|
|
يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش (داۋامى ) |
يوللىغان ۋاقىت:2009-01-21 ئاۋاتلىقى:1292 |
|
|
|
تۈركۈم ئېڭى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى ھەقىقى كىشىلىك پەلسەپىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئەقىدىلىك كىشىلەرنىلا ھازىرلاش ئەمەس، دەل ئەكسىچە ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى سۈزۈك بىلىشىگە ئەرك ۋە بوشلۇق كۆرسىتىشتۇر. - خىيال دەپتىرىمدىن ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن: بىز يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن، ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرنى يوقىتىپ قويدۇق. بۇ بىزنىڭ “يۇلتۇز” ئىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولدى. ئۇلار: مىللەتنىڭ تۈركۈم ئېڭى ۋە ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىدىن تۆرەلگەن بىرلىك_ھەمدەملىكى، مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيەت تىپىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئەنئەنە ئىزچىللىقى، ئەقىلنىڭ ھېسسىياتتىن ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ يوقىرى شەكلى بولغان نەزەرىيىۋى تەپەككۈردىن ئىبارەت. قەدىمكى يىپەك يولى ئۆزى داۋام قىلغان ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا خۇددى پەغپۇرچىننىڭ خەزىنىسىدىكى “ئائىنەئىي جاھان” دەك، “جەمشىدى جامى” ۋە ياكى “ئىسكەندەر تىلسىمى” بىلەن “سۇلايمان ئۈزۈكىنىڭ كۆزى” دەك بىقىياس كاتتا ۋە بىتەققاس ئىنچىكە نەرسىلەرنى بىزنىڭ نەزىرىمىزگە تاشلىدى. بىز قەدىمكى ئەجدادلىرى بەدەنلىرىگە گۈل چېكىپ، باشلىرىغا ئۆكە قاداپ ، ئۆز ئۇرۇق قەبىلىلىرىگە توتېم قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئالەم ئەپسانىلىرى ۋە كىشىلىك مىزانلىرىنى بەلگىلەپ، شۇ خىل ئۆزىگە خاس ئەنئەنە ئىزچىللىقىدا شەكىللەندۈرگەن ئۇنداق ياكى مۇنداق “مەدەنىيەت تىپلىرى” نى كۆردۇق. ئۇلار بۇ خىل “توتېم” رىجىلىرى بىلەن “مەدەنىيەت تىپلىرى” نى ئۆز-ئۆزىنى بىلىش ۋە پەرقلەندۈرۈش، ئۆز-ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولغان بۇ نەرسىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقىدىكى ئىنتايىن مۇھىم نەرسە-تۈركۈم ئېڭى گەۋدىلەنگەن. ئېيتىش كېرەككى زەررىدىن بەھەيۋەت كاتا يۇلتۇزلارغىچە، ھۈجەيرىدىن ئىنسانغىچە تۈركۈملۈك ھالەت ساقلانغان. ھەر بىر گۈلنىڭ ئۆز تۈرى، ھەر بىر ھايۋاننىڭ ئۆز ئائىلىسى بار. بىرلا تامچە سۇ، بىرلا قەترە نېفىت، بىرلا تەمىم يامغۇر بولىشى مۇمكىن ئەمەس. تۈركۈمدە مەۋجۇتلۇق شەكلى، ھەركەت خاسلىقى، تەرەققىيات قانۇنىيىتى شەكىللىنىدۇ. ئىنسانىيەتمۇ باشتىن_ئاياغ ئۇنداق ياكى مۇنداق تۈركۈم بويىچە ياشايدۇ. مىللەتنىڭ تىل بىرلىكى، تېررىتورىيىلىك بىرلىكى، ئىقتىسادىي تۇرمۇش بىرلىكى، مەدەنىيەت روھىيىتى قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ تۈركۈم نى كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى ئىنسان تۈركۈملىرىدە پوتېنسىئال ھالەتتىكى تۈركۈم خاھىشچانلىقى مەۋجۇد. ئۇنىڭدا رەسمىي، ئۆز – ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭىنىڭ بولىشى دەخلىسىزدۇر. تۈركۈم ئېتىراپ قىلىنىشى، تۈركۈم ئېڭى ۋە تۈركۈم مەدەنىيەت تىپلىرى نىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئالاھىدىلىكلىرى ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئېتىبارغا ئېلىنىشى ئەقەللىي ئىلمىي ساۋات دائىرىسىدىكى چۈشەنچە، ئەلۋەتتە. تۈركۈم ئېڭى — ھەرقايسى ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك مەۋجۇتلۇقى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى، تارىخى كەچۈرمىشلىرىدىن جۇغلانغان شەرەپ نومۇس ئېڭى، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قاراتقان مەسۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۆز – ئۆزىنى تۈزەش ۋە كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش جاسارىتى قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان پائالىيەتچان ئاڭ سىستېمىسىدىن ئىبارەت. تۈركۈم ئېڭىنىڭ مەركىزى ھالقىسى ئۆز مەدەنىيەت تىپىنى بىلىش ۋە ئۆز مەدەنىيەت تىپى بويىچە تەرەققىياتقا يۈزلىنىش ئېڭىدۇر. ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا ئېتنىك جەھەتتىن قېرىنداش بولغان مىللەتلەر مەدەنىيەت جۇغراپىيىسى جەھەتتىن ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت تىپىنىڭ ئىككىنچىسىگە تەۋە بولۇپ كەلدى. بىرىنچى مەدەنىيەت تىپى — ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كىشىلىك قارىشىنىڭ مەركىزىي ئوقى قىلغان “پەرەڭچە” (ياۋروپاچە) مەدەنىيەت تىپى بولۇپ، تەبىئەتكە تەقلىد قىلىش، ئىنسان تەبىئىتى قاراشلىرى، تەبىئىي ھوقۇق، تەبىئەت پەلسەپىسى ئەنە شۇ مەركىزى ئوقنى دەۋر قىلغان. بىز ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ئەپسانە ۋە ئىپتىدائىي ئېتىقادلىرىغا نەزەر سالساق مۇ، تەڭرىلەرنىڭ يېرىم ئىنسان، يېرىم ھايۋان خاراكتېرلىك تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. ياۋروپا مەدەنىيەت تىپى، مۇزىكىلىق مىلودىيىلەر، رەسساملىق – ھەيكەلتىراشلىقتىكى يالىڭاچ ئوبرازلار، ئەدەبىياتتىكى تەبىئەت ۋە ئىنسان تەبىئىتى لىرىكىلىرى، ئەركىن مۇھەببەت ۋە دۇئېل رىجىلىرى، تەبىئەتتە يەنى دېڭىز- ئوكيانلار، ئېگىز تاغلار، خەتەرلىك شاقىراتمىلار، ئىنسان ئايىغى يەتمىگەن ئىقلىملاردا قەھرىمانلىق كۆرسىتىش قاتارلىقلاردىمۇ ئۆز ئالامەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغان. ئىككىنچى مەدەنىيەت تىپى- ئىنسان بىلەن مۇقەددەس قۇدرەت “تەڭرى ، قۇت” نىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كىشىلىك قارىشىنىڭ مەركىزى ئوقى قىلغان ئاسىيا يايلاق- جەزىرە خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تىپى بولۇپ، تەبىئەت ۋە جەمىيەت ھادىسىلىرىنى تەڭرى قۇدرىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى، تەبىئەت ۋە جەمىيەت قانۇنلىرىنى تەڭرى ئىرادىسى ۋە قۇت قائىدىلىرىنىڭ گەۋدىلىنىشى دىگەن قاراشقا ئاساسلىنىدۇ. شەھەرلەرنىڭ مەركىزىدە ھاكىمىيەت سارايلىرى ئەمەس، ئىبادەتخانىلار قەد كۆتۈرگەن. پادىشاھلار ئۆزلىرىنى تەڭرى ئىرادىسى، ئادالەت قۇتىنى بەجا قىلغۇچىلار دەپ قارايدۇ. پارا ئېلىش ئەمەس، مەلۇم ۋاقتتا ئوردا خەزىنىلىرى تەرتىپلىك “بۇلاڭ- تالاڭ” غا قويۇپ بېرىلىدۇ. چارۋىدارلار چۆللەرگە بۆرە ئوزۇقى ئۈچۈن قوي- كالا تاشلايدۇ. پانىزملىق “ۋەھدەت ۋۇجۇد” پەلسەپە، قىساسنى تەڭرىگە تاپشۇرۇش “ئەلقىسساسۇل مىنەلھەق”، ئىككى دۇنيا قاراشلىرى بىلەن كەمتەر ياشاش روھىيىتى ئەخلاق ۋە ئەدەبىيات- سەنەتنىڭ ئاساسى ئىدىيىسى قىلىنىدۇ. ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى گۇمانىستىك، ئادالەتلىك پىكىر ئېقىمىدا گەۋدىلەنگەن بولىدۇ. كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ۋە ياخشى يامانلىقىنى مىزان قىلغان ئەدەبىيات (مەسىلەن، “شاھنامە”، “مىڭبىر كىچە”، “چاھار دەرۋىش”، “خەمىسە”) خەلق ئەدەبىياتى بىلەن كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى گەۋدىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۈچىنچى مەدەنىيەت تىپى – ئىنسان بىلەن پادىشاھ “ھاكىم يەت” نىڭ مۇناسىۋىتىنى كىشىلىك قارىشى ۋە كىشىلىك قىممىتىنىڭ مەركىزى ئوقى قىلغان شەرقىي ئاسىياچە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپىدۇر. “زېمىن پادىشاھىنىڭ”، “پۇقرا پادىشاھىنىڭ ”، “كۈللى جاھان پادىشاھقا مەنسۇپ تۇر ” دىگەن قاراش مۇتلەقلەشتۈرۈلۈپ، ئوردا ئەمىر پەرمانلىرى مۇقەددەس سانىلىدۇ، شەھەر مەركىزىگە خانلىق- بەگلىك قەسىرلەر بىنا قىلىنىدۇ، ئەمەل- مەنسەپكە ئېرىشمەك شەخسنىڭ ئالىي بەختى، ئىززىتى ۋە ئارزۇسى ھېسابلىنىدۇ. تەڭرى چۈشەنچىلىرى ئىلاھى ئوبرازلار بىلەن ئەمەس، سەركەردە باتۇرلىرى بولغان ساماۋى ئىمپېراتورلار شەكلىدە زېمىندىن ئاسمانغا كۆچۈرۈلگەن بولىدۇ. پادىشاھقا قۇللۇق ۋە سادىقلىق ئەڭ ئالى پەزىلەت دەپ قارىلىدۇ ۋەھاكازالار. دەرۋەقە، بۇ ئۈچ خىل مەدەنىيەت تىپى بىر-بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان تۆمۈر تاختا بولسىمۇ، ئەمما ئۆز تىپلىرى بويىچە، بىرىنىڭ يەنە بىرىنى چۈشىنىپ يېتىشكە بولىدىغان مەنتىقىلىق، روھىيەتلىك، ئادەت يوسۇن لۇق، مىجەز-خاراكتېرلىك چەكلىمىسى ئەغىر بولۇپ، بىرى بىرىگە غەلىتە تۇيۇلىدۇ. بۇ تەرجىمانمۇ ھەل قىلالمايدىغان دائىرىدۇر. خەلقىمىز يېقىنقى بەش ئەسىر مابەينىدە ئىككى قېتىم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئەغىر بوھرانى غا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ بىرى، ئاپاق غوجا ئەۋجىگە كۆتۈرگەن خوجا- ئىشانچىلىقنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقى بىلەن دالاي لاما-جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ئالدىدىكى ساتقۇنلۇقلىرى تۈپەيلى يۈز بەرگەن مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قاششاقلىقىدىن ئىبارەت. بىز بابارەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زېلىلى، مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى، خوجا جاھان ئەرشى ۋە فوتۇھىدەك گۇمانىستىك شائىرلارنىڭ سەرگەردانلىق دەشتىگە تاشلىنىشى ۋە قەتل قىلىنىشى، كاللا مۇنارلىرى نىڭ تىكلىنىشى، كىتاپ- دەستۇرلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى، مۇرت قۇلچىلىقنىڭ ئەۋجەرەپ كېتىشىدىن ئۇنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭ يەنە بىرى، ئۇچىغا چىققان سول ئىدىيىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى قىرقىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نۇقۇل “ياۋروپا مەدەنىيىتى ”- ياۋروپا پەلسەپىسى، تارىخى، ئەدەبىياتىنى دەسسىتىشتە ئىپادىلىگەن مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىدىن ئىبارەت. نەتىجىدە “ئۆلىمالىق ئەرەبچە”، “ئەپەندىلىك غەرىپچە” دېگەندەك ھالەت بىلەن، “ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئۆزگىنى بىلمەك”، “ھەقىقەت پەقەت چەتنىڭ دېمەك” دېگەندەك ھالەت شەكىللەندى. بىز پەقەت قەيسىرانە كۆرەش بىلەن 1980-يىللاردىن كېيىنلا ئۆزىمىزنىڭ پەلسەپە تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى، سەنەت تارىخى، كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىمىزنىڭ كۆمۈپ تاشلانغان ۋە ئۇنتۇلغان تارىخى خەزىنىسىنى ئاچتۇق. شۇنداقتىمۇ مىللىتىمىز، ھەتتا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز تېخى مەدەنىيەت تىپىمىز ۋە خەزىنىمىزدىن يىتەرلىك خەۋەردار ئەمەس. ئۇلار ئىچكى ۋە سىرتقى تەرەپتىن كېلىدىغان ئىنكارچىلىق، سولچىللىق، قاتماللىق ئىدىيىۋى بېسىملىرى ئالدىدا لەقۋالىشىپ، پالەچلىشىپ، خۇددى خروئىنغا ئۆگىنىپ قالغان ئادەمگە ئوخشاش يەنە ھېلىقى “سول” خروئىننى چەكمىسە تىترەپ_تاتىرىپ تۇرالمايدىغان دەك ئېغىر زەھەرلەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ، خەلقىمىزنىڭ “ئىجتىمائىي مىللەت” لىككە كۆتۈرۈلىشىگە زامىن بولماقتا. قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ چۇ، مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ ئۆي زىياپەت، پۇل تاپسا مەككە مەدىنىگە زىيارەت، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا – پاقالچاق، ئۆپكە – ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربى يەتمىگەن خەلقنىڭ ئەسىر ئالماشقان بىلەن رىسقى – نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟! دەرۋەقە، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئۇنىڭ تۈركۈم ئېڭى ۋە ئۆز مىللى مەدەنىيەت تىپى تەرىپىدىن پەرۋىش قىلىنىدۇ. ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئىنكار قىلىپ ھەرقانداق مىللى تۈركۈم نى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئۇيۇشۇش كۈچىنى يوققا چىقىرىش مىللەتنى ھالاك قىلىش دېمەكتۇر. مىللەتنىڭ بىرقانچە مىڭ يىللىق تارىخى ئۇنىڭ ئۇيۇشۇش ئۇنى چېچىۋەتكۈچى كۈچتىن غەلبە قىلىشى ئاساسىغا بەر قارار تاپقان تارىختۇر. يېقىنقى بەش ئەسىردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرىت- مۇخلىسلىق يۇرت – مەھەللىۋازلىق، موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گۇرۇھۋازلىق، ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن مەنسەپ – بالداق ھېرىسمەنلىكى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللى مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل – دەرەخسىز جەزىرىدىكى قويۇنتازدەك مەسۇلىيەتسىز پىتنە ئىغۋا تۆھمەتخورلۇقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن “ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق” دېگەن مەنىدىكى “ئۇيغۇر” لار ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيۇشۇش كۈچىنى “ئېچىلغان سۈتكە” ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە “ئىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىشىمىز ئورغۇي” بولۇپ چىقتى! تارىخىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق سەھىپىلىرى بىر – بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، ئەمما بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىق ئۇلىدا جىلۋەلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار دىغار، ھون، تېلى قەبىلىلىرى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنى بىرلەشتۈرۈپ جۇجان ۋە كۆك تۈرك خانلىقىنى غۇلىتىپ، تاڭ سۇلالىسى سەلتەنىتىنى ئۆڭلۈك – سۆيگۈن قوشۇنلىرى بىلەن تۈبۈتلەرنىڭ تالاڭ قىلغۇچ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يىپەك يولىنى نەچچە قېتىم ئۈزۈپ قويغان كۈچلەردىن تازىلاپ، سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەب خەلىپىلىكىگىچە كېڭەيتىپ، ئۆز تىلىنى ئىمپېرىيە تىلى — ئەرەب تىلى بىلەن “بەيگىدىكى ئاتتەك” مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ ئىچكى ئۇيۇشۇش ۋە سىرتقا قارىتا بىرلىك – ھەمدەملىكنىڭ شاراپىتىنى نامايىش قىلغانىدى. ۋەھالەنكى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننى چېكىندۈرگەن، ساك، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرگەن، چىڭگىزخان سەلتەنىتىگە مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلىغان بۇ خەلق كېيىنچە ئەھمەدشاھ قارىقاشنىڭ “ئات ھەققىدە مۇخەممەس” ناملىق ساتىراسىدىكى ئەبگا “ئات” ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى! بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مىللىي تۈركۈمى نىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى پەقەت مۇقام – مەشرەپ، تىل_ئەدەبىيات، توي_تۆكۈن، ئۆلۈم_يېتىم، ھېيىت_ئايەمنى ۋاستە قىلغان ئاددى تەبىئىي ئېتنولوگىيىلىك ئالامەتلەردىلا قالدى. ئەنئەنە ئىزچىللىقى ۋە يېڭىلىق قىزغىنلىقى ئەنئەنە ئىزچىللىقى ئەنئەنە قاتماللىقى ئەمەس، ئەنئەنىنىڭ راۋاجلانغان تارىخى قاتلاملىقىدىن ئىبارەت. — خىيال دەپتىرىمدىن ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن: يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان يەنە بىر مۇھىم تېپىشماق، مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەل رىقابەت ئىقتىدارى، باشقىچە ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ مىللىيەتلىك قىممىتىنىڭ مۇھىم بىر تارىخىي يىلتىزى ھېسابلانغان ئەنئەنە ئىزچىللىقى مەسىلىسىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەدەنىي ھاياتىمىزغا ھاكىممۇتلەق دىكتاتۇرا بولۇپ، بارلىق جانلىق، مۇنەۋۋەر ئىدىيىلەرنى چەيلەپ كەلگەن ئىنتايىن سولچىللىق پىكىر ئېقىملىرى نىڭ يىمىرىلىشى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىزگە ھەرخىل مەدەنىيەت تەشەببۇسلىرى ئېقىپ كىردى. يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى، بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەت بازىرى بەرپا قىلىش تۈرتكىلىرى نەتىجىسىدە مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن يېڭىلىققا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسلىسىدە كەسكىن سوقۇلۇشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. خەلقىمىزگە قارىتىلغان “كونا ئەنئەنە ۋە مىراسلىرىدىن ئىپتىخارلىنىپ ئەس – ھوشىنى يوقىتىپ قويۇش”، “يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىككى ئەسىرىنى قۇچاقلاپ يېتىۋېرىش” دېگەن سۆزلەرمۇ، “يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، تارىخقا، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز” دېگەن سۆزلەرمۇ مۇھاكىمە مۇنبىرىگە چىقتى. ئېيتىش كېرەككى، ئەجدادلىرىمىزدا قەدىمكى يىپەك يولى گۈللەنگەن زامانلاردا، بىر تەرەپتىن، چەتكە، يېڭىلىققا، غەيرىي ۋە ئىجابىي نەرسىلەرگە قىزىقىش روھى ئۈستۈن بولغان. بۇ روھىيەت تۈپەيلى، ئۇلار مەدەنىيەت بېكىنمىچىلىكىنى يېڭىپ، “غەربىي يۇرت” قا خاس مەدەنىيەت ئۇسلۇبى، مەدەنىيەت قوشۇلمىسىنى يارىتىپ جاھان مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۆز مەدەنىيەت تىپىنى، ئۇنىڭدىن يادرولۇق تىپىك ئىرسىي ئەۋزەللىك ۋە خاسلىقنىڭ ئەنئەنىۋى خەزىنىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىپ، بارلىق غەيرىي خەلقلەر مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغان. بىز خوتەندىن قۇمۇلغىچە بولغان بۇددا – مانى رەسساملىق سەنەت يادىكارلىقلىرىغا نەزەر سالساق، گرېك – ئىران – ھىندىستان تەسۋىرىي سەنەت ئۇتۇقلىرىنى ھەزىم قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ قىياپەت تۇرمۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەممە جەھەتتە ئۆزى ھەزىم قىلغان سەنەت ئۇتۇقلىرىدىن ئېشىپ، ئۆز ئالدىغا خاس تەسۋىرىي سەنەت سېستىمىسى ۋە ئىجادىيەت ئىستىلى تىكلەپ، دۇنيا رەسساملىق سەنىتىنىڭ يوقىرى پەللىسىنى ياراتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ، بىزگە “ئەنئەنە ۋارىسلىق” بىلەن “يېڭىلىق قوبۇل قىلىش” نىڭ مىللەتنىڭ تۈركۈم ئېڭى، مىللىيەتلىك قىممىتى ۋە مەدەنىيەت سۈپەتلىرىگە توغرا تاناسىپلىقىنى، تۈپكى جەھەتتە گاڭگىراپ قالغان مىللەت جۈزئىلىك جەھەتلەردىمۇ گاڭگىراپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يېقىنقى بەش ئەسىردىن بېرى، مەدەنىيەت تارىخىمىزنى، ھەتتا ئىلگىرىكى ئېتىقادلاردىكى ئەجداتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزنى خانىۋەيران قىلىشقا، چەت ئەللىكلەرگە سېتىشقا بېرىلدۇق. تاكى مۇشۇ ئەسىر باشلانغىچە دۇنيانىڭ بولۇپمۇ، غەربنىڭ پەن – تېخنىكا ۋە دېموكراتىك ئىدىيە ساھەسىدىكى يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز قالدۇق. بىر زامانلاردا فىئودال بېكىنمىچىلىك ئاسارىتىگە ياۋروپا ماللىرىنى “شەيتان تېرىسى”، “شەيتان ھارۋىسى” دەپ قارىدۇق. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز غەزەللىرىدە بۇ خىل روھىيەتنى راسا ياخشى سۈرەتلەپ بەردى. ئەمما بىز ئارىمىزدىن چىققان يېڭىلىقپەرۋەر دانالىرىمىزنىڭ بېشىغا چىقمىغۇچە تىنچىمىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن، بولۇپمۇ 30-، 40- يىللاردىن كېيىنكى زامانلاردا سوۋېت رۇسىيىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەن شەكىلدە بىزگە يېتىپ كەلگەن يېڭىچە پەن – مائارىپ بىلەن تونۇشتۇق. بۇ ياخشى باشلىنىش بىر مۈرىسى يوق كاپىتاندەك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تارىخىمىز ۋە مەدەنىيەت تىپىمىزنى دىققەت – ئېتىباردىن چەتلەش تۇرۇپ قويدى. بارا – بارا بىز شەرقنى، ئۆز مەدەنىيەت تىپىمىزنى، ئۆز يىتىزىمىزنى ئۇنتۇپ، غەربنىڭ شەرقتىكى قوشۇمچىسىغا ئوخشاپ قالدۇق! يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش بىلەن سوۋېت رۇسىيىسى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئوكيان ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىلەر ئارقىلىق چايقىلىپ كەلگەن غەرب مەدەنىيىتىگە دۇچ كەلدۇق. نەتىجىدە، گاڭگىراشتىن توختىماي تۇرۇپلا يەنە گاڭگىراشقا كىرىشتۇق. بىر مۇنچە كىشىلىرىمىز بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تىپى ۋە مەدەنىيەت ئەۋزەللىكلىرىنى ئۇنتۇشقا كىرىشكەن قېرىنداشلىرىمىزنى دوراپ، يامغۇرنى كۆرۈپلا غۇلاپ چۈشۈپ پاتقاققا ئايلانغان كېسەك تامغا ئوخشاپ قالغىلى قوپتى. ھەرخىل چاچ بوياق پاسونلىرى، غەربلىكلەرمۇ تازا ياخشى قاراپ كەتمەيدىغان قۇرت- قوڭغۇز شەكىللىك كىيىملەر، مىللىي ئۇسۇللىرىمىزنىڭ لاتاپىتىگە زىت غەلىتە ھەرىكەتلەر، مۇھەببەت نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى شەرمىي ھايا گۈزەللىكى ۋە مىللىي ئەخلاققا زىت ئوچۇق سورۇنلاردىكى غىلجىڭ – لالمىلىقلار، خەلقنىڭ ھال – ئەھۋالىدىن چەتلەپ كەتكەن شېئىرىي ۋايساشلار، “ئىچى غال – غال تېشى پال - پال” پەرداز مەدەنىيىتىگە دۈم چۈشۈش، زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىش … قاتارلىقلار مەدەنىيەت بوسۇغىمىزنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، روھىيەت سارىيىمىزنى بۇلغاشقا چۈشتى. مېنىڭچە مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى دېگەندە، تارىخىمىزنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا يۇقتۇرۇۋالغان ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ كامالەتكە يۈزلىنىش روھى بىلەن ھار قايسى دەۋرلەردە زامانىۋىلىشىش قەدەملىرىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان نەرسىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرمايدۇ. شۇنىڭدەك، مەدەنىيەت توقۇنۇشى ھاسىل قىلغان چەتتىن كىرگەن غەيرىي مەدەنىيەت تىپلىرى دېگەندە، بىز مىللەت ۋە دۆلەتتىن ھالقىغان پەن-تەخنىكا بىلەن ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرىنى نەزەردە تۇتمايمىز. مېنىڭچە، يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، مەدەنىيەت تىپى، مەدەنىيەت نەتىجىلىرى بىلەن ھەر قايسى مىللەتلەر، دۆلەتلەر، رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، مەدەنىيەت تىپى، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى بىلىش، تەتقىق قىلىش، “ئۆزىدىنمۇ، ئۆزگىلەردىنمۇ خەۋەردار بولۇش” ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىلىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، باشقا مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش، باشقا مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن جىددى مەسىلە. ئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئوزۇقلىنىش قا، ئۆز-ئۆزىنى جارى قىلىپ يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش قا مۇھتاج، مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئوزۇقلانمايدىغان ھەيكەل ياكى قاماپ قويۇلغان مەھبۇس ئەمەس. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنىڭ مەنىۋى ئۇلى، مىللەتنىڭ ئەۋزەل رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ھاياتى بۇلىقى، دۇنيا مىللەتلىرى ۋە مەدەنىيەت لىرى ئارىسىدا ئۆزىگە خاس قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى. بۇنداق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ. راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ كۇشادە جارى قىلىش بىلەن ئۇنى يەنە باشقا مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ نابۇت قىلىۋېتىشىدىن ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنى بىرلىكتە ئەلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بۇ مۇرەككەپ مەسىلە. بىز ھەرخىل مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقاندا، بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ سىياسى ياكى باشقا جەھەتلەر بىلەن تەڭداش مەۋقەدە بولمىغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدەك بىز مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقاندا بىر- بىرىنى چەتكە قېقىش، بىر- بىرىدىن گۇمانلىنىش، تاللاپ قوبۇل قىلىش، ئۆزگەرتىپ ھەزىم قىلىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىن ئەشىپ كېتىش، دۇنياغا يۈزلەڭەن ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت نەتىجىلىرى يارىتىش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. تارىخ ھاكىمىيەت قۇدرىتى ئۈستۈن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتتە ئۈستۈن مىللەتلەر تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكى ھەممە ئۈستۈنلۈكلەردىنمۇ قۇدرەتلىك، ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئىسپاتلىدى. مەن غەيرىي مەدەنىيەتلەرنىڭ تىپىك، خاسلىققا ئىگە يادرولۇق قىسىملىرىدىن باشقا، ئۆز مەدەنىيىتىگە يېقىن، ئۆز مەدەنىيىتىگە سىڭىش لىق ۋە يارىشىملىق قىسىملىرىنى تەدىرىجى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن غەيرىي مەدەنىيەتلەرنىڭ تىپىك، يادرولۇق ئالامەتلىرىنى كەسكىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. مىللىي ئۇسسۇللىرىمىزغا زورلاپ كىرگۈزۈلگەن “پۇت كۆتۈرۈش”، “قىزنى كۆتۈرۈپ پىرقىرىتىش” قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ سىڭىش لىق بولماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەپ، دەل ئۇنىڭ بالېت ئۇسۇللىرىنىڭ تىپىك- يادرولۇق ھەركىتى بولغانلىقىدۇر. ئەزەلدىن بىر خىل مەدەنىيەت باشقا- باشقا ئىككى يادرولۇق تۈزۈلمە تۈزگەن ئەمەس. تەكىتلەش ھاجەتكى، غەيرىي مەدەنىيەت تىپلىرى دىن قوبۇل قىلىنىدىغان ھەر قانداق تەسىر ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپىنى كۈچەيتىش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، مۇنداق راۋاجلاندۇرۇش ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنىڭ ئۆز يادروسى، تۈزۈلمىسى ۋە تىپى بويىچە زامانۋىلاشتۇرۇشنى مەقسەت ۋە ئۆلچەم قىلىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا، مىللى مەدەنىيەتنىڭ تۇراقلىق ئەنئەنىۋى سېستىمىسى ۋە راۋاجلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. نەزەرىيىۋى تەپەككۈر-رىقابەت جەڭگاھ ئىدىكى كۇچتۇڭگۇر بىزنىڭ بارلىق پەزىلەت ياكى ئىللەتلىرىمىز بىلەن قۇدرەت ياكى زەئىپلىكلىرىمىز نەزەرىيىۋى تەپەككۈر دەرىجىمىز بىلەن تۇتاشقان. -خىيال دەپتىرىمدىن ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن: يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش تۈپ ماھىيىتى جەھەتتىن يىپەك يولى ھادىسىلىرى ئۈستىدىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۈر پائالىيتى دىن باشقا نەرسە ئەمەس. تارىخ ئۆز ھادىسىلىرى، ۋەقەلىرى، يىلنامىلىرى جەھەتتىن ئۆتمۈشكە، تەكرارلانماس تارىخى ئىز غا ئايلىنىدۇ. ئەمما تارىخى ھەدىسلەر ئىچىگە يوشۇرۇنغان ماھىيەتلەر، قانۇنىيەتلەر، تارىخ مەنتىقى لىرى “ئۆلمەيدۇ”، رېئاللىق قوينىدا تۇرۇپ، كەلگۈسىنىڭ ئۇلىنى راسلايدۇ. نەزەرىيىۋى تەپەككۈر دەل ئۆلمەس تارىخنىڭ بىلىۋېلىنغان ئاڭ شەكلىدىن ئىبارەت. بۇنداق نەزەرىيىۋى تەپەككۈردىن مەھرۇم ھالەتتە مىللەتنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى يوقىرىغا كۆتۈرۈش، ئۇنىڭ قىممىتى، ئىقتىدارى، نىسىۋىسىنى ياخشىلاش مۇمكىن ئەمەس. بىزنى ئەزەلدىنلا قايناق ھېسسىيات تۈرتكىسىدە نەزەرىيىۋى تەپەككۈر، ئەقىل پاراسەت تەمكىنلىك دىن ئايرىلىپ، تەلۋىلەرچە قارىسىغا دەسسەپ كەلگەن خەلق دېيىش ئادالەتسىزلىك. خەلقىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز دىن خېلى نۇرغۇن تەبىئەتشۇناسلار، تېبابەتشۇناسلار، ماتېماتىكا، لوگىكا ۋە تىل ئالىملىرى، پەيلاسوپ- مۇتەپەككۇرلار، بىنا كار- سەنئەتشۇناسلار يېتىشىپ چىققانلىقى ھەممىگە روشەن، شەرقتە كومراجىۋا، غېرىپ تە ئەل فارابى، شىمالدا تاتاتۇڭا، جەنۇبتا ئەبۇ رەيھان بىرونى ئالەمشۇمۇل شۆھرەت قازانغان ئالىملار ئىدى. قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ خاراپلىشىشى، فېئوداللىق بېكىنمە ھالەت تۈپەيلى نەزەرىيىۋى تەپەككۈر ئەۋزەللىكىنى يوقاتتۇق. ئۇلۇغبېك ۋاپاتى دىن كېيىن، ئەدىپ شائىرلىق تىن باشقا بىزدە كۆرۈڭەن ئالەمشۇمۇل تەبىئەت ئالىملىرى چىقمىدى. مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسى سەمەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىنبىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسول، دىمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! شۇ زامانلاردىكى ناخشا- غەزەللىرىمىزگە قاراپ كۆرەيلى چۇ، ئاساسلىقى “ۋاھ، دەرىخا” دېگەندەك نالەشتىن يىراقلاشمىدى. بىز “ئېتنولوگىيىلىك مىللەت” كاتېگورىيىسىدىكى “ناخشا-ئۇسول مىللىتى”، “شەئەر مىللىتى” بولۇپ قېلىۋەردۇق. بوياقچىدىن ئارتۇقراق خىمىك، تۆمۈرچى دىن ئارتۇقراق فىزىكلىرىمىز بولمىدى… سەنەتتە داڭ چىقارغان، سەنەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىزانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت- ماكان سىز جاھان كىزىپ، تىلەپ- تەرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ، جەڭ_جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقاد، نەزەرىيىۋى تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەر گە بولغان يۈكسەك ئىتى باردىن “ئالىملار مىللىتى”، “قۇدرەتلىك، زامانىۋى مىللەت” كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق. “شەئەر مىللىتى” دىگەن نام بىلەن “تالانتلىق”، “ئاتاقلىق” ئىبارىلىرىگە مەست بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىز نىمىشقا مىللىتىمىز نى “ئېتنولوگىيىلىك مىللەت” دىن ھېچ بولمىغان “ئىجتىمائىي مىللەت” لىك ماقامىغا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆرمىدۇق؟ ياكى ئۆز ھالىتىمىزدىن خەۋەرسىز دۇنياغا تونۇلىمىز دەپ يۈرۈپتىمىزمۇ؟! دەرۋەقە، بىر قاتار ئەدەبىيات توم لىرىنى نەشىر قىلدۇق، ئەمما ئۇلار بىلەن ھەقىقى رېئاللىقىمىزنىڭ “ئۈچەي باغرى” نى قانچىلىك سىزىپ بېرەلىدۇقكى؟! ھېچ بولمىغاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى، مو شۇ ئەسىرنىڭ بەشىدا ياشىغان ئەدىپىمىز تەجەللى دىن كېيىنكى ئەدەبىيات ئىجادىيىتىم ئىزدە ئىلگىركى قەلەمكەشلىرىمىزدىن ھالقىغان ياكى پەرقلەنگەن قايسى تەپەككۈر يېڭىلىقى نى، قايسى ھېكمەت دۇردانىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەقلىي بىلىش تارىخىمىزغا تۆھپە قوشتۇق؟! ئەدەبىي ئوبزورچى لىق مۇشۇ سۈزۈك مەسىلىلەرنى ئەينەك قىلىپ، ھەق-ناھەق نەرسىنى ياڭرىتىپ ھالىمىز غا غەمگۈزارى بولالىدى مۇ؟! بىلمىدىم، قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ قەلەم لىرى بورىۋايدەك نېفىت قاتلاملىرىغا- ھەقىقى ھال- ئەھۋالىمىزغا يەتمەي، قۇرۇق تاش- توپا قاتلاملىرىدا پىرقىراپ سۈرمەللىشىپ كەتتىمىكىن؟! مىللى مائارىپىمىز ھەممە سەپ بويلاپ جاپالىق كۈچەۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، شەخسى تۇرمۇشنىڭ چىقىش يولى غېمىدە دىپلوم ۋە خىزمەتكە ئېرىشىۋېلىش ئاساسى قىزغىنلىق بولۇپ تۇرغاچقا، ھەقىقى قېتىرقىنىپ ئوقۇش بىلەن قاتتىق پەنلەر ۋە كەسىپلەر گە قاتتىق ئۇرۇنۇش، نەزەرىيىۋى پەنلەر بىلەن ئۆتكۈر تېخنىلوگىيە پەنلىرى قۇرغىنىنى ئىگىلەش ھېلىمۇ مائارىپ ئەمەلىيىتىمىزنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغىنى يوق. ئەكسى ھالدا ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىزنى ھاراقكەشلىك، زەھەرلىك چېكىملىك، قىمارۋازلىق ۋە بىكار تەلەپلىك قاتتىق قورشاشقا تۇتۇندى! مىللەتنىڭ ئائىلە قاتلىمى خېلىلا بىسەرەمجان. ئاغزىدىن ئاق سۈت تېمىپ تۇرغان پەرزەنتلىرىمىز سەبىي چاغلىرى دىن باشلاپ مىللەت گەۋدىسىدىكى ئىللەتلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ تۇرماقتا. مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە داغ چۈشۈرىدىغان تۇرقى-ھالەت، يۈرۈش-تۇرۇش، سۆز-ھەركەت، خۇ لۇق-مىجەز قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېزىلەڭگۈلۈك، قوپاللىق…قاتارلىق خۈنۈكلىكلىرىمىز رىقابەت ئىقتىدارىمىز غا، قەدىر-قىممىتىمىزگە ئەغىر تەسىر كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ جەھەتتە مەكتەپ ۋە جامائەتچىلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارالىغىنىمىز يوق. مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ھەمدەملىكىنى پارچىلاش ئىللەتلەرنى، جۈملىدىن مۇنەۋۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ جامائەت ئىچىدىكى يۈكسەك تەسىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ ئىلھامبەخش كۈچىدىن چۆچۈپ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان پىتنە – ئېغۋا تۈتەكلىرىنى پەرق ئېتىش ئېتەلمەسلىكمۇ نەزەرىيىۋى تەپەككۈر ئېگىزلىكىدىكى ئەقىل پاراسەتكە باغلىق. بۇنداق ئەقىل پاراسەت بولمىغاندا، ھابىلنى ئۆز قولى بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنى باشقىلار تىلى بىلەن ئادىل ئۇردى دەپ غاپىل كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان جاھىل ئېغۋاچىلارنى تونۇپ يەتكىلى بولمايدۇ. كېيىنكى بەش ئەسىردىن بۇيان بۇ ئىشتا ھەسسىلەپ بەرگەن قۇربانلىرىمىز ئازمۇ؟! ئەلۋەتتە، ئېغىر ئەلەملىرىمىز تۈپەيلى، خەلقتە گۇمان، ئەندىشە، غەزەپنىڭ شۇ قەدەر كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما ئەقىل پاراسەتسىز غەزەپ بىلەن ئۆز پۇتىمىزغا پالتا چاپىمىز، خالاس. سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئەنە شۇنداق ئېغۋاغا ئالدىنىپ سادىق دوستى مىرزا ھەيدەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى بىلەن، مەزەمزات سۇلتاننىڭ شۇ خىل بوھتانغا ئىشىنىپ سەردار ئابدۇروسۇل بەگنى قەتلى قىلىپ، مەھمۇد پوچىنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قالغانلىقى پەقەت بۇ جەھەتتىكى ئىككىلا مىسال. كالېندار سەھىپىلىرى تارىخنىڭ يەنە قانداق ئويۇنلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزدە يېتەرلىك تەپەككۈر قابىللىقى بولىشى كېرەك، ئەلۋەتتە! خاتىمە. ئاچچىق ھەقىقەت، چەكسىز مۇھەببەت ھەقىقەت تولىمۇ ئاچچىق نەرسە بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە پۈتكۈل شېرىنلىكلەرنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇلۇغ باغۋەندۇر. — خىيال دەپتىرىمدىن ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن: سىز بىلەن بۇ قېتىملىق سۆھبەتلىرىم ئاخىرلىشىش ئالدىدا سىزگە خۇددى تاھارەت بىلەن روكودا ئولتۇرغاندەك ۋىجدانىي ئەقىل – تەپەككۈر تىلەيمەن. سىزگە روشەنكى، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى نۇرغۇن ۋە كەسكىن، مەن ئويلاپ يېتەلمىگەنلەرنى ئويلاپ يېتىڭ … يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى. ئۇ، ئاللىقانداقتۇر ئەتلەس – كىمخابلار تاۋلانغان، پەرۋاز قىلساق قاناتلىرىمىزغا چاڭ – توزان قونمايدىغان، بىزگە چوقۇم يەنە بىر قېتىم دۇنياۋى شۆھرەت ئايا قىلىشنى قارار قىلغان يول ئەمەس. ئۇ، ھازىرقى زاماندا يۈز بېرىشكە باشلاپ، كەلگۈسىدە داۋام قىلىدىغان كەسكىن رىقابەت جەڭگاھى، غالىپنى گۈللەندۈرۈپ، مەغلۇبنى گۇمران قىلىدىغان قىسمەت دەرگاھىدۇر. بۇ يولدا سىزگە ئۆز ئەقىل_ئىدراكىڭىزدىن باشقا ھېچقانداق خىزىر رەھنەمە ئەمەس! ئەلۋەتتە، ئۈمىدلىك بولۇڭ. بىلىڭكى، يېنىڭىزدا ئۈمىدتىن باشقا رۇستەمى پالۋان ھەمراھ ئەمەس. يېڭى يىپەك يولىمۇ ئەگرى – توقايلىقلار، ناتەكشى ئىلگىرىلەشلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ تارىخى ھېكايىسىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ تاسقاشلىرى قاتتىق، ئۇنىڭ ئەگلەكلىرى قويۇق. مەلۇمكى، ئۈمىد ئەزەلدىن بىخارامانلىق بىلەن چىقىشالىغان ئەمەس. ئامېرىكا مۇھلنبرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىدگارد سۋائىن 1938- يىلى يۈز بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇرۇشىغا نەزەر تاشلاپ، ئۆزىنىڭ “دۇنيا مەرىپەت تارىخى” ناملىق كىتابىنىڭ خاتىمە قىسمىدا مۇنداق يازغانىدى: “بىز ياشاپ تۇرغان كائىنات ھەرىكەتچان كۈچكە تولغان كائىناتتۇر. ئۇنىڭدا بىر نەرسىنىڭ تۇرغۇنلىقى ئۇنىڭ چۈشكۈنلىكىنىڭ بېشارىتىدۇر. ئىرغىپ تاشلىنىدىغان نەرسە، دەل ئۆزگىرىشتىن توختىغا نەرسىدۇر”. بىزمۇ يېپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ھەركىتىنى باشلىۋەتكىنىمىزگە مانا ئالتە يىل بولدى. ئۇچاغدا: “بۇ پاراڭلار بىر ئەسىر بالدۇر قوزغىلىپ قاپتۇ” دېگەن دوستلىرىمىزمۇ بۈگۈڭە كەلگەندە بۇ پاراڭ غا چۈشتى. ئۇلار: سەۋرى قىلساڭ ھالۋىدىن ئالما پىشۇر. چەكتىن ئاشسا تاقىتىڭ قەدرىڭ چۈشۈر . دېگەننى چۈشەندى. ئۇلار ھېس قىلدىكى، بىز تارىخىمىزنىڭ قىممەتلىك يېڭى بىر مەرىپەتچىلىك دەۋرىدە تۇرۇپتىمىز. شۇنداق، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ تەمكىن ۋە قايناق، كەسكىن ۋە نۇرانە ئۇپۇق سىزىقى كۆرۈندى. بۇنداق ئويلىنىشنى كەلگۈسىگە روھىي ھازىرلىقلىرى بولمىغان يىپەك يولىدىكى ھەمدە خەلقلەر باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. بىر پۈتۈن تارىخى خاراكتېرلىك قىممەتنى قۇچاقلاپ تۇرغان يىپەك يولىدىكى قايتا ئويلىنىش ئاچچىق ھەقىقەت بىلەن چەكسىز مۇھەببەتنى، چوڭقۇر پاراسەت بىلەن قاتتىق جاسارەتنى قوشقان ئىزگۈ ھادىسە. بۇ قېتىم تۆگە قۇشى بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىپمۇ ئامانلىق تاپالمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇچقۇر زامان ئېقىمى قۇم بارخانلىرىنى ئۇچۇرۇپ تۆگە قۇشىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا يالىڭاچلاپ قويىدۇ. ھېلىقى ئامېرىكا ئالىمى ئىدگارد سۋائىن يەنە مۇنداقمۇ دېگەن: “گۇمان يوقكى، زامانىمىز خام خىياللار ھالاك بولىدىغان زامان… تۈنۈگۈن ماختانغان نەرسىلىرىمىز ئەمدىلىكتە مەسخىرىگە ئايلاندى”، “بۈگۈنكى كۈندىمۇ قانائەتلىنىپ يۈرۈۋاتقان كىشىلەر بەكمۇ پەخەس بولسۇنكى، بولمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ تولىمۇ چاكىنا ھەم ئەرزىمەسلىكىنى بىردىنلا بىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.” خەير – خوش ئوقۇرمەن! ئاخىرىدا مەن، سىز بىلەن سۆھبەتلەشكەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىمايدىغان مېڭىلەر ۋە تەۋرىمەيدىغان قەلەملەرگە ئېچىنىدىغانلىقىمنى ئېيتماقچىمەن. ئامان بولۇڭ دوستۇم. 1995- يىل 22- يانۋار، ئۈرۈمچى بۇ ئالىمنىڭ تەتقىقات ھاياتىدا يازغان ئەڭ ئاخىرقى ماقالىسى بولۇپ، ئالىم بۇ ماقالىسىنى تاماملاپ 37 كۈندىن كېيىن باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان. ئالىمنىڭ ماقالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئامېرىكا ئالىمى ئىدگرد سۋائىننىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان يۈرەك سۆزى ۋە ۋىدالىشىش كەلىمىسى بىزنى چوڭقۇر سۈكۈتكە چۆمدۈرىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى ئىللەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي پىسخىكىسىدىكى رەزىللىكلىرى ھەققىدە 1989-يىلىدىن باشلاپ ئاۋانگارتلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ ئۆتكۈر تەنقىد ئېلىپ بارغان بۇ قەلەم ساھىبى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇ ماقالىسىدە مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى زەئىپلىكلىرىنى ۋە تارىخىي رەزىللىكلىرىنى ئىلگىرى بىر قەدەر يۈزە بولغان بايانىي تەنقىدچىلىكتىن نەزەرىيىۋى پەللىگە كۆتۈرۈپ ناھايىتى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلغان. ئالىمنىڭ بۇ ساھەدىكى خاس ئەمگەكلىرى باشقا ساھەدىكى مۇنەۋۋەر مېھنەتلىرىگە ئوخشاشلا ئاپىرىن ئوقۇشقا لايىق. ---نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن. نەشىرگە باتۇر روزى تەييارلىغان. ئاپتور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتىمىن ئەپەندىگە مەڭگۈ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. (01)
|
|
|