ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
  • 1934 - يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر
  • كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ( داۋامى )
  • ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇن مىڭە ئوپېراتسىيىسىن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخى
  • پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار
  • 20 ئەسىرنىڭ -40 يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىد ...
  • بەخت ۋە بەختسىزلىك
  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋىرىدىكى كۇرۇسلار
  • تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
  • ئاسسىمىلياتسىيىگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى
  • «ئاتۇ» پاجىئەسى
  • ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى (داۋام ...
  • تۇڭگان 36- دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى
  • لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟
  • چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (1)
  • -1934 يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردىن ئەسلىمە
  • تۇمشۇقتىكى سوقۇش
  • تۈندىكى پاجىئە
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملا ...
  • شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى(سۇتۇق)
  • خوجانىياز ھاجىنىڭ ياركەنت، روسىيە،چۆچەك،باركۆل،ئالت ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىران بىلە ...
  • نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسل ...
  • ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى
  • تۇران
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-30 ئاۋاتلىقى:3299
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    تۇران ئاتالغۇسى تارىختىن بۇيان ئىككى خىل مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى . ف . ئېنگېلس "تۇران" ئاتالغۇسىنى جۇغراپىيىلىك نام سۈپىتىدە ، "تۇرانلىقلار" ئاتالغۇسىنى خەلقلەر ---- ---- ئىنسان تۈركۈمى نامى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن . "بۈيۈك لۇغەت ۋە ئېنسىكلوپېيدىيە" دە : "تۇران --- تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئىرانلىقلارنىڭ بەرگەن نامى دېيىلگەن بولسا ، "قۇتادغۇ بىلىك" داستانىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بۇ ئەسەرنى مۇشۇنداق نام بىلەن 'تۇرانلىقلار" نىڭ ئاتايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ، يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلارمۇ "تۇران --- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق خەلقلەر ياشايدىغان يۇرتلارنىڭ قەدىمكى نامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ياكى تۈركى تىللىق خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ " دەپ ئىزاھات بېرىشكەن .
    شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى 1984 - يىلى "شاھنامە" نىڭ " رۇستەم ۋە سوھراپ" بابىنىڭ تەرجىمىسىنى نەشر قىلغاندا فىردەۋس تىلغا ئالغان "تۇران" سۆزىنى تەرجىمان مۇنداق ئىزاھلىغان : "تۇران --- ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت كەڭ تېروتىرىيە ئىدى . بۇ يەرگە ئىران قەبىلىلىرى جايلاشقان ، كېيىنچە بۇ يۇرتنى تۈركى مىللەتلەر ئىگىلىگەن ۋە 'تۈركىستان' غا ئۆزگەرتكەن . <شاھنامە> دە فىردەۋسى 'تۇرانلار' بىلەن 'تۈرك' لەر دېگەن ئىككى سۆزنى ئوخشاش مەنىدە قوللانغان " .
    ئالىم لىيوڭ بىرقەدەر كونكىرت پىكىر يۈرگۈزۈپ : "يېقىنقى ۋە ھازىرقى ئىلىم ساھەسى 'تۇران' ئىبارىسىنى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان تۈركى تىللار ئائىلىسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە قاراپ كەلدى " دەپ يېزىپ ، "ئۆز تارىخىنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا نەچچە قېتىملاپ پۈتۈن مىللەتنىڭ قەلب ساداسىنى ياڭرىتىپ قوراللىق ، ھەيۋەتلىك ۋە شانلىق كۈرەش مۇساپىلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن تۇرانلىقلار" دېگەن شەكىلدە تارىخقا ياندىشىپ ، ئۆز پىكرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قاراتمىلىققا ئىگە قىلغان .
    چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ تەسىرلىك رول ئويناپ "يىپەك يولىدىكى بىرىنچى قاتاردىكى قەھرىمان" ۋە "يىپەك يولىدا تۇغۇلغان بىرىچى قاتاردىكى شاھ" دەپ شۆھرەت قازانغان ئەمىر تۆمۈر (1405 - 1333 ) ئۆز ئۈگۈتلىرىدە " بىز كىم --- مۈلكى تۇران ، بىز كىم ---- مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى بولغان تۈركنىڭ باش بوغۇنى" دەپ ھەيۋە كۆرسۈتۈپ ، "تۇران" نى بىر ئەل سۈپىتىدە بايان قىلغان . بۇ تارىختىكى كىشىلەرنىڭ بايانلىرى بولۇپ ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي جور بولۇش كېرەك دېگەن مەنتىقە چىقىرىلماسلىقى كېرەك ، ئەلۋەتتە .
    بۇ ئاتالغۇنىڭ قوللىنىشى دەسلەپتە قەدىمكى پارىس - ئىران ھۆججەتلىرىدە ئۇچرايدۇ .
    بىرىنچى ، "ئاۋېستا" دىكى "تۇرا" ، "تۇر" لار ئىران قەبىلىلىرىنىڭ شىمالىدىكى زور بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قارىتىپ قوللىنىلغان . بۇ قەبىلىلەر ئەينى چاغدا ئوت - سۇ قوغلۇشىپ ، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قەبىلىلەر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ماكان تېرىتورىيىسى مۇقىم شەكىللەنمىگەن . شۇڭا ، بۇ نام ئۆز زامانىسىدا مۇئەييەن تېرىتورىيىسىنى ئىپادىلىمەي ، بەلكى قەبىلە - قوۋم نامى شەكلىدە قوللىنىلغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس .

    ئىككىنچى ، "ئاۋېستا" دەۋرىدىن كېيىن ئىرانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىنىڭ شىمالىدىكى چەكسىز تېرىتورىيىنى "تۇران" دەپ ئۇ يەردە ياشىغان خەلقلەرنى "تۇرانلار" دەپ ئاتىغان . بۇ "تۇرا - تۇر" دىن " تۇران" نىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ .

    ئۈچىنچى ، "ئاۋېستا" دا تىلغا ئېلىنغان "دىۋە كەبى" ، "يالغانچى" ، "رەزىللىك" دە ئۇچىغا چىققان "ئارجاسىب" نىڭ "شاھنامە" دە "تۇران شاھى" دەپ تەسۋىرلىنىش "ئارجاسىب" نىڭ "جەڭگىۋار تۇرلار" دەپ ئاتالغان قوۋملارنىڭ يېتەكچىسى بولۇشى مۈمكىنچىلىكىنى ، بۇنىڭ "تۇران شاھى ئافراسىياپ" دېگەن ئۇقۇم بىلەن مەزمۇنداش ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ .

    تۆتىنچى ، "شاھنامە" دە ئافراسىياپ تۇران شاھى دېيىلىش بىلەن بىرگە "تۈركلەرنىڭ خانى" دېگەن ئۇقۇم تەڭ مەنىدە قوللىنىلغان . دەرۋەقە تارىخشۇناس سېن جومىيەن بەزىلەر "تۇرا" تۈركلەرنىڭ بوۋىسى دەپ قارايدۇ ، دېگەن مەزمۇندا پىكىر بايان قىلغان بولۇپ ، بۇ "تۇران" بىلەن "تۈرك" نىڭ "شاھنامە" قاتارلىق كىتاپلاردا پاراللېل قوللىنىشىنىڭ رېئاللىقتىن ئانچە چەتنەپ كەتمىگەنلىكىنى ، ئامو دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان تۈزلەڭلىكتە ياشىغان تۇرانلارنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرى دەۋرنىڭ ئالمىشىشى ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ھەم مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش قانۇنىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا كېيىنكى دەۋردىكى تۈركى تىللىق قەبىلىلەر ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ بىر تارماق مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدۇ .

    بەشىنچى ، كىشى ئىسىملىرىدىمۇ ، مەسىلەن ، ئەرلەر ئارىسىدا تۇر ، تۇراخۇن ، تۇران ئاخۇن ، ئاياللار ئارىسىدا تۇرخان ، تۇخان ، تۇراخان ، تۇرانقىز ، تۇرانخان دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار بار . بۇنىڭدىن تۇر ، تۇرا ، تۇران ئاتالغۇلىرىنىڭ تومۇرى ھەم مەزمۇنى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا ئېستىمال قىلىنىۋاتقان بۇ ئىسىملارنىڭ يىلتىزىنى "ئاۋېستا دەۋرى" دىن سۇرۈشتە قىلساق غەلىتە بولماس .

    ئالتىنچى ، مەھمۇد قەشقەرى "تۈركى تىللار دىۋانى" دا "ئان - ئەن" قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كۆپلۈك مەنىسىنى بېرىدىغانلىقىنى ، شۇنىڭغا مۇناسىپ "ئەر" نىڭ كۆپلىكى 'ئەرەن" ، "ئوغۇل" نىڭ كۆپلىكى "ئوغلان" ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ ، "تۇر - تۇرا" نىڭ كۆپلۈك شەكلى " تۇران " بولۇشى ئېھتىمالغا خېلىلا يېقىن .

    يەتتىنچى ، پارسلارنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرىدە سۆزلەنگەن فېرىدون ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ بەلگىلىك تولۇقلىما ماتىرىيالىغا ئىگە قىلىدۇ . بىر خىل ئەپسانە رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە ، فېرىدون ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۆلەتنى ئۈچ ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ . چوڭ ئوغلى سېلىمگە رومنى ، ئوتتۇرانچى ئوغلى تۇرغا تۇران ۋە چىننى ، كەنجى ئوغلى ھىلاجغا پۈتكۈل ئىراننى سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن . بۇنىڭغا قارىغاندا "تۇر" غا تەككەن يەر "تۇرنىڭ ئەۋلادلىرى ھەم ئۇنىڭ زېمىنى" مەنىسىدە "تۇران" دەپ ئاتالغان . "شاھنامە" دىكى ئافراسىياپنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن " .....تۇران بىلەن ئىراننىڭ زىددىيىتى سېلىم بىلەن تۇران زامانىسىدىن باشلانغاندۇر " دېگەن گەپتىن ھەم فېرىدوننىڭ ئىككىنچى ئوغلى تۇرنىڭ "شاھنامە" نىڭ يەنە بىر يېرىدە ئافراسىياپ ئاغزىدىن "تۇران" شەكلىدە بېرىلگەنلىكىمۇ "تۇر" بىلەن "تۇران" نىڭ نامىنى ئۆزئارا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ . ۋاھالەنكى ، بۇلار ئەپسانە - رىۋايەتلىك چۈشەنچە بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ تارىخىي ئۇقۇملارنى بايان قىلىشتا ۋاستىلىك ماتىرىيال ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتمەيدۇ .

    سەككىزىنچى ، ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى (1917 - 1836 ) 1911- يىلى تاماملىغان "تارىخىي ھەمىدي" ناملىق كىتابىدىكى "تۇران" دېگەن نام 'تۈرك" بىلەن ' تۈر ' سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغان " دېگەن بايانىدىن ئۇنىڭ بەلگىلىك ئېنىقلىما ماتېرىياللىق رولى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ .

    ئەسكەرتىش : ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن "ئاۋېستا" سۆزىگە قىسقىچىلا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇم .

    "ئاۋېستا" دىكى مەركىزىي ۋەقەلىك ئىران قەبىلىلىرى بىەن شىمالدىكى جەڭگىۋار كۆچمەن قوۋملارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەڭگى - جىدەللىرى تەسۋىرلەنگەن . ئىران قەبىلىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان سەردار ھىلاج ، سۇقرات ، سىياۋۇش ۋە ئىسپەندىيارلار بولسا ، شىمالدىكى قەبىلىلەرگە تۇر ، ھۇشاڭ ۋە ئافراسىياپلار باشچىلىق قىلغان . "ئاۋېستا" دا "ئارجاسىب" دېگەن بىر قەھرىماننىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ ھەم ئۇ ئىران قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى سۈپىتىدە نۇرغۇن قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ . .................................. .
    دېمەك ، "ئاۋېستا" دىكى "تۇرا" ، "تۇر" نامى "باھادىر زەررىگە مەرسىيە" ۋە "شاھنامە" لەردىكى "تۇران" ئاتالغۇسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى دەپ قاراش مۇۈكىنچىلىگى بار .

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ