|
|
قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار |
يوللىغان ۋاقىت:2009-01-15 ئاۋاتلىقى:3975 |
|
|
|
ئىسىملار _ مەنىسى
ئابا _ دادا ، ئاتا ، شۇنداقلا ئاپا ، ئانا دېگەن مەنىسىمۇ بار ئابامبەگ _ ئەبەدىيلىك بەگ ئابام ئۇلۇغ _ ئەبەدىيلىك ، مەڭگۈلۈك ئابىنچۇ _ خۇشاللىق ، كۆڭۈلنى ئالغۇچى ئابىنچۇ قاتىن _ كۆڭۈلنى ئالىدىغان خېنىم ، خانىش ئابىنىق _ بەختلىك ، تىنچ ئاتابېك _ ئوردا تەربىيىچىس ، تەربىيىچى ئاتات _ تاي ، قۇلان ئاتاش _ ئاتەش ، ئوت ئاتاي _ بالا ، باچكا ئاتلىغ _ ئابرويلۇق ، ئاتالغان ، مەشھۇر ، باشلىق ئاتىش _ ئېتىشماق ئاتمىش قارا _ ئاتمىش : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى ئاتىم _ مەرگەن ئاچارى _ ھەزرەت ، ئۇستاز ئاچۇق _ ئوچۇق ئاچىق _ چوڭ ئاكا ئادام توغرۇل _ توغرۇل ( بىر خىل يىرتقۇچ قۇش )دەك چىۋەر ئادەم ئادايۇ _ ئېزىز ، قىممەتلىك ئادۇغ ( ئادىغ ) _ ئېيىق ئارا بۇغا _ ئوتتۇرا ھال بۇغا ئارتۇق _ ئارتۇق ، ئېشىپ كەتكەن ، جىق ، نۇرغۇن ئارتۇن _ زىرە ( ئۆسۈملۈك ) ئارسلان _ شىر بالىسى ئارغۇ _ ئىككى تاغ ئارىسى ئارغۇن _ ئارغىماق ئارقار _ ياۋا قوي ئارقۇ _ باھالىق ، قىممەتلىك ئارقىش _ كارۋان باشلىقى ، خەۋەرچى ئارىش _ تازا ، پاك ، پاكىز ئارىغ _ پاكىز ، ساپ ئازغىر ( ئادغىر ) _ ئايغىر ئازۇق _ ئوزۇق ، يېمەكلىك ئازۇقلۇغ _ ئوزۇقلۇقى بار ئادەم ئازىغ _ ھوشيار كىشى ئاژۇن _ دۇنيا ، دەۋر ئاسغۇ _ مارجان ( بويۇنغا ئاسىدىغان ) ئاسىغ _ نەپ ، پايدا ، مەنپەئەت ئاسقىن _ ئېسىل ، ئالىيجاناب ئاشان _ ھۈرمەتلەن ، غىزالان ئاشان توغرۇل _ توغرۇلدەك غىزالان ئاشتال _ كەنجى ئوغۇل ئاشاي _ غايە ، مەقسەت ئاغارلاغ _ ھۈرمەتكە لايىق ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ ئاغۇش _ ئۇرۇق ، جەمەت ئاغىر _ قەدىرلىك ، ئېزىز ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ ئاقاش _ ئاكا ، ئاكاش ئاقى _ مەردانە ، جەسۇر ، مەرد ئاقخان _ ئاق : ئىسمى ، خان : قوشۇمچىسى ئالپ _ جەسۇر ، باتۇر ، قەھرىمان ئالپ ئايا _ ئەڭ ياخشى قەھرىمان ئالپ ئاتا ( ئەلپەتتا ) _ باتۇر ئاتا ئالپ ئەرتۇڭا _ قاپلاندەك باتۇر ئەر ئالپ تېكىن _ باتۇر شاھزادە ئالپاغۇت _ يېڭىلمەس قەھرىمان ، تاغ يۈرەك باتۇر ئالتۇن _ (1) ئالتۇن ، (2) زۆھرە يۇلتۇزىنىڭ ئىسمى ئالتۇن قارا : ئالتۇن : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى ئالقا _ مەدھىيىلىمەك ئالقىش _ بەخت ، خۇشاللىق ، تەنتەنە ئامساق _ ھەۋەس ئامۇل _ تەمكىن ، ئېغىر – بېسىق ئاناچ _ ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن ھەممىگە ئانىدەك تۇيۇلىدىغان قىز ئانۇغ _ ئۈمىد ، ئارزۇ ئاي _ ئاسماندىكى ئاي ئايۇق _ ئايىغۇچى ، قوغدىغۇچى ئايكۈن _ ئاي ۋە كۈن ئاي سىلىگ _ ئايدەك پاك ئايخان _ ئايدەك خان ئايتەڭرى _ تەڭرى : ئىسمى ، ئاي : سۈپىتى ئاي تۇغمىش _ ئايدىن تۇغۇلغان ئايتولدى _ ئايدەك تولغان ئاي چەچەك _ ئايدەك چىرايلىق ( قىز ) ئەدگۈ ( ئەزگۈ ) _ ياخشى ، ئېسىل ، چىرايلىق ئەرەن _ يىگىت ، ئەركەك ، ئەر ئەر بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر ئەردەم _ ئەدەب ، ئەخلاق ، پەزىلەت ئەردەنى _ گۆھەر ، مەرۋايىت ، ئۈنچە ئەردەنى قاتىن _ گۆھەر خېنىم ئەرك _ ئەركىنلىك ، سەلتەنەت ئەركەچ _ تېكە ئەسەن _ ئېسەن ، ساق – سالامەت ئەسەن قارا _ بۈيۈك ساقلىق ، كاتتا ئېسەنلىك ئەكە _ ئۇكا ، سىڭىل ئەلكۈن _ خەلق ، قەبىلە ئەۋلىك _ خوجايىن ، ئۆيلۈك ، ئۆي ئىگىسى بابا _ بوۋا ، ئاتا باخشى ( باقشى ) _ ئۆگەتكۈچى ، موللا ، ئۇستاز ، دوختۇر بادۇر _ ئۆلچەن بارچا تۇرمىش _ ھەممىسى تۇرغان ، ھەممىسى تەل بارچا تۇغمىش _ ھەممىسى تۇغقان بارس _ يولۋاس بارغۇت _ قەبىلە نامى بارغۇت كۈن _ بارغۇت : ئىسمى ، كۈن : سۈپىتى بارلىغ _ باي ئادەم بارمان _ دۆلەتمەن باسا تەمۈر _ تەمۈر ( تۆمۈر ) : ئىسمى ، باسا ( ياردەم ) : سۈپىتى باسمىل _ قەبىلە نامى بارسغان _ يولۋاستەك خان باسۇت _ ياردەمچى ، يۆلىگۈچى باشلاغ _ باشلىغۇچى ، باشلىق باقلان _ پاقلان بالتۇ _ پالتا بالىغ _ (1) شەھەر ، قەلئە ، (2) بېلىق باياغۇت _ دۆلەتمەن ، باي باي تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، باي : سۈپىتى بەدۈك _ بۈيۈك ، كاتتا ، يۈكسەك بەرك _ كۈچلۈك ، ساغلام بەكرىش _ مۇستەھكەم بەكتۇر _ چىڭ تۇر بەگ _ بەگ ، خان ، شاھزادە ، ئەركەك ، ئەر بەگى _ بەگدەك بەگ ئارسلان _ ئارسلاندەك ئەر بەگ بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر بەگلەن _ بەگ بول ، بەگدەك بول ، قابىل ئەر بولۇپ چىق بەگتاش _ تاشتەك مۇستەھكەم ئەر بەگ تەمۈر _ تۆمۈردەك بەگ ، تۆمۈردەك ئەر بەگلىك _ بەگ ئەۋلادى ، ئالىيجاناب بەگ تۇتۇق _ مەرتىۋىلىك ئەر بەگ تۇرمىش _ بەگدەك تۇرغان بوتۇق _ بوتىلاق بۇرخان قۇلى _ بۇدداھنىڭ قۇلى بۇغۇغ _ ئالىم ، دانىشمەن بۇرسلان _ قاپلان بۆرە تېگىن _ بۆرىدەك باتۇر شاھزادە بۇزاغۇ _ موزاي بۇغرا _ ئەركەك تۆگە بوغۇ _ بۇغا بۇقا _ بۇقا بۇقاخان _ بۇقىدەك كۈچلۈك خان بۇلاق _ (1) بۇلاق ، (2) قەبىلە نامى ، (3) ئېقىن دەريا بۇلان _ بىر خىل ھايۋان ئىسمى بۇيان _ ساۋاب ، بەخت ، ياخشىلىق بۇيان قار _ بەخت ياغدۇرغۇچى قار بۇيرۇق _ ئەمەلدار بۆكە ( بۇكا ) _ (1) جەسۇر ، پالۋان ، باتۇر ، (2) ئەجدىھا ، ياۋۇز بۆكەخان _ باتۇر ، پالۋان خان بۆگۈ _ بىلىملىك ، ئەقىللىق بۆگۈ بىلگە _ ئەقىللىق ئالىم بۆگۈ خان _ دانىشمەن خان بۆگۈش _ ئەقىلدار ، دانىشمەن بىكە _ خېنىم بىگۇ _ ئەقىللىق بىلگە _ ئالىم ، دانىشمەن ، بىلىملىك بىلگە بەگ _ دانىشمەن بەگ بىلگە قاغان _ دانىشمەن خان بىلگە تۇتۇق _ بىلىملىك ، مەرتىۋىلىك ، ئىدارە قىلغۇچى بەگ بىلگە ئەر _ بىلىملىك ئەر بىلگە قاتىن _ بىلىملىك مەلىكە تابدۇ _ تاپار تاردۇش _ مەرتىۋە ، دەرىجە تارىقچى بەگ _ دېھقان يىگىت تاڭسۇق _ نەپىس ، قىممەتلىك ، كەم ئۇچرايدىغان تارخان _ خان ، بەگ تاش _ تاشتەك مۇستەھكەم تايۇق _ تۇيغۇن ، زېرەك تايانغۇ _ تايىنىدىغان ، ئىشىنىدىغان تايانچ _ تىرەك ، يۆلەك تەركەن _ خاقان ، پادىشاھ ، ۋىلايەت ھۆكۈمدارى تەكىش _ ھەر نەرسىنىڭ ئاخىرى تەگىن ( تىگىن ، تېكىن ) _ (1) قۇل ، (2) شاھزادە تەگىن ئۈگە _ بىلىملىك شاھزادە تەمۈر _ تۆمۈر تەمۈر بۇقا _ تۆمۈردەك بۇقا تەڭىز _ دېڭىز تەڭىزخان _ دېڭىزخان تەڭرى _ تەڭرى ، ئىلاھ ، ئاسمان تەڭىرلى _ تەڭرىلىك ، خۇداگۇي ، مۆئمىن تەڭرى تۇغمىش _ تەڭرى تۇغقان تەڭرىدە بولمىش _ تەڭرى ياراتقان توزۇن _ كېلىپ چىقىشى ياخشى ، ئېسىل ، ئوچۇق – يورۇق تورۇم _ بۇتا ( ھايۋان ئىسمى ) تورۇمتاي _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇشنىڭ ئىسمى توسۇن _ مىنىلمىگەن ئات توغرۇل _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇش توقىش _ جەڭ ، ئۇرۇش ، توقۇنۇش تولۇن _ تولغان ، تولۇق ، يېتىلگەن ، پۈتۈن تويزۇن _ يېزا ئاقساقىلى تويىن _ راھىب تويىن قۇلى _ راھىبنىڭ قۇلى تۇتۇق _ (1) مەرتىۋە ، (2) ئىدارە قىلغۇچى تۇتۇق ئەر _ (1) مەرتىۋىلىك ئەر ، (2) ئىدارە قىلغۇچى بەگ تۇتۇش _ كايىماق ، قاتتىق سۆزلىمەك تۇدۇش _ ئۇرۇش ، سوقۇش تۇدۇڭ _ باشلىق تۇرمىش _ تۇرغان ( ئورنىدىن تۇرغان ) تۇغمىش _ تۇغۇلغان ، ئەۋلاد تۇڭا _ قاپلان جىنسىدىن بىر ھايۋان تۇڭاخان _ قاپلاندەك خان تۆلىك _ جاسارەت ، غەيرەت تۈركان قاتىن _ تۈرك خانىشى تۈزمىش _ تۈزۈلگەن ، توغرا ، قۇسۇرسىز تۈزۈن – تۈزۈتلۈك ، كەمتەر ، مۇلايىم تېتىك _ تېتىك ، جانلىق ، ماھىر تىگىن بەگ _ شاھزادە يىگىت چاغرى _ (1) لاچىن ، (2) بۈركۈت چاغرى بەگ _ بۈركۈتتەك ئەر چاۋىش _ يول ، تەدبىر ، تەدبىرچى چەبەر _ چېۋەر ، قابىل چەچەك ( چېچەك ) _ گۈل ، غۇنچە ، چېچەك چوغلۇق _ (1) نۇرلۇق ، ئىسسىق ، (2) بىر خىل گۈل ئىسمى چوبەن _ چوپان ، پادىچى چىگىل _ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى چىگىل ئارسلان _ چىگىللارنىڭ ئارسلانى خان _ (1) خان ، ھۆكۈمدار ، (2) قان خانبابا _ خاندەك ئاتا راتنا _ ئۈنچە ، گۆھەر راتنا قار _ ئۈنچىدەك قار زەمۇران _ زۇمرەد ساچۇ _ چۇچا ( ياغلىق چۇچىسى ) سارسال _ سۆسەر ( بىر خىل ھايۋان ) سارمۇساق _ سامساق سارىغ _ سېرىق رەڭ سارىغ خان _ سارىغ : ئىسمى ، خان : سۈپىتى ساغۇن _ قارلۇق قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان سالچۇق _ قەبىلە نامى سانگۈن ( سەنگۈن ، سانغۇن ) _ سەركەردە ، قوماندان سانمىش _ سانالغان ساۋ _ شۆھرەت ، خەۋەر سەۋۈگ _ سۆيگۈ سەۋىگ _ ئەزىز سەۋىگلى _ سۆيۈملۈك سەۋىنچ _ شادلىق سوغۇن _ تاغ تېكىسى سۇنغۇش _ نەيزىۋازلىق سۇقاق _ بۆكەن ( ھايۋان ئىسمى ) سۇڭقۇر _ شۇڭقار سۆڭو _ خەنجەر ، نەيزە سۈپۈرگۈ _ سۈپۈرگە سىم _ كۈمۈش سىلىگ _ سىلىق ، پاكىز ، زېرەك ، مۇلايىم سىلىغ _ سىلىق ، مۇلايىم سىنان _ سىنالغان قابان _ تاۋاق قاپان _ قاۋان قاپلان _ يولۋاس قاتمىش _ قاتقان ، مۇستەھكەم ، چىڭ قاچڭار _ توشقان قارا _ (1) قارا رەڭ ، (2) پۇقرا ، خەلق ، مىللەت ، (3) ئۇلۇغ ، كاتتا ، چوڭ قاراخان _ پۇقرانىڭ خانى ، ئۇلۇغ خان قارا باقشى _ چوڭ ئۇستاز قارا بۇغا _ چوڭ بۇغا قارا تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى قارا تويىن _ چوڭ راھىب قارا قۇش _ بىر خىل چوڭ قۇش قارۇغچى _ مۇھاپىزەتچى قارغىلاچ _ قارلىغاچ قارلۇق _ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى قاسۇق _ مىق قاغان _ خاقان ، خان ، پادىشاھ قانتۇرمىش _ قاندۇرغان ، رازى قىلغان قاۋۇش _ كېلىشمەك ، ئۇيۇشماق قاۋشۇت _ كېلىشتۈر ، ئۇيۇشتۇر قاي _ قەبىلە نامى قاياق _ قايماق قەدىر _ قەيسەر ، كەسكىن قەيسەر _ رۇم شاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى قورۇمچى ئوغۇل _ چوڭ ئوغۇل قوزى _ (1) قوزا ، (2) سۆيۈملۈك قۇرسۇز _ يۈز – ئابروي ، سالاپەت قۇنشى _ قوشنا قۇت _ بەخت ، دۆلەت قۇتادمىش _ بەخت كەلتۈرگەن قۇتلۇغ _ قۇتلۇق ، بەختلىك قۇتلۇغ بەگ _ بەختلىك ئەر قۇتلۇغ بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، قۇتلۇغ : سۈپىتى قۇتلۇغ بۇقا _ بۇقا : ئىسمى ، قۇتلۇغ : سۈپىتى قۇتلۇغ بىلگە قاغان _ بەختلىك ، دانىشمەن پادىشاھ قۇتلۇغ تىگىن _ بەختلىك شاھزادە قۇتلۇغ تەڭرى _ بەخت بەرگۈچى تەڭرى قۇتلۇغ تەمۈر : تەمۈر : ئىسمى ، قۇتلۇغ : سۈپىتى قۇتلۇغ تۇرمىش _ بەختلىك تۇرغان ، خۇشال تۇرغان قۇتلۇغ ئوغۇل _ بەختلىك ئوغۇل قۇتغان _ بەختلىك ، بەخت تاپقان قۇرتۇلمىش _ قۇتۇلغان ، يەڭگىللىگەن قۇشتر _ مۇئەللىم ، ئۇستاز قوغۇرسۇ _ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىن بىرى قوغۇرسۇ ئالتۇن _ ئالتۇن : ئىسمى ، قوغۇرسۇ : سۈپىتى قۇلان _ قۇلان ( ياۋا ئېشەك ) قۇلۇن _ قۇلۇن ( ھايۋان ئىسمى ) قۇلۇن قارا _ قارا رەڭلىك قۇلۇن قۇنتۇز ( قۇندۇز ) _ قۇندۇز ( بىر خىل ھايۋان ئىسمى ) قۇنچۇي ( خۇنچۇي ) _ مەلىكە قىرا _ ئېتىز قىرچەچەك _ قىردا ئۆسكەن گۈل قىز _ قىز بالا ، قىزچاق قىنىم _ جەسۇر قىيىمتۇ _ ھۇشيار كەنچ ( كەنج ) _ كەنجى ، كىچىك ، كېيىنكى ، ئاخىرقى كەنچ تۇغمىش _ كېيىن تۇغۇلغان كەنچ ئوغلان _ كەنجى ئوغۇل كۆركلۈگ _ كۆركەم ، چىرايلىق كۆزۈن _ كۈچ ، قۇۋۋەت كۆل _ كۆل ، دېڭىز كۆلتىگىن _ ئەقلى كۆلدەك شاھزادە كۆۋشەك _ گۈزەل ، چىرايلىق ، يۇمشاق كۈچ تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، كۈچ ( كۈچلۈك ) : سۈپىتى كۈچ تىگىن : كۈچلۈك شاھزادە كۈچلۈگ _ كۈچلۈك ، قۇدرەتلىك كۈسەمىش _ ئارزۇ قىلغان كۈسەن _ كۇچارنىڭ قەدىمكى نامى كۈسەنچ _ ئارزۇ ، تىلەك كۈگەلىك _ مۇقەددەس ، مەشھۇر كۈلچىرە _ خۇش چىراي كۈل بىلگە قاغان _ بىلىملىك ، ماختاشقا لايىق خان كۈل قاغان _ خۇش چىراي خان كۈمۈش تىگىن _ تېنى كۈمۈشتەك ئاق شاھزادە كۇرشاد _ قەدىمكى ئۇيغۇر شاھزادىسىنىڭ ئىسمى كۇشان _ قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى كۈن _ كۈن ، قۇياش ، شەرق كۈنخان _ كۈندەك خان كۈن بەرمىش _ كۈن بەرگەن ، بەختكە ئېرىشتۈرگەن كۈنتۇغدى _ كۈن چىقتى كۈن تەڭرى _ كۈندەك تەڭرى كۈن سىلىگ _ كۈندەك ئىللىق كىشى _ ئۇستاز كىشى قارا _ چوڭ ئۇستاز لاچىن _ لاچىن ، بۈركۈت مەڭۈ تەمۈر _ ئەبەدىي تۆمۈردەك مۇستەھكەم مەڭلىگ ( مەڭلىك ) _ (1) بەلگىلىك ، (2) مەڭلىك ، (3) بەختلىك ، خۇشال مەڭلىگ سەنگۈن _ قۇتلۇق باتۇر مۇڭسۇز _ غەم – قايغۇسىز ، خاتىرجەم مىڭ تەمۈر _ مىڭ : ئىسمى ، تەمۈر : سۈپىتى مىڭ قارا _ مىڭ : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى نوم قۇلى _ دىن قۇلى نىكۇ _ ياخشى ئوتاچى _ تېۋىپ ، دورىگەر ئوردۇبەگ _ ئوردىدا خىزمەت قىلغۇچى بەگ ئوزمىش _ قۇتۇلغان ، نىجاد تاپقان ئوغلان _ ئوغۇل بالا ، ئەزىمەت ئوغلاغۇ قاتىن _ دۆلەتمەن خوتۇن ئوغۇز _ (1) ئوغۇز سۈتى ، (2) تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى ئوغۇل _ ئوغۇل بالا ئوغۇل تىگىن _ ئوغۇلدەك شاھزادە ئۇتار _ ئۇتۇپ چىقىدۇ ئۇتۇش _ يەڭگۈچى ، ئۇتقان ئۇچقۇر _ بىلىملىك كىشى ئۇدغۇرمىش _ ئۇيۇشقان ، غەلىبە قىلغان ئۇدمىش _ شەپقەتلىك ئۇز _ چىرايلىق ، گۈزەل ئۇسۇق _ ئۇسسىغان ئۇسۇن _ ئۇزۇن ، ئۇزاق ئۇغراق _ ئارزۇ ، نىيەت ئۇلۇغ _ ئۇلۇغ ، كاتتا ، چوڭ ئۇلۇغ بەگ _ ئۇلۇغ ئەر ئۇلۇغ خان _ ئۇلۇغ پادىشاھ ، كاتتا خان ئوماي _ (1) بىر خىل ھايۋان ئىسمى ، (2) يولداش ، ھەمراھ ، (3) تەڭرى ئۇمۇن _ ئۈمىد ئۇئىغۇر _ ئۇيغۇر ئۆتەمىش _ ئۆتكۈر ، ئۈزۈپ ماڭغۇچى ئۆتكۈر _ ئىتتىك ، تېز ، كەسكىن ئۆتكۈرمىش _ ئۆتكۈرلەشكەن ئۆتۈنچ تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، ئۆتۈنچ ( قەرزدار ) : سۈپىتى ئۆكۈش قارا _ ئۆكۈش ( يىلقا ) : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى ئۆگرۈنچ _ خۇشاللىق ، شادلىق ئىدىقۇت _ مۇقەددەس بەخت ئىسىگ تارخان _ مۇلايىم خان ئىش بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، ئىش ( دوست ) : سۈپىتى ئىش قارا _ ئىش ( چاچ ئۆرۈمى ) : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى ئىل _ ھۆكۈمدار ، مەملىكەت ، دۆلەت ، خەلق ئىل ئاشمىش _ ھۆكۈمدارلىقتا يۈكسەك ئىل ئالمىش _ دۆلەت ئالغان ئىل ئەتمىش _ دۆلەت قۇرغان ، ئەلنى ئىدارە قىلغان ئىل ئەتمىش بىلگە قاغان _ ئەلنى ئىدارە قىلغان دانىشمەن خان ئىل ئەردەم _ (1) خەلقپەرۋەر ، (2) دۆلەتنىڭ ئەدەب ، ئەخلاقى ئىل بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، ئىل : سۈپىتى ئىل تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، ئىل : سۈپىتى ئىل تۇتمىش _ دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىل تۈزمىش _ ئەلنى تۈزگۈچى ئىل قۇتادمىش _ ئەلنى بەختىيار قىلغان ئىل ئۈگەسى _ دۆلەتنىڭ دانىشمىنى ، ئەلنىڭ ئۇستازى ئىل ئىككەرمىش _ ئەلنى ئىدارە قىلغان ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغان ئىل ئىنانچ _ دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ، ئەل ئىشىنىدىغان ئىل ئىنانچ تىرەك _ دۆلەتنىڭ ئىشەنچلىك تىرىكى ئىل يىغمىش تەڭرىم _ ئەلنى توپلىغان تەڭرىم ( پادىشاھىم ) ئىلىكتا _ يەر ئىگىسى ئىلىگ ( ئىلىك ) _ (1) خان ، خاقان ، (2) ئەل ، قۇل ، (3) ھۆكۈمدار ئىلىگ بەگ _ (1) شاھزادە ، (2) ھۆكۈمدار بەگ ، (3) خان ئىلىگ قان _ پادىشاھ ئىلچى _ ئەلچى ئىلچى قارا _ كاتتا ئەلچى ئىنىگە _ ھىڭگان تۆگە ئىنىك _ ئۇكا ئىناق قۇلى _ دوستلۇق قۇلى ئىنانچ _ (1) ئىشەنچ ، ئىشەنچلىك ، (2) ۋەزىر ئىنانچ بۇيرۇق _ ئىشەنچلىك ئەمەلدار ئىنال _ ئانىسى ئېسىلزادە ، ئاتىسى ئاددىي خەلقتىن بولغان كىشى ياپغۇ _ بىر خىل ئۇنۋان نامى ياچانقىر _ ئۇياتچان ، ھايالىق ياراغ ( ياراق ) _ قورال ياران _ دوست ، ھەمراھ يارۇغلۇ _ ئوتلۇق ، نۇرلۇق يارۇق _ يورۇقلۇق ، يورۇق يارىچى _ ياردەمچى ياشقان _ ياش يىگىت ياغما _ تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى يانداق _ يانتاق ياغان _ پىل يەتمىش قارا _ يەتمىش : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى يۇرتۇغ _ ھەمراھ يوللۇغ تىگىن _ يولى بار شاھزادە يىدلاغ _ خۇشپۇراق
|
|
|