ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
  • 1934 - يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر
  • كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ( داۋامى )
  • ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇن مىڭە ئوپېراتسىيىسىن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخى
  • پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار
  • 20 ئەسىرنىڭ -40 يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىد ...
  • بەخت ۋە بەختسىزلىك
  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋىرىدىكى كۇرۇسلار
  • تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
  • ئاسسىمىلياتسىيىگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى
  • «ئاتۇ» پاجىئەسى
  • ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى (داۋام ...
  • تۇڭگان 36- دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى
  • لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟
  • چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (1)
  • -1934 يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردىن ئەسلىمە
  • تۇمشۇقتىكى سوقۇش
  • تۈندىكى پاجىئە
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملا ...
  • شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى(سۇتۇق)
  • خوجانىياز ھاجىنىڭ ياركەنت، روسىيە،چۆچەك،باركۆل،ئالت ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىران بىلە ...
  • نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسل ...
  • ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (2)
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-23 ئاۋاتلىقى:2863
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    تۈركىيىنىڭ غەربلىشىشى

      ھازىرقى تۈركىيە غەرب دۇنياسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تۈركلەر جۇڭگونىڭ چېگرا رايونىدىن غەربكە كۆچكەن. نىنما مەسلىكى بىلەن بۇددا دىنىنى تەرك ئېتىپ، غەربتىكى ئاساسلىق دىنلارنىڭ بىرى بولغان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن تارتىپ، غەربكە يۈزلەنگەن. يەنە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوسمان ئىمپېرىيىسى باشتىن-ئاخىر غەربكە تەئەللۇق، چۈنكى ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەركىزى بولغان ئەرەب رايونى بىلەن پىرسىيىنى ئەمەس، بەلكى ۋىزانتىيىنىڭ مەركىزى بولغان ئاناتولىيە بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىنى بازا قىلغان. ئەمما 16- ئەسىردىن كېيىن، ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن غەربىي ياۋروپا ئارىسىدا چوڭقۇر بىر ھاڭ پەيدا بولدى. بۇ ھاڭ ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ ئىختىلاپى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەمما شۇ ئىختىلاپ تۈپەيلى ھاڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىدى. بۇ ھاڭ تېخنىكا ۋە سانائەت جەھەتتە (زاۋۇت، قورال-ياراقتىن تارتىپ، ئۇششاق نەرسە-كېرەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ماددى جەھەتلەردە) ئەڭ گەۋدىلىك بولدى. كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىش ۋە يۈكسىلىش ھەم پەن، مائارىپ، سودىغا بولغان پوزىتىسىيىسىدىمۇ ناھايىتى گەۋدىلىك ۋە تېخىمۇ مۇھىم ئىختىلاپ بولدى. 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن باشلاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانلىرى ۋە سىياسىئونلىرى ئاڭلىق ھالدا تۈرلۈك چارىلار ئارقىلىق بۇ ھاڭنى يوقىتىشقا تىرىشتى. 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا، ئوسمان ئىمپېرىيىسى خېلى زور دەرىجىدە غەربلىشىپ بولغان ئىدى. ئەمما، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، غەربلىشىش قەدىمى تېخىمۇ تېزلەشتى.

      ماددىي جەھەتتىكى غەربلىشىشنى ھازىر ھەممىلا جايدا، بولۇپمۇ چوڭ شەھەلەردە كۆرگىلى بولىدۇ. ئىستامبولدا غەربتىكىدەك قاتناش قىستاڭچىلىقى ئادەتتىكى ئىش. ئەگەر سىز مىسىر سودا سارىيىنىڭ ئالدىدىكى توختاپ قالغان ماشىنىلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كەينىدىكى تار كوچىغا كىرسىڭىز، شەرقچە مەپە-ھارۋىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالىسىز. توڭلاتقۇ، رادىئو، ئۈنئالغۇ، كىر ئالغۇ، ئەڭ يېڭى ئانتىبىئوتىك دورىلار، تۈرلۈك سۇلىياۋ ئويۇنچۇقلار بارغانسېرى ئومۇملاشماقتا، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم تاۋارلار چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان ئەمەس، بەلكى يەرلىك مەھسۇلاتلاردۇر.
    ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش جەريانىمۇ غەربلىشىشنىڭ بىر قىسمى. ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنىڭ تىزىملىرىمۇ قانۇن سىستېمىسىغا ئوخشاش غەربچە ئەندىزىنى (ئاساسلىقى فرانسىيە ئەندىزىسى) ئاساس قىلغان. مەكتەپلەر غەربلىشىشنىڭ بەلگىسىلا ئەمەس، بەلكى غەربلىشىشنىڭمۇ ئاساسلىق ۋاسىتىسى بولۇپ، تۈرلۈك بىلىملەر 1928- يىلى قوللانغان ياۋروچىلاشتۇرۇلغان يېڭى ھەرپلەر ئاساسىدا يەتكۈزىلىدۇ. بىلىم ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە تۈركىيىنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار، ئەمما ئاھالىلەرنىڭ ساۋاتلىق نىسبىتى ھازىر %50گە يېقىنلاشتى. ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ غەرب ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، تۈركىيىدە پەقەت بىرلا ئۇنىۋىرسىتېت بولۇپ، ئىستامبولدا ئىدى. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، تۈركىيىدە ئۇنىۋېرسىتېت 7گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس كۇرس تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بار. غەرب تىلىنى ئۆگىنىشمۇ كۈنسېرى ئومۇملاشماقتا، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئاساسلىقى، فرانسۇز تىلى ئۆگىنىلەتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىلىدىغان بولدى. تۈرك تىلىدا سىرتتىن كىرگەن سۆزلەر خېلى كۆپ. بىر مەھەل غەربلىشىش «چېكى»دىن ئېشىپ، ھەتتا «ئاخشام»، «ۋوگزال باشلىقى»، «پاتېنت» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھەممىسى فرانسۇزچىدىن «ئىمپورت» قىلىپ ئىشلىتىلدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈرك يازغۇچىسى نەمىك چانچى «بىز ئۆزىمىزنى ئەرەب قۇملۇقى بىلەن سىزار باغچىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىمىزغا، پارىژدىكى لاتىن رايونىنىڭ سىرلىق ئوردىسىغا كىرىپ قالدۇق»، دەپ ئاغرىنغان. نېمىلا دېمەيلى، غەربچە نۇرغۇن سۆزلەر جۈملىدىن futbol (پۇتبول)، parti (ئىجتىمائىي يىغىلىش) دېگەندەك سۆزلەر تۈرك تىلىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ھازىر غەرب مۇزىكىسى تۈركىيىنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرىغا ئوخشاشلا مودا بولماقتا. ئاۋانگارت تىياتىر، رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق، شېئىر، پروزا قاتارلىقلار ياۋروپالاشقان سەنئەتكارلارنىڭ قولىدىن چىقىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر غەربلىشىشنىڭ چېكىگە يېتىپ، ئۇسسۇل، لايىھە ۋە ئاھاڭ جەھەتلەردە «مىللىي» ئالاھىدىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى. 

      ھازىرقى تۈركىيىنىڭ غەربلىشىش دەرىجىسىنى مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتىن ئالغاندا، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسمنى؛ نوپۇس جەھەتتىن شەھەر بىلەن يېزىلارنى؛ ئىجتىمائىي ئورۇن جەھەتتىن ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا تۈركىيىنىڭ ياۋروپاغا يېقىن رايونلىرىنىڭ غەربلىشىش دەرىجىسى ئىران چېگرىسىغا تۇتىشىدىغان رايونلارنىڭكىدىن يۇقىرى. مەسىلەن، 1963- يىلى ئىستامبولدا شەخسىي ماشىنىدىن 16 مىڭ 170ى، تاكسىيدىن 12 مىڭ 370 ى بار ئىدى. ئەمما بىنگول ئۆلكىسىدە شەخسىي ماشىنىدىن پەقەت بىرسى، تاكسىيدىن ئىككىسىلا بار ئىدى. بۇ رەقەملەر ئىككى رايوننىڭ يول ۋە بايلىق ئەھۋالىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما بىز بۇنىڭدىن ئىككى جاينىڭ مائارىپ ۋە كۆز قاراش جەھەتتىكى غەربلىشىشنىڭ پەرقىنى كۆرىۋالالايمىز. 1966- يىلى شەرقىي قىسىمدىكى قوشنا ئىككى ئۆلكە ئەرزۇرۇمدا قاتتىق يەر تەۋرىگەندە، ئۇ يەرنىڭ قالاقلىقى پۈتۈنلەي ئاشكارىلاندى.
    شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدىكى زور پەرقنى ماددىي تۇرمۇش ئارقىلىق روشەن سۈرەتلەشكە بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ دىن، جەمئىيەتكە بولغان پوزىتىسىيىسىدىمۇ شەھەر - يېزىلارنىڭ پەرقى ئىپادىلىنىدۇ. 1950- يىلى ماكار يازغان «بىزنىڭ كەنتىمىز» نەشىردىن چىققاندا، شەھەردىكى بىلىملىك زاتلار ئارىسىدا بىر مەھەل غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. ئاپتور بىر يېزا مەكتىپىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ، يېزىلارنىڭ ماددىي جەھەتتىكى نامراتلىقىنى سۈرەتلەپ بەرگەن، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ روھىي كەمبەغەللىكىنىمۇ ، نادان، خۇراپىيلىقىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. تۈركىيىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرى باشقا ئەللەردىكى، ھەتتا ئامېرىكىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئوخشاش نامرات، تەلىم-تەربىيە شارائىتى ناچار، يېزا-قىشلاقلار توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەيدۇ. ھازىر تۈركىيىدىكى ئالىملار، دوختۇرلار، كارخانىچىلار، باشقۇرغۇچىلار، ئىلىم ئەھلىلىرى، ئىنژېنىرلار ۋە سودىگەرلەر سان جەھەتتىن دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسىمۇ، ئەمما سەۋىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلارنى غەربنىڭ ھەرقانداق ئۆلچىمىگە سالغاندىمۇ يەنىلا يۇقىرى؛ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تۈركىيىدە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەكشىسىز. بۇ مەسىلە بارلىق دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئەڭ گەۋدىلىك. ئاز-تولا نەتىجىسى بارلار يا چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ تۇرىدۇ، يا تېخىمۇ كەڭ تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ۋە ئەۋزەل تەمىناتقا ئېرىشىش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىدۇ. ئەمما، ئۆز دۆلىتىدىكى شەھەر-بازارلاردا ئىشلەشنى خالىمايدۇ. «ئىقتىساسلىقلارنىڭ سىرتقا ئېقىشى» ھەل قىلىش قىيىن بولغان بىر مەسىلە. 1965- يىلدىكى سىتاتستىكىغا ئاساسلانغاندا، چەتئەللەردە دوختۇرلۇق قىلىدىغان تۈركىيە دوختۇرلىرى ئىككى-ئۈچ مىڭغا يەتكەن، ئەمما تۈركىيىدىكى سان-ساناقسىز يېزا-كەنتلەردە بىرمۇ دوختۇر يوق.

      ئەر-ئاياللارنىڭ ئورۇن جەھەتتىكى پەرقى ئىجتىمائىي دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشپ بارغانسېرى روشەنلەشتى. نۇرغۇن كەسىپلەر ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى ئاياللارغا ئېچىۋېتىلدى. نۇرغۇن ئاياللار بۇ جەھەتلەردە خېلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش پۈتۈنلەي ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايدۇ، ياخشى تەربىيە ئالغان ئاياللارمۇ ھەم شۇنداق؛ باشقا ئۆلكىلەردىكى كىچىك شەھەر-بازارلاردىكى ئاياللار ھېلىھەم ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈزىنى يۆگىۋالىدۇ. يېزا ئاياللىرى بۇ جەھەتتە سەل ئەركىن.

      قانداقلا بولمىسۇن، غەربلىشىش ئومۇمىيۈزلىك ئەمەس، ئەمما ئۇ كۆرگىلى بولىدىغان ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئېقىمدۇر. غەربلىشىش 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا باشلانغان بولۇپ، ھازىر بۇ ئېقىمنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا غەربتىكى بىرەر دۆلەتنىڭ ئەندىزىسى ئاساس قىلىنمىغان، بەلكى غەرب مەدەنىيىتى بىلەن تۈركىيە مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزگىچىلىك ھاسىل قىلغان.

    ئىقتىسادىي تەرەققىيات


    ھازىرقى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقتى. تۈركىيە ئاھالىسىنىڭ 4/3ى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئاشلىق ۋە ئاساسلىق ئېكىسپورت تاۋرلىرى پاختا ، تاماكا ، مېۋە-چىۋە بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1948- يىلدىن بېرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى يىلىغا %4 ئەتراپىدا ئاشقان بولۇپ، نوپۇسنڭ كۆپىيىش سۈرئىتىدىن سەل ئېشىپ كەتكەن. بۇ يەردە ماشىنىلاشتۇرۇش مەسىلىسى بار بولۇپ، تراكتورنى ئەنئەنىۋى تۆمۈر-ياغاچ ساپانلارنىڭ ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن ھارۋىلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. تراكتور خېلى ئومۇملاشقان، 1963- يىلى مەملىكەت بويىچە تراكتور 50 مىڭغا يەتكەن، ئەمما 1948- يىلى ئاران بىر مىڭ 750 ى بار ئىدى. بۇ يەردە يەنە تراكتورنى ئاسراپ ئىشلىتىش، رېمونت قىلىش ۋە باشقا دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مەسىلىسى بار. تراكتور ئابرۇينىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. تراكتورى بار دېھقانلار بەزىدە تراكتورى ئارقىلىق يۈگۈرەش مۇسابىقىسىگە، ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ياكى تراكتورنى ھەيدەپ، شەھەرگە كىنو كۆرگىلى كىرىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا يەنە قۇرغاق بولغان ئوتتۇرا قىسمدىكى يەرلەرنى قانداق سۇ باشلاپ سۇغىرىش، يەر ئىسلاھاتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش، يېرى يوق دېھقانلارنى خاتىرجەم تېرىقچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتە ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىشلەپچىقىرىش بىرلىكىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بار. ئېنىقكى، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، تۈركىيىدە ھازىر يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى داۋاملىشىۋاتىدۇ، قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. ھۆكۈمەتتىكى ۋە گېزىتلەردىكى مۇنازىرىلەردىن بۇ مەسىلىلەرگە ئومۇمىيۈزلۈك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

      سانائەتلىشىشمۇ تېز بولۇۋاتىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ئېكىسپورت كىرىمى بارغانسېرى ئېشىپ، ماشىنا سانائىتىگە مەبلەغ سېلىنىدىغان تاشقى پېرىۋوتمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ھازىر تۈركىيىدە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ داغدۇغىسى باشلاندى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە گەرچە ئاز-تولا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما چوڭ سانائەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ئاستا بولغان. ھازىر تۈركىيىدە چوڭ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، بىرى قارابىكتە، بىرى ئېرىگېلدا، ئېرىگېلدىكىسى 1965- يىلى ئىش باشلىدى. توك كىچىمۇ ئىزلىكسىز ئاشماقتا؛ يېۋفۇرات دەرياسىدىكى كېبان چوڭ توسما قۇرۇلۇشىغا 1966- يىلى ئۇل سېلىنغاچقا، ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا ئۇزاق قالمىدى. توقۇمىچىلىق بويۇملىرى، سېمونت، ئەينەك ۋە باشقا سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يەنە، 1965- يىلى تۈركىيە ئۆزى ئىشلىگەن تۇنجى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىلدى. بۇ ماشىنىنىڭ كۆپ قىسىم زاپچاسلىرى تۈركىيىنىڭ ئۆزىدە ئىشلەنگەن. تۆمۈر، كۆمۈر، خروم، مىس، نېفىت قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ قېزىلىۋاتىدۇ. باتمان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدىن ئىسكەندەرىيە پورتىغا بارىدىغان 300 مىل ئۇزۇنلۇقتىكى نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى1967- يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. سانائەتلىشىشتىمۇ مەبلەغ توپلاش؛ سانائەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ، سىياسىي ياكى ئىستىراتېگىيلىك مەقسەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە تەسىس قىلىش؛ تېخنىكلارنى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيىلەش؛ بىيۇكراتلىقنىڭ تىزگىنىدىن قۇتۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بار.

       تۈركىيىنىڭ تەرەققى قىلدۇرغان ئىگىلىكى دۆلەت كاپىتالىزمى بىلەن خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئارىلاشما ئىگىلىكىدۇر. گەرچە دۆلەت سوتسىيالىزمى ۋە تىزگىنلىشىدە ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە دۆلەت مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش 30- يىللاردا بېكىتىلگەن ئاساسى پرىنسىپلارنىڭ بىر قىسمى ھېلىھەم رول ئويناۋاتىدۇ، ئەمما كونكرېت ئەمەلىيەت جەريانىدا بۇ پرىنسىپلار دوگما ھالدا قوللىنلماستىن، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا قوللىنىلىدۇ. 1963- يىلدىن كېيىن تۈزۈلگەن ئىككى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىدا يىللىق ئېشىش نىسبىتىنى %7 گە يەتكۈزۈش بەلگىلەندى. ھازىر تۈركىيىگە ساياھەتكە بارغانلار بۇنىڭدىن ھەم گۇمانلىنىدۇ ھەم خۇشال بولىدۇ. ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن كۆپ. بەزى ئوقەتچىلەر تۈركىيە ھازىر ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ (بايلىق مەنبەلىرى مۇشۇ يەردە، پەن- تېخنىكا تەرەققىي قىلماقتا). كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا (نېفىت زاپىسى مول دۆلەتلەردىن باشقا)، تۈركىيىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

     

    داۋامى بار

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ