆلكىلەردىكى شەھەر-بازارلارغا بېرىشنى خالىمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ پۇرسەت ئىزدىشىدىلا ئەمەس. چۈنكى كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى تېخىمۇ قالاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاھىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىشى بىلەن شەھەردىكى نامراتلار (قالپاقلىقلار) قوشۇنى («قالپاقلىقلار» نىڭ ئەكسى جاھاندارچىلىقنى بىلىدىغان، بىر قەدەر باي بولغان «شىلەپىلىكلەر»دۇر) تېخىمۇ زورايدى. ئەمما، «قالپاقلىقلار»نى پۈتۈنلەي سانائەت پرۇلتارىياتى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرى تېخى يېقىندىلا غەربىي ياۋروپاغا، بولۇپمۇ غەربىي گىرمانىيىگە بېرىپ بىر قانچە يىل تېخنىكىسىز ياكى يېرىم تېخنىكىلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئاز-تولا پۇل تېپىپ تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەنلەردۇر. ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاز-تولا تەرەققىي قىلدى. بەزىدە كىچىك كۆلەملىك ئىش تاشلاش بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما شەھەر ئىشچىلىرىدا ئىتتىپاقلىق قارىشىنىڭ بولۇشى ياكى ئىتتىپاقلىقنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار كېيىنكى گەپ. ئېنىقكى، شەھەرلەر تېخى جەمئىيەتنىڭ بىرلىكى ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا تۇرالغۇ جاي ۋە مەھەللىلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. شەھەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بەلگىلەيدۇ؛ يېزىلار بىلەن بولغان پەرق يەنىلا ناھايىتى روشەن.

      تۈركىيە زۇڭلىسى دىملېر 1966- يىلى پارلامېنتتىكى نۇتقىدا: «تۈركىيىدە 35 مىڭ كەنت، 20 مىليۇن سەھرالىق بار، ئەمما كۆپ ساندىكى يېزىلاردا تاشيول، سۇ ئىنشائات سىستېمىسى، مەكتەپ ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى يوق؛ نۇرغۇن كەنتلەرگە ھازىرغىچە توك تارتىلغىنى يوق» دەپ كۆرسەتكەن. نۇرغۇ ن سەھرالىقلار جاپا-مۇشەققەتكە كۆمىلىپ كەتكەن بولۇپ، نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق ئىلكىدە. نۇرغۇن سەھرالىقلار يېرى بولمىغاچقا، يەر ئىگىدارلىرىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي مەسىلىلەر گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسدە رومان ياكى پوۋىست شەكلى بىلەن دېھقانلارنىڭ تەقدىرى ھېسداشلىق تەرىقىسىدە سۈرەتلەنگەن، پومىشچىكلار قامچىلانغان. رومىنھامدەك يەرلىك قەھرىمان-ئەزىمەتلەر مەدھىيلەنگەن. ئەمما، يول ياساش، ئاپتوبۇس، قاتناش ۋە رادىئونىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن ھەر يىلى نۇرغۇ ن كەنتلەر تاشقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق بولغىنى شۇكى، دېھقانلار تەدرىجىي ئويغىنىپ، يېڭى ئارزۇ-ئىستەككە تولۇشقا باشلىدى. بۇ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى تۈركىيىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىدە ئەكىس ئېتىدۇ 

     تۈركىيىنىڭ جومھۇرىيەتچىلىكى


    ھازىرقى تۈركىيە جومھۇرىيەتلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى بىلەن دېموكراتىك كۆپ پارتىيە سىياسىي تۈزۈمىنى قوللىنىدۇ. بۇ، بىر ئەسىرلىك ئۆزگىرىش، بىر نەچچە قېتىملىق ئىنقىلاب ۋە 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيىنىڭ يوقىلىشىغا ئاز قالغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. 1876- يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسى يازما ئاساسىي قانۇننى ۋە پارلامېنت تىزىمىنى قوللانغان تۇنجى مۇسۇلمان دۆلەتكە ئايلاندى. ھازىرقى قانۇن بولسا 1960- يىلدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، يەنى 1961- يىلى تۈزۈلگەن. 1876- يىلدىن 1921- يىلغىچە بولغان ئارلىقتا تۈركىيە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدى. 1876- يىلدىكى سىناق يۈكسەك ھوقۇققا ئىگە سۇلتان ھۆكۈمرانلىقىدىكى پادىشاھلىق ئاساسى قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. 1908- يىلى «ئوسمانىيە ياشلار پارتىيىسى ئەزالىرى» ئىنقىلابىدىن كېيىن، سۇلتاننىڭ ھوقۇقى ئاجىزلىدى؛ ئەمما پەقەت مۇستاپا كامالنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، خەلقنىڭ مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكى جاكارلاندى. 1923- يىلى جومھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بېرى، خەلقنىڭ مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە قىلچە غەيرى پىكىرلەر چىقمىدى. 20 نەچچە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، بىر پارتىيە خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا، كۆپ پارتىيە سىياسىيسى بىر پارتىيە تىزىمىنىڭ ئورنىنى ئالدى. كۆپ قىتىملىق خەتەرلەردىن كېيىن، كۆپ پارتىيە سىياسىيسى يەنىلا ساقلىنىپ قالدى. ئوڭچىل ۋە سولچىل گۇرۇھلارنىڭ خىرىسى تۈپەيلى تۈركىيە ھازىر ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان كاتتا شەخىسلەرنىلا ئەمەس، شەھەر ئاھالىلىرىنى، دېھقانلارنى ۋە شەھەردىكى ئىشچىلارنى تەرتىپلىك كۆپ پارتىيە سىياسىيسى ئىچىگە كىرگۈزۈش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
    1950- يىلى دېموكراتلار پارتىيىسى تىنچ سايلام ئارقىلىق جومھۇرىيەتچىلەر خەلق پارتىيىسىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋەزىيەتكە خاتىمە بەردى. تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ سايلامدىن كېيىن، دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي كۈچ- قۇدرىتىنى تونۇپ يەتتى. مۇستاپا كامال ئىلگىرى: «دېھقانلار بىزنىڭ خوجايىنىمىز»، دېگەنىدى. شەھەردىكى بەزى كاتتا شەخىسلەر بۇنى يۇمۇرىستىك مۇبالىغە دەپ قارىدى؛ ئەمما ئۇلار ھازىر بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. دېھقانلار ھۆكۈمەتكە قارىتا ھېلىھەم ئەنئەنىۋى گۇمانلىنىش پوزىتىسىيىسىدە. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ھۆكۈمەت باج يىغقۇچىلار ۋە فورما كىيگەن ساقچى ئەمەلدارلىرىدۇر. ئەمما، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ماددىي قولايلىقلىرىغا ياردىمى، تاشيول، مەكتەپ ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىگە موھتاج. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، ئاۋۋال ئوسمان ئىمپېرىيىسى، كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتتى. ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيىسى باج يىغىش، ئەدلىيە، ئامانلىقنى ساقلاش، زېمىننى قوغداش قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ھازىر يېزىلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ياخشى تەرەپلىرىدىن ئاز-تولا بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. سىياسەتۋازلار دېھقانلارنى ئۆزىگە بېلەت تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن، بىر تالاي قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىدۇ. رادىئومۇ بۇنىڭدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، بىر خەلق جەمئىيىتى بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ. يېزىلاردىكى قەھۋەخانىلاردىكى رادىئولارمۇ بۇنىڭغا بىر ئۈلۈش تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. چۈنكى بۇلار ساۋاتسىزلارنى گېزىت ئوقۇيالىغىدەك بولۇشتىن ئىلگىرى مەملىكەتنىڭ تۇرمۇش قاينىمىغا ئېلىپ كىرەلىدى. 1963- يىلى تۈركىيىدىكى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بىر مىليون 816 مىڭ رادىئونىڭ تەخمىنەن 4/1ى يېزىلاردا.

      تۈركىيىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا بەزىدە داۋالغۇشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. بۈيۈك مىللىي پارلامېنتتا كۈچلۈك مۇنازىرىلەر بولۇپلا قالماستىن، بىر-بىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان پارتىيىلەرنىڭ، داڭلىق شەخىسلەرنىڭ گېزىتلەردە بىر- بىرىگە ھۇجۇم قىلىشلىرى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. كۆزقاراشتىكى زىددىيەت، ھەرىكەتتىكى توختاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىلمۇخىل ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر پارتىيىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەنئەنە قايتىدىن پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، پۈتكۈل ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۈركلەر كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىيىنى خالايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئارمىيە سىياسىينىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ. ئەمما، ئۇلار يەنىلا جومھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى سۈپىتىدە چېگرادا تۇرىدۇ. ئارمىيە ھالقىلىق پەيتلەردە تۈركىيىنىڭ سىياسىيسىغىمۇ ئارىلاشقان. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئارىلىشىشى 1960- يىلى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئارمىيە ئۆكتىچىلەرنى باستۇرىدىغان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى بىكار قىلغانىدى. ئارمىيىنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىش-ئارىلاشماسلىقى سىياسىي رەھبەرلىكنىڭ سۈپىتى ۋە جومھۇرىيەت سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ كەيپىياتىغا، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوبدان ھەل قىلىش-قىلالماسلىقىغا باغلىق
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ