ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
  • 1934 - يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر
  • كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ( داۋامى )
  • ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇن مىڭە ئوپېراتسىيىسىن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخى
  • پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار
  • 20 ئەسىرنىڭ -40 يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىد ...
  • بەخت ۋە بەختسىزلىك
  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋىرىدىكى كۇرۇسلار
  • تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
  • ئاسسىمىلياتسىيىگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى
  • «ئاتۇ» پاجىئەسى
  • ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى (داۋام ...
  • تۇڭگان 36- دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى
  • لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟
  • چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (1)
  • -1934 يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردىن ئەسلىمە
  • تۇمشۇقتىكى سوقۇش
  • تۈندىكى پاجىئە
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملا ...
  • شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى(سۇتۇق)
  • خوجانىياز ھاجىنىڭ ياركەنت، روسىيە،چۆچەك،باركۆل،ئالت ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىران بىلە ...
  • نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسل ...
  • ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشىس
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-30 ئاۋاتلىقى:3122
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

     جاقىپ مىرزاقان
    كىرىش سۆز


    قازاقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللەنىشى ھەققىدە ھازىرغىچە ھەرخىل كوز قاراشلار بايان قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئوز ۋاقتىدا بەزى تارىخچىلار قازاقلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كوز قاراشلارنى تەرىپلەپ، قازاقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى چېڭگىزخانغا باغلاپ، ھەتتا ئۇنىڭدىن بېرىراق بېرىپ ئالاچە خانغا باغلاپ ھەل قىلماقچى بولدى.

      ئازاتلىقتىن بۇرۇن، گومىنداڭ جياڭ جيېشى ئەكسىيەتچى ھوكۈمىتى جۇڭگودا نەچچە ئونلىغان ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش كويىدا بولدى. شۇ مەزگىللەردە شىنجاڭدا بەزى ئادەملەر 6~8 ئەسىرلەردە تۈرك قەبىلىلىرى قۇرغان تۈرك خانلىقلىرى دەۋرىنى زورمۇ-زور سۆرەپ ئەكىلىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبەك، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى بىرلا «تۈرك» مىللىتى دەپ چۈشەندۈرمەكچى بولدى.

      بەزىبىر تارىخچىلار گويا قازاقلار ئاسماندىن چۈشكەندەك، تۇيۇقسىزلا، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا پەيدا بولغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. ئۇلار قانداقتۇر قازاقلار «قازاق» نامى بىلەن بىرلەشكەن دەۋرىدىلا پەيدا بولغان، ياكى بولمىسا ئۆزبەك خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن پەيدا بولغان، دەپ ئىزاھلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ.

      جۇڭگو ۋە چەتئەل تارىخچىلىرى قازاق خەلقىنىڭ تارىخىنى ئىلمىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئەسلىدىكى بەزى خاتا يەكۈنلەرنىڭ ئورنىنى توغرا، ئىلمى يەكۈنلەر ئىگەللىدى ۋە ئىگەللەۋاتىدۇ. قازاق خەلقىمۇ بىر مىللەت بولۇپ شەكىللنىشتە مەملىكىتىمىزدىكى ۋە دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئىنتاين ئۇزاق تارىخىي جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەن.

      قازاقلارنىڭ ئۆزى بىلەن چېگىرىداش مىللەتلەرگە ۋە مەدىنىيەتلىك خوشنىلىرىغا «قازاق» دېگەن بۇ نام بىلەن تونۇلغىنىغا بىر نەچچىلا ئەسىر (كۆپ بولغاندا ئون ئەسىر ئەتراپىدا) بولغىنى راس. لېكىن بۇ مەسىلە قازاقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى سۈرۈشتۈشكە ھېچقانداق دەخىل يەتكۈزەلمەيدۇ. چۈنكى قازاق خەلقى تاكى ھازىرغىچە ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە قەدىمقى زاماندىلا تونۇلغان قەبىلە ناملىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. «يوقىلىپ كەتتى» دىيىلىپ يۈرگەن بەزى قەدىمقى قەبىلە ۋە قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ نامىلىرى ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق پايدىلىق شارائىت يازما مەنبەلەر، ئارخېولوگىك تەتقىقات ۋە ئىجىتمائى تەكشۈرۈشلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، ئۇنىڭدىن توغرا، ئىلمىي يەكۈن چىقىرىش تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

      تۆۋەندىكى مەن ئاساسەن قازاق خەلقنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك قەدىمقى قەبىلىلەر، مىللەتلەر توغرىسىدا ۋە قازاقلارنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۈستىدە توختىلىمەن.

      1. قازاقلارنىڭ ئېتنىكڭ مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك قەدىمقى مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەر
    مەملىكىتىمىزدىكى قازاق مىللىتى، ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا ئولتۇراقلاشقان، ئومومى نوپوسى 870 مىڭ ئەتراپىدا ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا چىگرا ئاتلىغان مىللەت قاتارىغا كىرىدۇ. قازاق مىللىتىنىڭ ئەڭ كۆپچىلىكى سوۋېت ئېتتىپاقىغا، ئاز بىر قىسىم تاشقى مۇڭغۇلىيە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، قازاق خەلقى جۇڭگو، سوۋېت، مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ مەملىكەتنىڭ چېگرا رايونلىرىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ يازلىق يايلاقلىرى ۋە قىشلاقلىرى (قىش كۈنلىرىدىكى ئوتلاقلار) ئۆز ئارا تۇتىشىپ كەتكەن.
    ھازىر قازاق خەلقنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايلىرى شەرقتە ئالتاي، تارباغاتاي، تىيانشاندىن باشلىنىپ، غەربتە كاسپىي دېڭىزىگىچە سوزۇلغان بۇ بىپايان زىمىندا، قەدىمقى زامانلاردا نۇرغۇنلىغان كۆچمەن قەبىلىلەر، قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ياشىغان بولۇپ، بۇ قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ناملىرى ئۆز زامانىدا مىلادىدىن بۇرۇنلا ئۆزىگە خوشنا بولغان يېزىغى بار مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر ۋە مەملىكەتلەرنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدىن ئورۇن ئالغان، مەسلەن: ساقلار، ھونلار، ئۇيسۇنلار، قاڭلىقلار، ئالانلار (ئالاننا) ۋە باشقىلار.

      بەزىلەر بولسا مىلادىدىن كېيىن تارىخىي خاتىرىلەردىن تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولدى. مەسىلەن: تۈركلەر، تۈركەشلەر، قارلۇقلار، قىيماقلار، قىپچاقلار، كېرەيلەر، نايمانلار، جالايىرلار، مەركىتلەر، قوڭغۇراتلار، ئارغىنلار، دۇغىلاتلار، ئالچىنلار ۋە باشقىلار.

      يۇقىرىدا نامى ئاتالغان قەدىمقى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياشىغان بۇقەبىلىلەر ۋە قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ شۇ زامانلاردا كۈچلۈك قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ۋە ياكى كۆچمەن خان ئوردىلىرى بولغان قەدىمقى دۆلەت ئورگانلىرى بار ئىدى. ھونلار، ئۇيسۇنلار، قاڭلىقلار، تۈركلەر، قارلۇقلار، نايمانلار، كېرەيلەر مانا مۇشۇ قاتاردىن ئورۇن ئالغان. بۇ قەدىمقى مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەرنىڭ كۆپچىلىگى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. دەريا بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى بۇغداي، ئارپا، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيتتى. قول ھۈنەرۋەنچىلىگى خېلىلا تەرەققىي قىلغان ئىدى. خوشنا قەبىلىلەر ۋە قەبىلە ئىتتىپاقلىرى بىلەن بولغان سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى خېلى قويۇق ئىدى. ھەرخىل تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلار بەزىدە ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇراتتى. بەزىدە ئۆز ئارا ئۇرۇش تالاشلارمۇ قىلاتتى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە خوشنا بولغان باشقا قەدىمقى دۆلەتلەر بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ساقلاشنى ئۇنتۇمايتتى.

      پېرىيسىيە ۋە گرېتسىيە مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 6~7 ئەسىرلەردە ھازىرقى سوۋېت قازاقىستانى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تېرىتورىيىسىدە «ساقلار» (ئاسىيالىق ئىسكىپلەر) دىگەن خەلق ياشىغان. ئۇلار شۇ دەۋىرنىڭ ئۆزىدىلا قەبىلە ئىتتىپاقلىرىغا بىرلەشكەن بولۇپ، ئاساسەن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئات ۋە قوي بېقىشنى ئاساس قىلاتتى.

      قەدىمقى گرېتسىيە تارىخچىسى ئىستراپون بۇ كۆچمەنلەرنى «ئاسىيالىق ئىسكىپلەر» دەپ ئاتاپ ھەر خەلقنىڭ ئۆزىگە خاس ئايرىم نامى بار» دەيدۇ. ساق قەبىلىلىرىنىڭ ئارا دېڭىزىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكىلىرى ماسساگېت ۋە ياكارت دەپ ئاتالغان: چۇ ۋە تالاس دەريالىرىنىڭ ئارىلىغىدا، قىرغىز ئالا تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىگىدە ئاسكاتاگ قەبىلىلىرى جايلاشقان، چۇ ۋە ئىلى دەريالىرىنىڭ ۋادىلىرىدىن تاكى تارباغاتايغا يەتكىچە بولغان ئارىلىقتا يىسەدۇنلار ۋە ئاسىيلەر ماكانلاشقان. ئورال دەريالىرى ۋادىلىرىدا سارماتلار، كاسپى دېڭىزى ياقىسىدا بولسا كاسپىيلار ياشىغان. ساق قەبىلىلىرىنىڭ شىمالىدىكى تۈرك تىلدا جەنۇپتىكىلەر پارس تىلىدا سۆزلىشەتتى.

      قازاقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك قەدىمقى خەلقلەرنىڭ بىر-ھۇنلار، بۇ خەلق ئۆز زامانىسىدا ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىن غەربكە قاراپ سوزۇلغان بىپايان كەڭ زىمىندا ياشىغان. جەنۇبىي چېگىرىس مۇڭغۇل چۆلىگىچە، غەربىي چېگرىسى تىيانشاننىڭ شىمالىي باغرىلىرىغىچە يېتەتتى.

      ھون» دېگەن بۇ نام ئېلىمىزنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە ئەڭ دەسلەپ جەنگو دەۋرىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 221~475 يىللاردا) پەيدا بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 221~207 يىللاردا چېن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىر مەركەزگە قاراشلىق دۆلەت قىلىپ بىرلەشتۈرگەن مەزگىلدە، ھونلار تېخى كۈچەيمىگەن ئىدى. شەرق تەرىپىدىكى توڭغۇسلار، غەرب تەرىپىدىكى ئۇلۇغ ياچىلار ‹؟؟؟ داۋاملىق ئۇلارنى بوزەك قىلاتتى.

      مىلادىدىن بۇرۇنقى 209- يىلى (چىن سۇلالىسى ئەرشى خانلىغىنىڭ تۇنجى يىلى9 ھۇنلرغا مودۇن ناملىق ئادەم تەڭرىقۇت بولدى. شۇ چاغدىن باشلاپ ناھايىتى تېزلىكتە كۈچىيىپ، شەرقتە توڭغۇسلارنى، غەرپتە ياۋچىلارنى مەغلۇپ قىلدى. جەنۇبتا ئوتتۇرا تۈزلەڭ رايۇنلىرىغا قاراپ ئلگىرىلدى.

      بەزىبىر تارىخىي مەلۇماتلاردا، ھۇنلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆز ئەتراپىدىكى ئوتتۇز نەچچە كۆچمەن ۋە ئولتۇراقلاشقان دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەبىلىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان دىيىلىدۇ. ھۇنلار ئۆز زامانىسىدا يىگىرمە تۆت چوڭ قەبىلىدىن تەركىب تاپقانلىقى، «شىمالىي ھۇنلار» ۋە «جەنۇبىي ھۇنلار» دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەنلىكى، ھەر قايسى چوڭ قەبىلىلەرن يۇرت مۆتىۋەرلىرى باشقۇرغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىر قەدەر ئىشەنچىلىكتۇر.

      ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ قۇدرەتلىك كۆچمەن دۆلەتنىڭ ھەربىي كاتىۋاشلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاستىدا ئون مىڭدىن ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى. دۆلەت مەركىزى جەنۇبىي مۇڭغۇل يايلىغىدا ئىدى. غەربىي خەن خاندانلىغى بىلەن بولغان ئۇرۇشلار،ئۆزىنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى بۆلۈنۈشلەر ۋە تەبى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ھۇنلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىردە ئىنتايىن تېزلىكتە ئاجىزلىدى ۋە غەرپكە قاراپ يۆتكىلىشكە باشلىدى. كۆچكەنلەر ھازىرقى سوۋېت قازاقىستان تېرىتورىيىسىدە ماكانلىشىپ ئىككى ئەسىر ئەتراپىدا ياشىغاندىن كېيىن ، ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بۇ ماكانلىرىدا قالدۇرۇپ، يەنە بىر قىسمى ۋولگا بىلەن دون دەريالىرىنىڭ ئارلىغىغا كۆچۈپ باردى. مىلادىدىن كېيىنكى 4- ئەسىردە ھۇنلارنڭ غەرپكە (ياۋرۇپاغا) كەلگەن بۇ بىر قىسمى ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە تېرىتورىيىلىرىگىچە يېتىپ باردى.

      ھۇنلارنىڭ ھازىرقى ئالتاي تاغلىرى ۋە قازاق يايلىغىدا قالغان قسىمى، مېنىڭچە، كېيىنكى چاغلاردا تارىخ سەھىپىسىدىن باشقا ناملار بىلەن ئورۇن ئالغان بولۇشى كېرەك، يا بولمىسا ئۆزلىرى بىلەن شۇ زاماندا بىللە ياشىغان ئەتراپىدىكى باشقا قەبىلىلەر تەركىۋىگە سىڭىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇن روسىيەنىڭ ئورىنبۇرگ شەھرىدە چىقىپ تۇرغان «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1912- يىلى 1- دېكابىردىكى سانىغا بېسىلغان «بۇرۇنقى تۈركلەرنىڭ تۇرمۇشى» دېگەن ماقالىدا، ھازىرقى قازاق ئوتتۇرا يۈزىدىكى ئارغىن قەبىلىسىنى «ھۇنلار» دەپ يازىدۇ. نايمان ۋە قوڭغۇران قەبىلىلىرى بىر زامانلاردا ئۇنىڭ تەركىۋىدە بولغن. «ئارغىن (ھۇن) ئۇلۇسى ھەر يەردە باش ۋە يۇقىرى بولۇپ، يېرىم دۇنياغا ھاكىم» بولغان دەيدۇ. مىسال كەلتۈرگەن پاكىتلىرى ئاز بولىسمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۈرك  مۇڭغۇل تىپىدىكى قەبىلىرىنىڭ قەدىمقى زاماندىكى ئاز بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى تۈرك-مۇڭغۇل تىپىدىكى قەبىلىلەرنىڭ قەدىمقى زاماندىكى ھۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈمى مېنڭچە مۇۋاپىقتۇر. ھۇنلار مىلادىنىڭ 5~6 ئەسىرلىرىدە ئۆز نامىنى تارىخ سەھىپىسىدىن يوقاتقان بولىسمۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ يوقىلىپ كەتمىگەنلىكى شۈبھىسىز. ساقلار ۋە ھۇنلاردىن كېيىن، چوڭ قەبىلە ئىتتىپاقلىرى سۈپىتىدە تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغانلار : ئۇيۇنلار، قاڭلىلار (كاڭجۇي) ۋە ئالانلار (ئالانتا ۋ يەنسەي) دۇر.

      ئۇيۇسۇنلار: مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە يېزىلىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2~3 ئەسرلەردە، غەربىي رايون بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ خەلق بولۇپ، ئۇلار بالقاش كۆلىنىڭ شەھرقىي ۋە جەۇنۇىبدا، ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا، چۇ دەرياسى ۋە تالاس دەرياسى ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زېمىندا ياشايتتى. ئۇيۇنلارنىڭ 120 مىڭ ئائىلە، 630 مىڭ نوپۇسلۇق خەلقى بار ئىدى.

      ئۇيۇن پادىشاھى «كۇنمۇ» ‹كۇنبى دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ پۈتۈن قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ بېگى بولۇپ، ئۇنڭىغا قاراشلىق قەبىلىلەردە قەبىلە بەگلىرى بولاتتى. ئۇيۇن كۇنمۇسىنىڭ تۇراقلىق دۆلەت باشقۇرۇش ئاپاراتى بولۇپ « .... ئۆزىگە قاراشلىق خەلقنى ئۆزىنكىڭ بالىلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، ھەر قايسىسىغا ئون مىڭدىن ئەسكەر ۋە ئۆز ئالدىغا كۆچۈپ قونىدىغان زىېمىن بېرەتتى» مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخي خاتىرىلىرىدە يېزىلىشىچە، «ئۇيۇنلارنىڭ قەدىمقى ماكانى» دەپ ئاتىلىدىغان يۇقۇرىدىكى يەرلەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىشتن بۇرۇن، ئۇيۇنلار ۋە ياۋچىلار خەن خاندانلىغىنىڭ دەسلەپلكى يىللىرىدا، گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپىدا، دونخۇاڭ- چىليەشەن تاغلىرى ئارىلىغىدا، جيۇچۇەن ۋە شىنجاڭنىڭ ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايىتى جايلاشقان يەرلەردە ياشىغان.

      ياۋىچىلار ئۆز زامانىسىدا ئۇيۇنلار بىلەن بىر دەۋىردە دەۋر سۈرگەن بولۇپلا قالماستىن، ئۇيۇنلار بىلەن يېقىن خوشنا ئىدى. ئۇلارمۇ خۇددى ئۇيۇنسۇلارغا ئوخشاشلا، ئۆز پادىشاھلىرىنى «كۇنمۇ» دەپ ئاتاپ، پادىشالىرى تەختتە ئولتۇرغان جايلارنى «كۇنمۇ لى» دەپ ئاتىغان. ھازىرقى شەرقىي شىنجاڭدىكى قۇمۇل ۋىلايىتى (قۇمۇل شەھرى)نىڭ نامى، شۇ قەدىمكى زاماندىكى «كۇنمۇلى» دىگەن نامنىڭ فونتېكىلىق ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا كېرەك. دېگەن پەرەزلەرمۇ بار ....
      مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە (ھۇنلار تېخى كۇچەيمىگەن ۋاقىتتا) ياۋچىلار كۈچلۈك قەبىلە ئىتتىپاقى بولغانلىقتىن، ھۇنلار بۆزەك قىلاتتى. ھۇن تەڭرىقۇچى ئۆز زامانىسىدا، بالىسىدىن بىرىسىنى ياۋچىلار كۇنمۇسىغا بارىمتاي (گورو) قويۇشقا مەجبۇر بولغان. مىلادىدىن كېيىنكى 3- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ھۇنلار كۇچىيىپ داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىد، نەتىقىدە ياۋچىلار غەرپكە كۆچى، ئۇلاردىن كېيىن، ھۇنلاردىن بېسىمى دەستدىن ئۇيۇنلارمۇ غەرپكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇيۇنلار ياۋچىلار بىلەن يايلاق تالىشىپ، ئۇلارنى غەرپكە داۋاملىق كۆچۈشكە قىستىدى. بۇ ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا، ياۋچىلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىلى ۋادىسىدا، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدا قېپقالغان ياۋچىلار كېيىنچە ئاستا-ئاستا ئۇيۇنلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.
    بىز قازاق خەلقىنىڭ ئادەتتە ئۇلۇغ يۇزنى ئېغىزغا ئالغىنىدا، ئۇيۇننى ۋەكىللىك خاراكېتىرىگە ئىگە چوڭ قەبىلە ھېساپلاپ «ئۇلۇغ يۈز ئۇيۇن» دەپ قۇشۇپ ئاتايدىغانلىغىنى ئاڭلايمىز. دېمەك، قەدىمكى زاماندىكى دەسلەپتە خوشنا بولۇپ، كېيىن ئارلىلىشپ ياشىغان. ئۇلۇغ ياۋچى-ئۇيسۇن قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى، ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئەسلىدىكى ئۇلۇغ ياۋچىلار ماكان تۇتقان يەرلەردە ئارخېولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى ۋە يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ئىشلىرىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز، لازىم. ئەلۋەتتە.

      تارىخىتىكى خەن خاندانلىغى بىلەن ئۇيۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 141- يىلى، خەن خاندانلىغىنىڭ تەختىگە خەن ۋۇدى (ئۆز ئىسمى ليۇچى) ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ تەخىتكە ئولتۇرۇپ تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 137~138 يىللىرى جاڭ چيەننى بىرىنچى قېتىم غەربىي رايۇنغا ئېۋەتتى. جاڭ چيەن بۇ قېتىقمقى سەپىرىدە ھۇنلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئون يىل قاماققا ئولتۇردى. قاماقتىن بوشاپ چىقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن پەرغانىگە، ئاندىن قاڭلى (سەمەرقەند)كە، ئۇلۇغ ياۋچىلارغا بېرىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ قايتتى. كۆڭۈلدىكىدەك تەكشۈرۈشلەر يۈرگۈزۈپ ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىياللار ئېلىپ قايتقانلىقى ئۈچۈن، جاڭ چيەنگە «ئابرولۇق تۆرە» دېگەن ئۇنۋاننى بەردى.

      خەن ۋۇدىنىڭ جاڭ چەيننى غەربىي رايۇنغا ئېۋەتىشتىكى ئاساسىي مەقسىدى غەربىي رايۇندىن ئۆزگە ئىتتىپاقداش كۇچ تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرىلىشىپ تۇرۇپ شىمالدىكى ھۇنلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدى.

      مىلادىدىن بۇرۇنقى 119- يىلى، خەن ۋۇدى غەربىي رايۇنغا جاڭ چيەننى ئىككىنچى قېتىم ئېۋەتتى. جاڭ چيەن باشلىغان ئەلچىلەر ئۆمىگىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاساسىي ۋەزىپىسى ئۇيۇسۇنلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىدى. شۇڭا جاڭ چيەن ئۆزى ئۇيۇسۇنغا باردى. ياردەمچى ئەلچىلەر قاڭلى، پەرغانە ۋە ياۋچىلار ئېتىۋەتتى.

      ئۇيۇن كۇنمۇسى (ئۇلۇغ بېگى) جاڭ چيەننى ياخشى قارشى ئېلىپ، ھۇرمەتلەپ كۈتىۋالغاندىن سېرىت، ئۇلارغا ئادەم قوشۇپ يولغا سېلىپ قويدى ھەمدە غەربىي خەن خانلىغىغا مەشھۇر- «ئۇيۇن ئاتلىرى»نى تەقدىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ قۇدىلىشىش ئويى بارلىغىنى بىلدۈردى. جاڭ چيەننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى خەن خاندانلىغى بىلەن ئۇيۇسۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ياخشى ئىز سالدى. لېكىن جاڭ چىيەن كۈتكەن مەقسەتلىرىگە دىگىدەك يېتەلمىدى. چۈنكى، ئۇيسۇن كۇنمۇسى لى جيامېى قېرىپ قالغان. ئۆز دۆلىتى ئىچىدە ئىتتىپاقسىزلىق يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇ بۇنداق شارائتتا خەن خانىدانلىغى بىلەن بەك يېقىنلاشسا، ھۇنلارنىڭ ئۆزىدىن يىراقلىشىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەتتى.
      خەن ۋۇدى ئۇيۇسۇنلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچىيىتىش ئۈچۈن ئۆز تۇققانلىرىدىن بولغان جاڭدۇۋاڭى ليۇ جيەننىڭ قىزى شجۇن مەلىكىنى ئۇيسۇن كۇنمۇسىغا ياتلىق قىلىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولغان ھون تەڭرىقۇتىمۇ جاۋاب تەرقىسىدە بىر قىزىنى ئۇيسۇن كۈنمۇسىغا ياتلىق قىلدى. شجۇەن مەلىكە ئوڭ قول خوتۇن، ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ قىزى سول قول خوتۇن بولۇپ تۈردى.
      بۇ خىل قۇدىلىق مۇناسىۋەت قەدىمقى دەۋرىدە سىياسى مەزمۇن ئالغان ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئىدى. چەتئەل تارىخچىلىرى، ئۇيۇنغا ياتلىق قىلىنغان ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ قىزى چوڭ خوتۇن، خەن خاندانلىغىنىڭ قىزى كىچىك خوتۇن بولۇپ تۇردى، دەپ يازىدۇ. خەن خاندانلىغىدا تۇرۇقلىق شەھەر تۇرمۇشىغا ئۈگەتكەن مەلىكە، كۆچمەن ئۇيسۇنلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆنەلمەي: «دۆگىلەك كىگىز ئۆيدە ياشايدىغان ئۇيسۇنلار پادىشاسىغا تۇرمۇشقا چىقىتىم. ئۇ گۆش بىلە سۈتتىن باشقا تائام يىمەيدىكەن دەپ مۇڭلۇق شېر يازغان.

     شىجۇن مەلىكە ئۇيسۇندا ئۇزۇن ياشىماي ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن. خەن خانىدانلىغى ئۇيسۇن كۇنمۇسىغا چېيۇن مەلىكىنى ياتلىق قىلدى. ئۇ ئۇيسۇن ئېلىدە قىرىق يىل ياشاپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 51- يىلى (خەن خاندانلىغى گەنلۇ 3- يىلى ) ئىچىكى ئۆلكىگە قايىتقان. بۇ چاغدا ئۇ، يەتمىش ياشلىق موماي بولغان ئىدى. بۇ ماقالىدا مەن خەن خاندانلىغى بىلەن ئۇيسۇنلارنىڭ ھەر تەپلىمە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھۇنلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا كۆپ توختالمايمەن.

      خەن خانىدانلىغى بىلەن ئۇيسۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مىلادى 5- ئەسرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملاشقان ئىدى. «436- يىلى ئۇيۇنلارغا جۇڭگودىن ئەلچىلەر ئېۋەتىلدى. ئۇيسۇنلارمۇ ھەر يىلى جۇڭگۇغا سوغا تەقدىم قىلىپ تۇردى. شۇندىن كېيىنلا ئۇيسۇنلارنىڭ نامى تارىختا مۇستەقىل خەلق سۈپتىدە ئۇچرىمايدىغان بولدى»

      يۇقۇرىدىكى تارىخىي پاكىتلار قەدىمقى مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيسۇنلارنىڭ نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان ئۇزۇاق دەۋرىدە، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خەلق سۈپتىدە ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، ئۆز زامانىسىدا خەن خاندانلىغى تەرىپىدىن غەربىي رايۇندىكى سۇلى (ھازرىقى قەشقەر) قاتارلىق يەرلەرگە ئېۋەتىلگەن مەنسەپدار بەن چاۋ : «ئۇيسۇن دېگەن چوڭ دۆلەت، ئەسكىرى يۈزمىڭغا يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۇنمۇسىغا ۋۇدىنىڭ (خەن ۋۇدى) ئۆز قەبىلىدىسىدن (جەمەتىدىن) قىز ياتلىق قىلىشمۇ مانا شۇ سەۋەپتىندۇر: دەپ يازىدۇ.
    «ئۇيسۇن» دېگنە بۇ قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ نامى تاكى ھازىرغىچە قازاق ئۇلۇقيۈزىنىڭ چوڭ بىر قەبىلىسى سۈپىتىدە ساقلىنپ كېلىۋاتىدۇ . تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بېرى شۇكى، ئۇلار يەنىلا قەدىمدە «ئۇيسۇنلارنىڭ كونا ماكانى» دپە ئاتالغان يەرلەردە ياشاۋاتىدۇ. ئۇيسۇنلارنىڭ قەدىمقى مەركىزىي چىگو شەھرى بولۇپ، ئۇ، ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ياقىسىغا، ئاقسۇنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»دا بايان قىلىنغان ئۇيسۇنلانرىڭ چوڭ-كىچىك كۇنمىلىرى بىر يەرگە يىغىلىشىپ ياراشماق بولغان ئىسسىق كۆلنىڭ جەبۇبىدىكى «قىزىل قورغان» دېگەن شەھەر ئەنە شۇ چىگو شەھرى بولسا كېرەك.
    قازاقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك قەىمقى مىللەتلەرنىڭ يەنە بىرىسى-قاڭلى، قاڭلىقلار ئۇيسۇنلار بىلەن بىر دەۋردە تارىخ يۈزىدە مەلۇم بولغان قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، ئاساسەن، قاراتاغ بىلەن سىر دەرياسى ئارىلىغىدا ياشايتتى. مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە يېزىلىشىچە، قاڭلىڭلارمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ 120 مىڭچە ئائىلە 600~630 مىڭچە نوپوسى بار ئىدى.

      خەن خاندانلىغىنىڭ خېڭ دې پادىشاسى ۋاقتىدا، قاڭلى پادىشاھى ئۆز ئوغلىنى خەن خاندانلىغىغا ئېۋەتكەن. خەن خاندانلىغىنىڭ غەربىي رايۇن تۇتۇق ھىراۋۇلىمۇ قاڭلىقلارغا ئەلچىلەر ئېۋەتكەن. بۇ چاغلاردا قاڭلى بىر قەدەر كۈچلۈك قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن خەن خاندانلىغى بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى كۆزلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيسۇنلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشنىڭ كويىدا بولغان.

      «شەجىرئى تۈرك» ناملىرى تارىخ كىتاۋىنىڭ ئاپتورى ئەبۇلغازى قەدىمقى زاماندا ئەڭ بالدۇر نامى چىققان تۈرك قەبىلىلىرى قاتارىدا قاڭلىنى ئاتاپ ئۆتىدۇ
    بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا يېزىلىشىچە، ئۇيسۇن يەتتە ئايماق، قاڭلى بەش ئايماقتىن تەركىپ تاپاقن، ھەر بىر ئايماق ئۈستىدە باش ھۆكۈمراننىڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرى قۇبۇلغان، خەن خاندانلىغىنىڭ غەربىي رايۇنىغا ئېۋەتكەن ئەلچىسى جاڭ چىيەننىڭ بىرىنچى قېتىم مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردە غەربكە قىلغان سەپىرىدە قاڭلىغا بېرىپ قايتىشنىڭ ئۆزى، بۇ قەبىلىنىڭ شۇ چاغدا كۈچلۈك ئايرىم قەبىلە ئىتتىپاقى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ نامى ھازىرقى قازاق ئۇلۇقيۇزىنىڭ ئىچىدە بىر چوڭ قەبىلە نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى قاڭلىلارنىڭ قەدىم زاماندىكى قاڭلىلار بىلە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى شەك-سۈبھىسز ئاز دىگەندە. قەدىمقى نامىنى ساقلاپ قالغۇچىلار شۇ قەدىمقى قاڭلىلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادلىرىدۇر.


      ئۇيۇنلار ۋە قاڭلىلار بىلەن بىر قاتاردا تارىخ بېتىدىن ئوزۇن ئالغان قەدىمقى قەبىلىلەرنىڭ بىرسى- ئالانلار (ئالاننا)دۇر.

      بۇ خەلق توغرىسدا «سوۋېت قازا س. س. ر تارىخىي» دا، جۇڭگۇنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدىن ئېلىنغان مۇنداق بىر مەلۇمات بار: «ئالانلار–‿قاڭلىلارنىڭ غەربىي شىمالىدا 2000 چاقىرىم ئەتراپىدىكى يەردە ياشايدۇ. بۇ خەلق- كۆچمەن. ئادەتتە قاڭلىلارغا ناھايىتى ئوخشايدۇ.... ئەتراپىدىكى ئىگىز يارلىرى يوق. چوڭ كۆلنىڭ قېشىدىكى ئەل (قەبىلە ئىتتىپاق) بۇ مەلۇمات ئالانلارنىڭ ئارال دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى ھازىرقى غەربىي قازاقىستان تېرىتورىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان خەلق ئىكەنلىگىنى كۆرىسىتىدۇ. ئۇلار قازاق كىچكيۈزى تەركىۋىدىكى يەتتە ئۇرۇق، تەلىم ئوغلى، باي ئوغلى ۋە باشقا قەبىلىلەنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بولۇشى مۇمكىن.

      مىلادىنىڭ 2~4 ئەسىرلىرىدە مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدا سايبىلار كۈچەيگەن. شۇ مەزگىلدە مۇڭغۇل چولىنىڭ شىمالىدا كۆچمەن جۇجانلار كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى.
    6- ئەسرىنىڭ 30- يىللىرىداجۇجان خانلىغى گۇمران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋىۋى جۇجانلانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدىكى كۆچمەنلەرن، بولۇپمۇ تۈركلەر، بۇ مەزگىلدە كۈچىيىپ ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان كۈچكە ئايلانغان ئىدى. ئۆز زامانىسىدا «تۈرك» دېگەن ئورتاق نام بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان قەبىلىلەر ھازىرقى تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر. قەدىمقى تۈرك تىلى قازاقلاردا بىر قەدەر كۆپ ساقلانغانلىقىنى تىلشۇناسلارمۇ ئىسپاتلىماقتا.

      تۈركلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە مەملىكىتىمىزنىڭ جۇ خانىدانلىغى، سۈي خاندانلىغى دەۋرىدىكى تارىخىي خاتىرىلەردە خىلمۇ-خىل ئەپسانىۋى رىۋايەتلەر يېزىپ قالدۇرغان. بۇ رىۋايەتلەردە يېزىلىشىچە، «تۈركلەر ئەسلىس ئاسنا ناملىق بىر ئۇرۇقتىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىراق ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم تۇققانچىلىك مۇناسىۋىتى بولغان» .
    «تۈرك» دىگەن بۇ ئاتالغۇ «تۈركىن» دېگەن سۆزدىن چىققان بولۇپ، بۇرۇن ھەربىي مەنسەپدارلار مۇشۇنداق ئاتالغان ئىكەن. مۇشۇ ھەربىي مەنساپدارلار تەرىپىدىن بىرلەشتۈرلگەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈرك تىلىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەر «تۈركلەر» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.

      تۈكلەر ئۆز ۋاقىتدا، ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا، قوجۇ (تۇرپان)نىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى كۇچيىش دەۋرىدىكى باشلىغى تۈمەن دېگەن كىشى ئىدى.
    تۈمەن باشلىق تۈرك ئاقسۆڭەكلىرى تۈرك تىلىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ كۈچىيىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۆزلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان جۇجان خانى ئاناگۇينى 552- يىلى ئىنتايىن قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئۇنى ئاخىرى ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. «تەخمىنەن شۇ يىلى تۈمەن ئۆزىنى «ئېل قاغان» دەپ جاكالاپ، خوتۇنىغا «خاتۇن» ئۈنۋانىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇ تارىخدىكى مەشھۇر كۆك تۈرك خانلىغى رەسىمىي قۇرۇلدى... ئۇنىڭ مەركىزى مۇڭغۇل يايلىغىدا ئىدى» ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي ۋە «قەدىمقى ئۇيسۇنلار ماكانىسى»دىكى تۈركلەر غەربىي تۈركلەر دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلارنڭ باشلىغى ئېستەمى تۈمەن قاغاننىڭ ئۇكىسى ئىدى. تۈرك ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلرىنى «تومۇر» دەپ ئاتاپ، ئۆزلىرى بېقىندۇرغان قەبىلىلەرنى «تومۇرنڭ دېتى» (قۇلى) دەپ ئاتايتتى، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ جۇجان خانلىغى دەۋرىدىكى تومۇر تاۋلايدىغان قۇللاردىن چىققانلىغىدىن بولسا كېرەك. تۈركلەر جۇرجانلارنى مەغلۇپ قىلىپ پۈتۈنلەي ئۈستۈنلۈككە ئېرىششتىن بۇرۇن، جۇجان خانلىغى ھۆكۈمرانلىرى تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىنى «تومۇر تاۋلايدىغان قۇللاردىن چىققان» دەپ مەڭسىتمەيتتى. لېكىن ئۇلار ئاخىرى تۈركلەر تەرىپدن گۇمران قىلىندى. «داتسىز تۈرك بولماس، باشسىز بۇرك (بوك) بولماس» دىگەن تەمسىل ئەنە شۇ دەۋرىدىن قالغان بولسا كېرەك.

      كۆك تۈرك خانلىغى ئۆز زامانىدا تارىختىكى ھۇنلاردىن قېلىشمايدىغان كۈچلۈك خانلىق ئىدى. 6- ئەسىرنڭى ئوتتۇرىلىرىدا ئۇنىڭ تېرىتورىيىسى شەرقتە لياۋخەي دېڭزى. غەرپتە كاسپىي دېڭىزىغىچە سوزۇلغان يەرلەرنى، جەنۇبتا مۇڭغۇل چولىنىڭ شىمالىدىن تاكى بايقال كۆلىگىچە بولغان بىپايان زىمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

      6- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىغا كەلگەندە ( يەنى 581- يىلى)، تۈرك خانى توبو ئۆلگەندىن كېيىن، كوك تۈرك خانلىغى «شەرقىي تۈرك» ۋە غەربىي تۈرك» دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
    كوك تۈرك خانلىغىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ نەتىجىسى –تۈرك يېزىغىنى ئىجات قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى ئىدى. بۇ خىل قەدىمقى تۈرك يېزىغى مۇڭغۇل يايلىغىدىن، يەنەي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىن ۋە شىنجاڭدىن تېپىلدى. ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىن تېلغان يېزىقىنىڭ تارىخى 732- يىللار بولۇپ، يەنسەي دەرياسىدىن تېپىلغان يېزىقىنىڭ تارىخى ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق، دەپ پەرەز قىلماقتا.

      يېزىقىنىڭ بولۇشى شۇ زاماندا تۈركلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسى جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، قەبىلىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان، ھازىرقى تۈركى تىلدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل مەنبەسى تۈرك خانلىغى دەۋرىدىكى تۈرك تىكى ئىكەنلىگى شەك-شۈبھىسىز.

      ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ 11- ئەسىردە يېزىپ قالدۇرغان «دىۋانۇ لۇغاتت تۈرك» ناملىق ئۇلۇغ ئەسىرى تۈكىي تىلىدىكى مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇزاق ۋاقىت تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يولداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، قەدىمقى تۈرك تىلى ھازىرقى زامان قازاق تېلىدىمۇ بىر قەدەر كۆپ ساقلانغان ۋە ئەسەردە يېزىپ قالدۇرغان ماقال-تەمسىللەرنىڭ نۇغۇرنلىرىمۇ قازاق خەلق ماقال-تەمسىلىرىگە ئوخشايدىكەن.
    غەربىي تۈرك خانلىغىنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇرۇق جەمەتلىرى «تىكىنلار» دەپ ئاتىلاتتى. باشقا خەلق ئاممىسى «قارا بودان» (قارا خەلق) دەپ ئاتىلاتتى. ھەر بىر قەبىلىنى دارخانلار، قەبىلە ئىتتىپاقلىرىنى بەگلەر باشقۇراتتى. خاننىڭ قېشىدا ھەربىي يۆلەنچۈگى-جاساقلار بولاتتى. خاننڭ قېشىدا ئاساسەن چوڭ چارۋىدارلاردىن تەركىپ تاپقان دارخانلار بىلەن بەگلەر كېڭىشى بولاتتى.
    تارىختا شەرق غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا چوڭ رولى بولغان «يىپەك يولى» مانا مۇشۇ غەربىي تۈركلەرنىڭ زىمىنى ئاقىلىق ئۆتەتتى. غەربىي تۈرك ئېستەمى «يىپەك يولى» سودىسىنى كونتىرول قىلىشتا نۇرغۇن تەدبىرلەر قوللانغان ئىدى.
    لېكىن، ئالدى بىلەن قۇدرەتلىك كوك تۈرك خانلىغىنىڭ پارچىلىنىشى، ئاندىن غەربىي تۈرك، خانلىغىنىڭ پارچىلىنىشى تۈركلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە مۇنقەرىز بولۇشىنى تېزلەتتى.
    غەربىي تۈرك خانلىغى پارچىلانغاندىن كېيىن، پەيدىن-پەي باش كۆتەرگەن تۈركەشلەر ۋە ئۇلارنىڭ قارا ئۇرۇققا مەنسۇپ باشلىغى سۇلۇنىڭ ھۆكۈمرانلىغىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇرۇش قالايمىقانچىلىغى، ئالۋاڭ-سېلىقلارنىڭ ئېغرىلىغى، قەبىلىلەرنىڭ ئارا دۇشمەنلىشىش تۈركەش خانلىغىنىمۇ گۇمران قىلىدى.

      تاڭ خاندانلىغى پادىشاسى گاۋزۇڭنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئەسلىدىكى شەرقىي تۈرك خانلىغىنىڭ ئەۋلاتلىرى تەرىپدىىن قۇرۇلغان كېىيىنكى تۈرك خانلىغى 7- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خېلى كۈچىيىپ ئالتاي تاغلىرى ۋە ھازىرقى شەرقىي- شىمالىي شىنجاڭدا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن بولسىمۇ 8- ئەسىرنىڭ بېشىدا تاڭ خاندانلىغى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

      تاڭ خاندانلىغى مىلادىنڭ 630- يىلى ئەسلدىكى شەرقىي تۈرك خانلىغىغا قاراشلىق يەرلەرنى ئۆزىگە قاراتقان ئىدى. 647- يىلىغا كەلگەندە، غەربىي تۈركلەرنكىڭ بىر قسىمىنى (يەنى شەرقتىكىلەرنى)، 647- يىلىغا كەلگەندە، غەربىي تۈركلەرنىڭ بىر قىسمىنى (يەن شەرقتىكىلەرنى)، 657- يىلغا كەلگەندە يەنە بىر قىسمىنى (غەربتىكىلەرنى) ئۆزىگە قاراتتى.
    بىر ئەسىردىن بىر يېرىم ئەسرىگىچە سوزۇلغان ئۇزاق دەۋردە ھۆكۈم سۈرگەن تۈرك خانلىقلىرى، ئاساسەن كۆچمەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇكەممەل دۆلەت ئاپاراتى، مۇنتىزىم ھەربىي كۈچى بولمىغانلىقتىن ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى. ئۇلارنىڭ غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچۈپ، ھازىرقى جەنۇبىي قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئورۇنلاشقانلىرى ئەسلىدە بۇ يەرلەردە ياشايدىغان يەرلىك ئىران (پارس) تىپىدىكى خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى ۋە دىخانچىلىق قىلىشنى ئۈگەندى. شۇڭا، كېيىن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا «تۈركىستان» (تۈرك يېرى) دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.

      8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ھازىرقى بىپايان قازاق يايلاقلىرىنڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدا، تارباغاتاي تاغلىرىدا ياشايدىغان كۆچمەن قەبىلىلەر ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا، قارلۇقلار غەربىي تۈرك خانلىغىنىڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ تۈرك خانى ئۈزۈلمىشىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، تۈرك بەگلىرى ئۇلارنى «قارلۇق» دەپ ئاتاپ قاتتىق باستۇرغان. كېيىنكى تۈرك خانلىغى كۈچىيىپ، ئۆز دائىرىسىنى ئالتاي تاغلىرىغىچە كېڭەيتكەندە قارلۇقلارنىڭ بىر قىسمى جەنۇبقا كۆچكەن ۋە تاڭ خاندانلىغىغا قارىغان. تاڭ خاندانلىغى ئۇلارنى تېكەس، دامۇ، بۇغدا، ئالتاي قاتالىق تۆت ۋىلايەتكە بولۇپ باشقۇرغان. 753- يىلى قارلۇقلارنىڭ ھۆكۈمرانى (يابغۇسى) كۇنبەلى تاڭ خاندانلىغىنىڭ بىر قاچقۇن ھەربىي ئەمەلدارىنى تۇتۇپ بەرگەنلىكى ئۇچۈن، تاڭ خاندانلىغى كۈنبەلىگە «ئالتاي ۋاڭى» دېگەن ئۇنۋاننى بېرىپ، خوتۇنىغا «ئېل بىكە» دېگەن نامنى بەرگەن. كۇنبەلىگە مۇئاش، تامغا ۋە تەرجىمان بېرىلگەن» 8- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىغا كەلگەندە، قارلۇقلار بۇرۇنقى تۈركەش قەبىلىلىرىنىڭ ماكانلىرىنى ئۆز قول ئاستىغا كىرگۈزدى، توقماق، تالاس شەھەرلىرىنىمۇ ئىگەللىدى. شۇنىڭ بىەلن 766- يىلىدىن 940- يىلىغىچە ئىككى ئەسىر دەۋران سۈرگەن قارلۇق ئىتتىپاقى (قارلۇق خانلىغى) دۇنياغا كەلدى. دەسلىۋىدە بۇ خانلىغنىڭ تەركىۋىدە ئۇيۇن، قاڭلى، چەكلى، ئارغۇ (ئارغىن) ۋە باشقا قەبىلە ئىتتىپاقلىرى بار ئىدى.

       قارلۇق ئىتتىپاقى شەكىللىنىپ 80 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن، كېيىن يەنى 841- يىلى ئۇيغۇر خانلىغى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ 15 قەبىلىسى پاساتىكىن ۋە پان تىكىنلارنىڭ رەھبەرلىگىدە قارلۇقلار رايۇنىغا كۆچۈپ كەلدى ۋە ئۇزاق مۇددەت ئارىلىشىپ ياشىدى.

      قارلۇق ئىتتىپاقى دەۋرىدە، قازاق دالىسىدا ئىنتايىن چوڭ تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلدى، چارۋىچىلىق، دىخانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋ سودا –سېتىٿئىشلىرى تەڭ تەرەققىي قىلىد. مەشھۇر «يىپەك يولى»نى بويلاپ ئوترار، توقماق، سىغدىجاپ (سايرام) ۋە تالاس قاتارلىق شەھەرلەر قۇرۇلۇپ، سودا كارۋانلىرى ئۈزۈلمەي مېڭىپ تۈردى. مۇشۇ بىر گۈللەنگەن دەۋر قازاق خەلقىنىڭ ئېغىزىدا تەرىپلىنىپ «قازاق يۇرتى» ۋە «ئالتاي قارپىق» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ھازىرق قازاق تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلار قارلۇق ئىتتىپاقى دەۋرىنى قازاقنىڭ بىرلەشكەن خەلق بولۇپ شەكىللىنىشىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە دەۋر، دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە بۇدەۋرنى قازاقچىنىڭ ئورتاق نامغا ئىگە خەلق بولۇپ شەكىللىنىشنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

     قارلۇق ئىتتىپاقى دەۋرىدە قازاق يايلاقلىرىنڭ شىمالىدا قىيماقلار، ئۇلارنىڭ غەربىي تەرىپىدە قىپچاقلار ياشىدى، جايق ۋە جەم دەريالىرى ئارىلىغىدا ئوغۇزلار ئورۇنلاشقان ئىدى. قارلۇقلار، قاڭلىلار، قىيماقلار، قىپچاقلار ۋە باشقا قەبىلىلەر ئولتۇراقلاشقان بۇ بىپايان زىمىننى شۇ دەۋىردە ئەرەب، پارىس تارىخچىلىرى «دەشتى قىپچاق» (يەنى قىپچاق دالىسى) دەپ ئاتىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاق دالىسىغا «ئىسلام» دىنى مانا مۇشۇ قارلۇق دەۋرىدە تارىلىشقا باشلىدى. دىن تارقتىشنىڭ ئۇسۇللىرى خلمۇ-خىل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقات قىلغۇچىلارمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.

      دۇنياغا مەشھۇر ئالىم، پەيلاسوپ، ئەدىب ۋە مۇزىكانت ئەبۇناسىر فابى مىلادى 870 ‿يىلى قازاق ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئوترار شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئوترار شەھرىدە تېگىشلىك بىلىم ئالغاندىن كېيىن، «يىپەك يولى»نى بويلاپ، سودا كارۋانلىرىغا ئەگىشىپ، شۇ دەۋىردىكى ئەرەب دۇنياسىنىڭ مەدىنىيەت مەركىزى بولغان باغدات شەھرىگە بېرىپ ئوقۇغان ئىدى. ئەرەب، پارس، گرېك تىللىرىنى ئىنتايىن مۇكەممەل ئىگىلىگەن ئەبۇ ناسىر ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى ئەرەپ تىلدا يازغان. ئۇ چاغدا ئەرەپلەر بۇ ئالىم تۇغۇلغان ئوترار شەھرىنى «فارابى» دەپ ئاتايتتى. شۇ دەۋردە ئالىملار ئۆز ئىسىم فامىلىسىنىڭ ئورنىغا «ئەبۇناسىر فارابى دەپ ئاتال كەلگەن. ئەبۇناسىرنىڭ تۇغۇلغان ماكان-قەدىمقى ئوترار ياقىسىدا بولۇپ، ئۇنڭ ئۈستىگە بۇ ئالىم ئۆزىنى قاڭلى-قىپچاق قەبىلىسىدىن چىققان ئىدىم. دېگەن ئىكەن. بۇ قەبىلىلەر نامى قازاق خەلقى ئىچىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

     مىلادى 940- يىلى، يەتتىسۇ ۋادىلىرىغا ياغما قەبىلىسى كۆچۈپ كەلدى. بۇ قەبىلە ئەسلى ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبىدە، قەشقەرنڭ شىمالىدا ياشايتتى. ئۇلار يەتتىسۇغا كەلگەندىن كېيىن، توققۇز ئوغۇز (ئويغۇرلار) ۋە قارلۇق قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قاراخانىلار خاندانلىغىنى قۇردى. بۇ خاندانلىغىنىڭ تەركىۋىدە ئۇيسۇنلار، قاڭلىلار، دۇغىلاتلارمۇ بار ئىدى. ھازىرقى تۈرك تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۆز زامانىدا ئەنە شۇنداق زىچ ئارلىشىپ ياشىغانلىقتىن، ھازىر مەشھۇر ئالىم ئەبۇناسىر فارابىنى، قازاق، ئۇيغۇر، ئۆزبەك قاتارلىق مىللەتلەر تالىشىۋاتىدۇ، بۇ ئالىمنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىگى ئاخىرقى ھېساپتا ئىسپات قىلىنغىچە، مېنىڭچە، تۈرك تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئالىمى، ئوتتۇرا ئالسىيالىق ئالىم دەپ ئاتاش مۇۋاپىقراق.

      قازاق قەلقىنىڭ ئېتنىكڭ مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر خەلق-كىدانلار (يەنى قارا خىتايلار) بۇ خەلق بۇرۇن شارمورىن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايتتى. ئۇلار 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تاڭ خاندانلغىنىڭ ئاجىزلىشىپ گۇمران بولۇشىدىن پايدىلىنپ كۈچەيگەن ۋە 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لياۋ خاندانلىغىنى قۇرغان ئىدى. 1124- يىلى جىن قوشۇنلىرى (جۇرجىتلار)نىڭ زەربىىسى بىلەن ۋەيران بولدى. ئۇلارنڭ بىر قىسمى ياللۇغ تاشىن دىگەن ئادەمنىڭ باشچىلىغىدا غەربكە كۆچكەن. مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخى كىتابلىرىدا يېزىلىشىچە ئۇلار دەسلەپتە ئورغۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى خاتون شەھرىگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ ياللۇغ تاشىن ئوزىنى «ۋاڭ» دەپ ئېلاىن قىلغان. ئۇندىن كېيىن غەربىي شىمالغا كۆچۈپ يەنەي دەرياسى ۋادىسىدىكى ناكاس (قىرغىز) رايونىغا بارغان. قىرغىزلار قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، غەربىيي جەنۇبقا كۆچۈپ بەشبلىققا (ھازىرقى ئۈرۈمچى جىمسار ئەتراپىغا) كېلىپ، 7 ۋىلايەت 18 قەبىلە قۇرۇلتىيىنى ئاچقان. «شەجىرئى تۈرك» ناملىق تارىخىي كىتابنىڭ ئاپتورى ئەبۇلغازىنىڭ يېزىشىچە: «يەنسەي قىرغزىلىرى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، كىدانلار ئىمىل دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ، شەھەر سېلىپ، دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىككى يىل ئەتراپىدا تۇرغان» بۇ ئىككى خىل تارىخىي مەلۇماتقا قارىغاندا، قاراخىتايلار (كىدانلار)نىڭ ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا بىر مەزگىل تۇرغانلىقى ئېنىق، كۆچۈپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلار 40 مىڭ ئائىلە، 200 مىڭ نوپۇس ئەتراپىدا ئىكەن.

      شۇ دەۋردىكى بالاساغۇن (مۇڭغۇلچە «غۇبالىق» ئۇيغۇرچە-قازاقچە «ياخشى شەھەر» دېگەن مەنىدە) خانى ئېلەك ئۆزىگە قاڭلىلار ۋە قارلۇقلاردىن كېلىۋاتقان خەۋىپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ياللۇغ تاشىن باشچىلىغىدىكى كىدانلارنى چاقىرىپ كېلىپ، بالاساغۇننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن.

      1131- يىلى، ياللۇغ تاشىن چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى مەركىزىي قوش ئوردا شەھرىدە (ئەسلىدىكى بالاساغۇن) ئۆزىگە (يەنى تەڭرى قوللىغان پادىشا) ئۇنۋانىنى بەرگەن. مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي رايۇنىدا مۇشۇنداق قۇرۇلغان غەربىي لياۋ ھاكىمىتى، 1211- يىلى نايمانلارغا ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى تارتقۇزۇپ قويغىچە دەۋر سۇردى. ئۇلار دەسلىۋىدە نايمانلارغا، كېيىن چىڭگىزخان باشچىلىغىدىكى مۇڭغۇللارغا تەۋە بولغاندىن كېيىن، ئۇزاق ۋاققىچە يەرلىك تۈركى خەلقلەرگە ئارىلىشىپ سېڭىشىپ، ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. ھازىرقى كۈندە قازاق مىللىتى تەركىۋىدە خىتاي (كىدان) ناملىق قەبىلە مەۋجۇت، ئۇلارنڭ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك قاتارلىق مىللەتلەر تەركىۋىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىگىمۇ شەكسىز.
    يۇقۇرىدا مەن ئاساسەن قەدىمدىن تارتىپ 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بىپايان قازاق يايلاقلىرىدا ياشىغان، قازاقنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قەبىلىلەر. قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ۋە ئۇلار قۇرغان خانلىقلار ھەققىدە قىسقىچە توختالدىم. ئەمدى قازاقلارنىڭ بىرلەشكەن بىر پۈتۈن خەلق (يەنى مىللەت) بۇلۇپ شەكىللىنىشى ھەققىدە توختىلىمەن.

      2. قازاقلارنىڭ بىرلەشكەن بىر پۈتۈن خەلق (يەنى مىللەت) بولۇپ شەكىللىنىش جەريانى
    ي. ستالىن مۇنداق دەيدۇ: مىللەت كىشىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلەر ئىچىدە ۋە مۇنتىزىم سۈرەتتە بىر-بىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ تۇرۇشلىرى نەتىجىسىدىلا، كىشىلەرنىڭ نەسلىدىن- نەسلىگە بىرلىشىپ ياشاشلىرى نەتىجىسىدىلا تەشكىل بولغان. ئەمما، ئۇزاق ۋاقىت بىرلىشىپ ياشاش ئورتاق تېرىتورىيىسىز مۇمكىن ئەمەس»
    بۇ، ماركىسىزىملىق ئىلمىي ھۆكۈم بولۇپ، قازاق قەلقىنىڭ بىر پۈتۈن خەلق بولۇپ شەكىللىنىشىگىمۇ باپ كېلىدۇ. چۈنكى قازاق يايلاقلىرىدا قەدىمدىن بۇيان بىللە ياشاپ زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان قەبىلىلەر ۋە قەبىلە ئىتتىپاقلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىنى بىرلىكتە بېسىپ ئۆتتى. تېرىتورىيە بىرلىگى ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مىجەز-خۇلۇق جەھەتتىك ئوخشاشلىققا ئېرىششىگە سەۋەبچى بولدى.

      قازاقلار ئەزەلدىن كۆچمەن خەلق بولغانلىقتىن ئىقتىسادى جەھەتتە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققىياتى بەك ئاستا بولدى. بۇ ئۇلانرىڭ دۇنياغا بىرلەشكەن بىر پۈتۈن مىللەت بولۇپ تونۇلۇشىنىمۇ كېچىكتۈردى. بەزى تارىخچىلار ئەگەر «قازاق» دىگەن مىللەت نامىنىڭ چىقىشىغىلا يېپىشىۋىلىش، قازاق مىللىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلشتا، ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئۇزاققا ئاپىرىشقا جۈرئەت قىلالمىسا بۇ خىل خاھىش ئادىللىق بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
    مەن يۇقۇرىدا 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە يازما تارىخىي مەلۇماتلاردا نامى قالغان، قازاقلانىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك قەدىمقى دەۋرىدىكى مىللەر (قەبىلىلەر ۋە قەبىلە ئىتتىپاقلىرى) ھەققدىە ئايرىم توختالدى. لېكىن بۇنداق دىگەنلىگىم 12- ئەسىردىن كېيىن يازما تارىخ بېتىگە نامى چۈشكەن قەبىلىلەرنىڭ تارىخى قىسقا دىگەنلىگىم ئەمەس. قازاق شەجىرىلىرى قازاقنىڭ ئۇچ يۇزىنى بىر-بىرى بىەلن دەۋرداش دەپ قاراپلا قالماستىن، ئۇچ يۈزىدىكى ئاساسىي چوڭ قەبىلە ئىتتىپاقلىرىنىمۇ دەۋرداش دەپ قاراپلا قالماستىن، ئۇچ يۈزىدىكى ئاساسىي چوڭ قەبىلە ئىتتىپاقلىرىنىمۇ دەۋراش دەپ قارايدۇ.
    13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تىمۇچىن (چىڭگىزخان) رەھبەرلىگىدىكى مۇڭغۇللارنىڭ پەيدىن-پەي كۈچەيگەنلىگىدىن باشلاپ، 15- ئەسىردە قازاق خانلىقلىرى قورۇلغان دەۋرلەرگىچە ئۆتكەن 2~3 ئەسىر ۋاقىت-قازاقلار تەركىپ تاپقان قەبىلىلەر ۋە قەبىلە ئىتتىپاقلىرىنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىشى، قوشۇلۇپ كېتىشى تېزلەشكەن دەۋردۇر. مۇشۇ بىر ئۇزاق تارىخىي جەريان ھەققىدە توختىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تىمۇچىن رەھبەرلىكىدىكى مۇڭغۇللارنىڭ قانداق باش كۆتەرگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلايلى. مۇڭغۇللار بۇرۇن ئەرغۇنان دەرياسى ۋادىسىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، كېيىن ئونان دەرياسى بىەن كىرولىن دەرياسى ئارىلىغىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. بۇ دەۋردە مۇڭغۇل چولىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە مۇڭغۇل ۋە تۈركىي قەبىلىلەردىن تاتارلار، ئوڭغۇتلار، كېرەيلەر، نايمانلار، مېركىتلەر قوڭقۇراتلار، ئويراتلار ۋە باشقىلار بار ئىدى.

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ