ھۇنلار ئېلىمىزدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت . ئۇلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە باش كۆتۈرگەندىن تارتىپ مىلادىيە 1 - ئەسىردە زاۋاللىققا يۈزلەنگىچە تەخمىنەن 300 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ، مىلادىيە 3 - ئەسىردىن مىلادىيە 5 - ئەسىرگىچە يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تەخمىنەن 200 يىل پائالىيەت قىلىپ جوڭگو ۋە دۇنيا تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن .
ھۇنلار باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن بۇرۇن چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇب ، شىمالىدا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ گۈيفاڭ ، شيەنيۈن ۋە روڭ ، دى دەپ ئاتىلىدىغان مىللەتلەت باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى . ھۇنلار يۇقۇرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بۆلۈنۈشى ، بىرلىشىشى ، تارقىلىشى ، كۈرەش قىلىشى ۋە سىڭىشىشى ئارقىلىق مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردە ئۆزىنىڭ "ئىقتىدارى" نى پەيدىنپەي ئاشكارىلاپ ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ ، تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويدى . ھۇنلار پەيدا بولغان " بۆشۈك " بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلدىكى خېتاۋ ۋە داچىڭشەن (چۇغاي تېغى) ئەتراپىدا ئىدى .
ھۇنلار ناھايىتى بۇرۇنلا ئۇرۇقداش قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ شەكىللەندى . تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامەئەسىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بارلىققا كەلدى . ھۇن جەمىيىتى قۇلدارلىق تۈزۈم خاراكتېرىدە ئىدى . تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە ھۇنلارنىڭ ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى پەيدىنپەي مەيدانغا كېلىپ ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلى باتۇر تۈمەننى ئۆلتۈرۈپ ، ئۆزى تەڭرىقۇت بولغان ۋاقىتتا ، ئۇ بىر خىل تۈزۈم بولۇپ ، شەكىللەندى . باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە ھۇنلار ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ ، شەرقتە ھازىرقى لياۋ خېي دەرياسىغىچە ، غەرپتە پامىرغىچە ، شىمالدا بايقال كۆلىگىچە ، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىگىچە بولغان رايونلار ، مىللەتلەر ، قەبىلىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ، ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئالدى بىلەن چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ، كېيىن شىمالىنى مەركەز قىلىپ غايەت زور قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى ھاكىمىيەت قۇردى .
ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ، 4- ئەسىرگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتقا سۈرۈشكە بولىدۇ . چىن شىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ، ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئالاقىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا قويۇقلاشتى . غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ كۈچى مىسلىسىز زورىيىپ ، باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ رەھبەرلىكىدە ھازىرقى خېبىي ، سەنشى ، شەنشى ۋە خېتاۋ ئەتراپلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ ، ئەمدىلا قۇرۇلغان غەربىي خەن سۇلالىسىگە زور تەھدىت سېلىپلا قالماستىن ، يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ فېئوداللىق ئىجتىمائىي ئىگىلىكىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىپ ، تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى . خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە ، ھاكىمىيەت ئەمدىلا قۇرۇلغانلىقى ، كۈچى ئاجىز بولغانلىقى ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ، پاسسىپ بولغان قۇدىلىشىش سىياسىتىنى قوللۇنۇپ ، مەلىكىلىرىنى ھۇن تەڭرىقۇتلىرىغا ياتلىق قىلىشقا ھەم ھەر يىلى كىمخاپ - دۇردۇن ، مەشۈت - سەرناق ، ھاراق ، گۈرۈچ ، يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە مەجبۇر بولدى . تاكى خەن ۋۇدى تەختكە چىققاندىن (مىلادىييىدىن بۇرۇنقى 140 - يىلى) كېيىن ، ئاندىن ئۇرۇش قىلغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىپ ، ھەققانىي خاراكتېردىكى مۇداپىئەلىنىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىگە زەربە بېرىپ چېكىندۈردى .
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 51 - يىلى ، ھۇن ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش ۋە نىزا يۈز بېرىپ ، "بەش تەڭرىقۇت ھاكىمىيەت تالىشىپ " ، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمى قالايمىقانلىشىپ ، مىللەت ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى . كېيىن مەشھۇر يولباشچى قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشان (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58-31- يىللار تەختتە ئولتۇرغان) غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن ، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلۇپ چىقتى .
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى ،ئۇلار بىر تەرەپتىن يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان سيانپى مىللىتى بىلەن بىرلىشىپ ئەسكەر چىقىرىپ تاجاۋۇزچىلىق قىلدى ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىگە بىۋاستە ئارىلىشىپ ، جوڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ، فېئوداللىق تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇندى .
مىلادىيە 48 - يىلى ھۇنلارنىڭ جەنۇبتىكى سەككىز قەبىلىسىگە باشچىلىق قىلىدىغان ئوڭ ئۇكەن باتىسخان بى ( قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ نەۋرىسى) دەپ ئاتاپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار پەيدىنپەي جەنۇب - شىمالدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى .
شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە داۋاملىق پاراكەندە قىلىشى خەنزۇلار ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك فېئوداللىق جەمىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا باشتىن - ئاخىر زور تەھدىت بولدى . مالادىيە 73 - يىلىدىن باشلاپ شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى زور قوشۇن چىقىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى ، مىلادىيە 73 - يىلىدىن باشلاپ شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى زور قوشۇن چىقىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى ، مىلادىيە 89 - يىلى شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىنىپىي زىددىيەت تۈپەيلىدىن قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىپ ، ئىجتىمائىي كىرزىس ئىنتايىن چوڭقۇرلاشتى . شۇنىڭ بىلەن ، خەن سۇلالىسى سەركەردىلىرى ۋە جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى بىرلەشمە قوشۇننىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا شىمالىي ھۇنلار چوڭ چۆللۈكىنىڭ جەنۇب - شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى مىلادىيە 91 - يىلى بىر قىسىم ئادەملىرىنى باشلاپ غەرپكە قېچىپ كەتتى ، ھۇن قۇلدارلىق ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي پارچىلاندى . شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قېلىپ قالغان ھۇنلاردىن 100 نەچچە مىڭ تۇتۇن ئاھالە سيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتتى .
مىلادى 188 - يىلى جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، چانچۇ تەڭرىقۇت ئۆلتۈرۈلدى ، چانچۇنىڭ ئوغلى يۈفۇلۇ ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى . چانچۇنى ئۆلتۈرگۈچىلەر مۇشۇ بۇ قۇتىقۇنى تەڭرىقۇت قىلدى . يۈفۇلۇ بۇنىڭغا قايىل بولماي ، شەخسەن ئۆزى خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى لوياڭغا بېرىپ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى ، بۇ دەل خەن لىڭدى ئۆلگەن (مىلادىيە 184 - يىلى) ھەم سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى پارتلاپ ھەرقايسى جايلاردىكى فېئودال بۆلۈنمىچى كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باش كۆتۈرۈپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلەتكەن ۋاقىت ئىدى . بۇ ئىلگىرلەش ۋە چېكىنىشتىن ئىبارەت ئىككى يول ئالدىدا يۈفۇلۇ قوۋمنى باشلاپ ۋاقىتلىق ھالدا خېدوڭ ئايمىقىنىڭ پىڭياڭ ناھىيىسىدە بوز يەر ئېچىشقا مەجبۇر بولدى .
يۈفۇلۇ 195 - يىلى ئۆلدى . ئۇنىڭ ئىنىسى خۇچۇخان ئۇلارنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ تەڭرىقۇت بولۇپ ، ئاۋالقىدەكلا پىڭياڭ ناھىيىسىدە ئولتۇراقلىشىپ ، مىلادىيە 202 - يىلى ساۋساۋغا ئەل بولدى .
ھۇن مىللىتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا باش كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ، ماددى مەدەنىيەت جەھەتتە تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا باشلىغان . ئىقتىسادىي تۇرمۇشى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئوۋچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقمۇ بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن . تۆمۈر قوراللار مەدىنىيىتى تەمىنلىگەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قول سانائەتنىمۇ راۋاجلاندۇرغان ، قول سانائەتنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تۆمۈرچىلىك ، ئاندىن قالسا مىسكەرلىك ، يەنە زەرگەرلىك ، ساپالچىلىق قاتارلىقلار بولغان .
ھۇنلارنىڭ ئىرقىي توغرىسىدا دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تالاش - تارتىش بىرقەدەر كۆپ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تۈرك ئىرقى ياكى موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇبلىقى تېخىچە بېكىتىلمىدى . لېكىن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا ، تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ .
ھۇنلارنىڭ تىلى ئومۇمەن ئالتاي تىلى سېستىمىسىغا مەنسۇپ دەپ قارىلىدۇ . لېكىن موڭغۇل تىلى ئائىلىسى ياكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى تېخىغىچە بېكىتىلمىدى . لېكىن تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مانسۇپ دېگۈچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ .
ھۇنلارنىڭ يېزىغى بولمىغان . ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بويىچە ئاتىسى ئۆلسە ئۆگەي ئانىسىنى ئوغلى ، ئاكىسى ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئىنىسى ، ئىنىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئاكىسى خوتۇن قىلغان ، شۇڭا ھۇنلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ھادىسىسى بىرقەدەر ئومۇملاشقان .
خەن دەۋرىدە ئىچىكىرىگە كۆچكەن ھۇنلاردا دا ۋېي ، جىن ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى . بۇ ۋاقىتتا ئۇلاردىن "تۇغا" ۋە لوشۈي غۇزلىرى ، توپا ھۇنلىرى دەپ ئاتالغان تارماقلار بۆلۈنۈپ چىقىپ ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھازىرقى سەنشى ، ئىچكى موڭغۇل ، گەنسۇ ۋە چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا پا.الىيەت قىلدى . لېكىن ، ۋېي ، جىن ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ھۇنلار يېغىلىق دەۋرى ، چىن ، خەن دەۋرلىرىدىكىگە ئوخشاش بىر پۈتۈن ھالەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلمىدى . يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ھەرقايسى تارماقلار بىر - بىرىگە تەۋە ئەمەس ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۇرۇقداشلىق جامائەسىمۇ ئاساسەن پارچىلاندى ياكى يوقالدى . ھۇنلارنىڭ نامى جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن كېيىن تەدرىجىي يوقىلىشقا باشلىدى ، ھۇنلارنىڭ نامىنىڭ تارىخ كىتابلىرىدىن يوقىلىشى دەل ھۇن مىللىتىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر .
ھۇن تارىخ بىر "دۇنياۋى خاراكتېرلىك" ئىلىم بولۇپ ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنى تەتقىق قىلىدىغانلار بار .ھۇن تارىخى تەتقىقاتى چەت ئەلدە ئىككى يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە .
ھۇنلار --- مۇڭغۇل ئگىزلىكىنى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقتە شەرقىي شىمالدىكى لىاۋ خې دەرياسىدىن غەرپتە كاسپىي دېڭىزىغىچە ، شىمالدا بايقال كۆلىدىن خەنۇبتا سەددىچىنگىچە سوزۇلغان كەڭ تېرىتورىيىدە ياشىغان قەدىمىي مىللەت . ئۇلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردىن تاكى مىلادىيە 5- ئەسىرگىچە بولغان 600 يىللىق تارىخى جەرياندا مۇڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا بايلىقى ھەم شەرقىي ياۋروپا ، غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي ياۋروپادا پائالىيەت قىلىپ ، جوڭگو ۋە دۇنيا تارىخىغا غايەر زور تەسىر كۆرسەتكەن . ھۇنلار رەسمىي خانلىق قۇرغان ۋاقىت (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلى) تىن تارتىپ تا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن دەۋر (مىلادىيە 5 - ئەسىر) گىچە بولغان ئارىلىقتا ، مەيلى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن ياكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە بولسۇن ، جوڭگو ھەم دۇنيا قەدىمكى زامان تارىخ سەھنىسىدە بەلگىلىك تەسىرلەردە بولغان .
خاندانلىق پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار
1 . تۈمەن تەڭرىقۇت
تۈمەن تەڭرىقۇت --- ھۇن خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ ، قاچان تەىتتە ئولتۇرغانلىغى توەرىلىق مۇقىم مەلۇمات يوق ، لېكىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلى تۈمەن تەڭرىقۇت ، ئوغلى باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن .
2 . باتۇر تەڭرىقۇت
باتۇر تەڭرىقۇت ---- تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى . مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 - يىلىدىن بۇرۇنقى 174 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
3 . قايۇق تەڭرىقۇت
قايۇق تەڭرىقۇت بەزى مەنبەلەردە "كىئوك تەڭرىقۇت" ، "ئاغا تەڭرىقۇت" دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ ، ئاكىسى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 174 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 161 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
4 . كۈن تەڭرىقۇت
كۈن تەڭرىقۇت ---- قايۇق تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 161 - يىلىدىن بۇرۇنقى 126 - يىلىغىچە تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
5 . ئىچىغسە تەڭرىقۇت
ئىچىغسە تەڭرىقۇت ---- كۈن تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 126 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 114 - يىلىغىچە تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، ئۆزىنى "تەڭرىقۇت" دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە ئاكىسىنىڭ ئوغلى يوتاننى مەغلۇب قىلىپ ھۇن تەختىنى تارتىۋالغان .
6 . ئۇۋى تەڭرىقۇت
ئۇۋى تەڭرىقۇت ---- ئىچىغسە تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 114 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 105 - يىلىغىچە تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققان .
7 . ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت
ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت ----- ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 105 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102 - يىلى تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
8 . گۇيلىقۇ تەڭرىقۇت
گۇيلىقۇ تەڭرىقۇت ---- ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، ئۇشىلۇ تەڭرىقۇتنىڭ تاغىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 101 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئۇشىلۇ تەڭرىقۇت ئۆلگەندىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان .
9 . چەتقۇ تەڭرىقۇت
چەتقۇ تەڭرىقۇت ---- گۇيلىقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 101 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 96 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
10 .قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت
قۇلۇقۇ تەڭرىقۇت ----چەتقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 96 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 86 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان . ئۇ دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان .
11 . قوياندى تەڭرىقۇت
قوياندى تەڭرىقۇت ---- قۇلۇقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 86 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 68 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
12 . شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇت
شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇت ---- قوياندى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 68 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60 - يىلىغىچە تەختتە تۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان .
13 . ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت
ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ------ ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ بەشىنجى ئەۋلاد نەۋرىسى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60 - يىلىدىن ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، قوياندى تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسى جۇەنچۇنىڭ قوللىشى بىلەن ھۇن تەختىگە چىققان .
14 . قوغشار تەڭرىقۇت
قوۈشار تەڭرىقۇت ---- شۇرۇنچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 31 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئۇيانجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، ھۇنلارنىڭ شەرقىي خانلىرىدىن بولغان گۇشخان ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەختكە چىققان .
15 . پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت
پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت ---- قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 31 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 21 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
16 . سۇشجۇت تەڭرىقۇت
سۇشجۇت تەڭرىقۇت ------ پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيدىدىن بۇرۇنقى 20 يىلىدىن ،مىلادىيدىيىدىن بۇرۇنقى 12 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
17 . چەياجۇت تەڭرىقۇت
چەياجۇت تەڭرىقۇت ----- سۇشجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيىدىدن بۇرۇنقى 12 - يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
18 . ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت
ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت ----- چەياجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8 - يىلىدىن مىلادىيە 13 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
19 . ئۇلجۇت تەڭرىقۇت
ئۇلجۇت تەڭرىقۇت ------ ئۇ ئۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 13 - يىلىدىن مىلادىيە 18 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
20 . قۇتئەرىش تالانوتى تەڭرىقۇت
قۇتئەرىش تالانوتى تەڭرىقۇت ----- ئۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 18 - يىلىدىن مىلادىيە 46 - يىلىغىچە ئولتۇرغان .
21 . ئوتالخۇ تەڭرىقۇت
ئوتاتخۇ تەڭرىقۇت ----- قۇتئەرىش تالانوتى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 46 - يىلى تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە چىققان .
22 . پانو تەڭرىقۇت
پانو تەڭرىقۇت --- ئوتاتخۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 46 - يىلىدىن مىلادىيە 86 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .