ھەر يىلى 10- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە، تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بارلىق پائالىيەتلەر ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ. ماشىنىلارتوختاپ يولۇچىلار ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۆرە تۇرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، تۇنجى رەئىس جۇمھۇر مۇستافا كامالنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بەش مىنۇت سۈكۈتتە تۇرىدۇ.
مۇستاپا كامال 1938- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. تۈركىيىدىكى ھازىرقى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلەر بولۇپ، ئۇلار مۇستاپا كامالنى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى مەكتەپ تەربىيىسى ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى پاراڭلاردىن بىلگەن. ئەمما، تۈركىيە ھېلىھەم ئۇنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ كەلمەكتە. مۇستاپا كامالنىڭ رەسىملىرىنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. گەرچە ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تۈركىيە خېلى ئۇزۇن مۇساپىنى باسقان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە يەنىلا ئۇ ھايات ۋاقتىدا بېكىتكەن يېتەكچى پرىنسىپلار ، چەكلىك بولغان تۈركىيە مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇش ۋە قوغداش؛ تۈركلەرنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئويغىتىش؛ ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت، قانۇن ۋە مائارىپنى تىزگىنلىشىدىن قۇتۇلۇش؛ ماددىي تۇرمۇشتىلا غەربلىشىپ قالماستىن، ئىجتىمائىي تىزىم، ئىدىيە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەردىمۇ غەربلىشىش؛ ئىقتىسادنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇش؛ سىنىپقا بۆلىنىشتىن ساقلىنىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش؛ جۇمھۇرىيەتلىك ھۆكۈمەت تىزىمىگە سادىق بولۇش؛ تىرىشىپ ئىناق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە. بۇ پرىنسىپلارنى تىزىش ۋە تەشەببۇس قىلىش پۈتۈنلەي مۇستاپا كامالغىلا تەئەللۇق ئەمەس. ئەلۋەتتە، بۇنى ئىلگىرىكىلەرنىڭ يۈز يىلدىن بېرى ئىنقىلاب قىلىپ، ئاساس سېلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىرقى تۈركىيىنى قۇرۇشتىكى ئاساسلىق ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئەمما، يۇقىرىدىكى بەزى نىشانلار، بولۇپمۇ مىللىي دۆلەت قۇرۇش، ھۆكۈمەت بىلەن دىننى ئايرىش ۋە جۇمھۇرىيەتلىك ھۆكۈمەت تىزىمى قاتارلىق ئۈچ نىشان ئۇنىڭ ئىجادىي قارىشىدۇر. مۇستاپا كامال تۈزگەن پرىنسىپلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ھازىرقى تۈركىيىنى كۆزىتىشىمىزگە پايدىلىق.
تۈركىيە مىللىي دۆلىتى
ھازىرقى تۈركىيە مىللىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم بولۇپ، زېمىنى ئاساسەن تۈركلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بىلەن چەكلىنىدۇ. تۈركىيە زېمىنى ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىدىكى تراكيېتىسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، تۈركىيە زېمىنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى كىچىك ئاسىيادىكى ئاناتولىيە ئېگىزلىكى بولۇپ، ئۇ بوسفۇر بوغۇزى، مارمارا دېڭىزى ۋە داردانىل بوغۇزى قاتارلىق مۇھىم يوللارنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە جايلاشقان. تۈركىيىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 300 مىڭ كۋادىرات مىلغا يېقىن بولۇپ، تېكساس شىتاتىدىن سەل چوڭراق، ئەمما فرانسىيە بىلەن بۈيۈك بىرتانىيە (ئەنگىليە) يەر كۆلىمىنىڭ يىغىندىسىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى تۈركىيە زېمىنى ئەينى ۋاقىتتىكى يات مىللەتلەر ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، غايەت زور ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭكىگە يەتمەيدۇ (بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئوسمان ئىمپېرىيىسى تېخىمۇ پارچىلىنىپ كەتتى. ھازىرقى تۈركىيە ئاشۇ خارابىلىقلار ئىچىدە قەد كۆتۈرگەن). تۈركىيىنىڭ ھازىرقى زېمىنى باشقۇرۇشقا ۋە قوغدىنىشقا تېخىمۇ ئەپلىك. ھازىرقى تۈركىيە زېمىنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئاناتولىيە ئېگىزلىكى، دەل- دەرەخلەر ياشىرىپ تۇرىدىغان ئېگىي دېڭىز قىرغىقى ۋە بويلىرىدىكى پورتلاردىن ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئېگىز- پەس ئېگىزلىكلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتىكى تاغلىق رايونغىچە (بۇ يەردىكى ئەڭ ئېگىز جاي دائال تېغى بولۇپ، غەربلىكلەر ئۇنى ئارارات تېغى دەيدۇ) سوزۇلغان. بۇ جاي سالجۇق تىرىكلىرى (ئوسمان تىرىكلىرىنىڭ ئەجدادى) ئولتۇراقلاشقان جاي. ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەينى يىللىرى مۇشۇ جايدىن سىرتقا قاراپ كېڭەيگەنىدى، ئەمدىلىكتە بۇ جاي يەنە جۇمھۇرىيەتنىڭ مەركىزىي رايونىغا ئايلاندى. ئىلگىرى ئىمپېرىيىنىڭ پايتەختى بولغان ئىستامبول بوسفۇر بوغۇزىنىڭ ياۋروپادىكى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەر ھازىرمۇ تۈركىيىدىكى بىرىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. نوپۇسى ئىككى مىليۇنغا يېقىنلىشىدۇ. ئەمما، جۇمھۇرىيەتنىڭ سىمۋولى بولغان پايتەخت ئەنقەرە ئاناتولىيە ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يېقىنقى يېرىم ئەسىر ئىچىدە كىچىك بىر بازاردىن تەرەققىي قىلىپ، نوپۇسى بىر مىليونغا يېقىنلىشىدىغان چوڭ شەھەرگە ئايلاندى.
تۈركىيە تۈركلەرنىڭ دۆلىتى. 1965- يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا تۈركىيە نوپۇسى 31 مىليون 391 مىڭغا يەتكەن. يۇقىرىدىكى نوپۇسلارنىڭ قانداق تىل تۈركىمىگە ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ماتېرىيال يوق، ئەمما تۈرۈك تىلىنى ئانا تىل قىلغان ئاھالە %90دىن ئاشىدۇ، چۈنكى 1960- يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بۇ نىسبەت %90گە يېتىپ بولغان. كۇرد تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار 1960- يىلدىكى نوپۇسنىڭ %6 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. يەنە ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر ئەرەب، گرېك، ئەرمەن، لاز، «يەھۇدىي» جۇرجىيە، چېركىس، بۇلغار ياكى كرور تىلىدا سۆزلىشىدۇ. بۇ قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئوسمان تىرىكلىرى بويسۇندۇرغان؛ بىر قىسمى بولسا غەربتىكى خرىستىئان دىنى دۆلەتلىرىنىڭ، چار پادىشاھ روسىيىسىنىڭ ياكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، 16- ئەسىردىن 20- ئەسىرگىچە بولغان مەزگىللەردە تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار. ئوسمانىيىنىڭ ئەجدادلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تىلىنىڭ بىردەكلىكىدۇر (گەرچە دېئالىكىت ۋە شېۋىلەردە ئازراق پەرقلەر بولسىمۇ). تۈركىيە نوپۇسى ئاساسلىقى ئۆسىۋاتقان ياشلاردىن تەركىب تاپقان. نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى 15 ياشتىن كىچىك. جومھۇرىيەت قۇرۇلغان دەسلەپكى 20 يىلدا نۇرغۇن كىشىلەر نوپۇسنىڭ ئازلىقىدىن ئەنسىرىگەن. ئەمما يېقىنقى يىللادىن بىرى كىشىلەر نوپۇسنىڭ كۆپلىكىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. نوپۇسنىڭ يىللىق كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ %3- %.5گىچە بولۇشى ھۆكۈمەتنى تۇغۇتنى تىزگىنلەيدىغان پىلانلارنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر قىلدى.
تۈركىيىنىڭ مىللىي ئېڭى
تۈركلەرنىڭ مىللىي ئېڭى، يەنى تىرىك مىللىي تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك. بۇ دېگەنلىك ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى، ساپ قان سىستېمىسىدىكى تۈرك دېگەنلىك ئەمەس، گەرچە بەزى جەمەتلەر «ئۆز تۈرۈك» («ساپ تۈرۈك») دېگەن فامىلىنى قوللانسىمۇ. ئۆتكەن بىر نەچچە ئەسىر ئىچىدە، ئۆز ئارا قۇدا بولۇش ۋە ئىسلام دىنىغا كىرىش نەتىجىسىدە، تىرىكلەر ئاناتولىيە بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىدىكى مىللەتلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. ھازىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قىزىقتۇرۇۋاتقىنى تىرىكلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تۈركلەر كېلىشتىن ئىلگىرىكى ئاناتولىيىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىمۇ بار. بۇ تارىخنى ترويانلار بىلەن خىتتىلار دەۋرىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەن مىللەتلەر، جۈملىدىن تۈركلەر ترويان مەدەنىيىتى، خىتتى مەدەنيىتىدىن ۋە كېيىنكى دەۋىرلەردە باشقا تەرەپلەردىن نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن. ھازىرقى تۈركلەرنىڭ تۈركىيە مىللىي ئېڭى تۈرك مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ تۈرك تىلىغا بولغان بىر پۈتۈن تونۇشىدۇر. شۇنداقلا ئورتاق تارىخقا بولغان تونۇشىدۇر. قىسقىسى، تۈرك مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىغا بولغان تونۇشىدۇر. بۇ خىل پۈتۈنلۈك ئېڭى جومھۇرىيەت دەۋرىدىلا تىكلەنگەن. بۇ جەھەتتىكى ئىشلار تېخى تۈگىگىنى يوق، بىر قىسىم تۈركلەردە تېخى بۇنداق ئاڭ يوق.
ئوسمان ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە بىر تۈرك ئۆزىنى مۇسۇلمان، ئوسمانىيە سۇلتانىنىڭ پۇقراسى ياكى مەلۇم بىر رايوننىڭ ئادىمى دەپ قارىسا بولاتتى. ئەمما ئۆزىنى تۈرك دەپ قارىمايتتى. چۈنكى «تۈرك» دېگەن بۇ سۆزنى ئەينى ۋاقىتتا ياخشى تەربىيە ئالغان ئوسمانىيە ئېسىلزادىلىرى تەربىيە ئالمىغان يەرلىكلەرنى ۋە سەھرالىقلارنى كەمسىتكەندە ئىشلىتەتتى. ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئەرەبچە ۋە پارىسچىدىن كىرگەن نۇرغۇن سۆزلەر بولغاچقا، يازغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىشلىتىدىغان يېزىق تىللىرىنى ئادەتتىكى سەھرالىقلار چۈشىنەلمەيتتى. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، تىل ئاددىيلىشىشقا باشلىدى. جومھۇرىيەت دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ ئىش تېخىمۇ تىزلەشتى. تىلنى «ساپلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى 20- ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىۋاتقان ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ئورنىغىمۇ ناتونۇش بولغان تۈركچە سۆزلەر ئىشلىتىلدى. گەرچە تىلنى «ساپلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى ھازىر سەل سۇسلىغان بولسىمۇ، ئەمما 60- يىللاردا تۈرك تىلىنى ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت پات - پات يېڭى بىر تۈركچە سۆزنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. تىل ئېڭىنىڭ روشەن بەلگىسى، ئەمما يېقىنقى زاماندىكى تۈرك مىللەتچىلىكى تىلنى «ساپلاشتۇرۇش» بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭدا مىللىي دۆلەتكە سادىق بولغان ئورتاق ئېتىقاد يىلتىز تارتقان. ھازىر تەربىيە ئالغان تۈركلەر ئاۋۋال ئۆزىنى تۈرك دەپ قارايدۇ، ئاندىن ئۆزىنى مۇسۇلمان ياكى بىرەر رايوننىڭ ئادىمى دەپ ھېسابلايدۇ. تەربىيە ئالمىغان سەھرالىقلارمۇ بارغانسېرى مۇشۇ خىل قاراشقا مايىل بولۇۋاتىدۇ.
دىننىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇش
تۈركىيە ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن دۆلەت. ئىسلام دىنىنىڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان چەكلىمىسى تۈگىتىلگەن. ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ دىنى سىياسىتى خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. تۈركىيە ئاھالىسىنىڭ %99ى مۇسۇلمان. گەرچە تەربىيە ئالغان، شەھەردە تۇرىدىغان بىر قىسىم مۇسۇلمانلار باشقا دۆلەتلەردىكى تەربىيە ئالغان، شەھەردە تۇرىدىغان ناسارالارغا ئوخشاش ئىدىيە ۋە ئادەت جەھەتتە روشەن دىنىي تۈسكە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى يەنىلا كۈچلۈك. ئىسلام دىنىنىڭ ئىزنالىرى ناھايىتى تولا: بۇرۇنقى مەسجىدلەر بولۇپلا قالماستىن، يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان مەسجىدلەرمۇ بار؛ رامىزان ئېيىدا كۈندۈزى تاماق يېيىلمەيدۇ؛ پاراخۇت - ماشىنىلارغا چىقىپ «مەككە»گە ھەج قىلىشقا ماڭىدىغان مۇسۇلمان ئەر-ئاياللار ناھايىتى كۆپ؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر ھەمىشە «ئاللاھ خالىسا» دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ؛ گەرچە قانۇندا بىر ئەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، توي قىلغان ئاياللار توي قىلغان ئەرلەردىن كۆپ؛ يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ ماچتىسىغا «قۇرئان»دىن بىرسى ئېسىپ قويۇلغان. 1950- يىلدىن بېرى، ئاشكارە سورۇنلاردا دىنىي مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ، بەزى ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىندى، ھۆكۈمەتمۇ بۇنى قوللاپ كەلدى. دىن ھېلىھەم ئەكسىيەتچىل سىياسىي ھەرىكەتنى قوزغىيالايدۇ.
ئەمما، تۈركىيە تا ھازىرغا قەدەر مۇستاپا كامال 1920-يىللاردا تىزىپ بەرگەن ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى غايەت زور ئىسلام ئىمپېرىيىسى ھازىر دىندىن خالىي جۇمھۇرىيەتكە ئايلاندى؛ ئىلگىرى سۇلتان ئۆزىنى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ «خەلىپە»سى دەپ ئاتايتتى؛ ھازىر سۇلتان يوق، «خەلىپە»مۇ يوق، پەقەت ھېچقانداق دىنىي ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان بىرلا رەئىس جۇمھۇر بار. ئىلگىرى قانۇن شەرىئەتكە ئاساسلىناتتى؛ ھازىرقى قانۇن غەربىي ياۋروپانىڭ دىندىن خالىي قانۇنلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن. ئىلگىرى مائارىپ دىنىي مائارىپ بولۇپ، مۇسۇلمان ئۆلىمالار باشقۇراتتى. دىنىي ساخاۋەت ئورگانلىرى ياردەم قىلاتتى؛ ھازىرقى مائارىپ دىندىن خالىي (گەرچە باشلانغۇچ مەكتەپتە دىنىي دەرىسلىكلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ)، ئوقۇتقۇچىلارمۇ كىچىكىدىن تارتىپ دىندىن خالىي تەربىيە ئالغان، ئۇلارغا ھۆكۈمەت مائاش بېرىدۇ.