|
|
يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش |
يوللىغان ۋاقىت:2009-01-21 ئاۋاتلىقى:1288 |
|
|
|
مۇقەددىمە. بىباھا خەزىنە ۋە ھېكمەتلىك تېپىشماق ئۆتمۈش ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ———— خىيال دەپتىرىمدىن
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن: “شىنجاڭ مەدەنىيىتى” جۇرنىلىنىڭ “مۇھاكىمە” سەھىپىسىدە “يېڭى يىپەك يولى” ئۇپۇق سىزىقىغا كۆز تاشلاپ، “روھنى ساغلاملاشتۇرۇش – مىللەتنى گۈللەندۈرۈش نىڭ مۇقەددىمىسى” ، “ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار” ، “مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجىكى”، “كەلگۈسى بۇ يەردىن باشلىنىدۇ”، “يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت ”، “يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت” قاتارلىق ماقالە تېمىلىرىدا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىلىرىنى سىزگە يەتكۈزۈپ كەلدىم . شۇنىڭدىن بەرى مانا ئالتە يىل ئۆتۈپ 90-يىللارنىڭ بەشىنچى يىلىغا كىرىپ ئۈچ چوڭ ئىقتىدار ۋە ئۈچ ئكەلدۇق . كېلىۋاتقان يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا كەلگۈسى ھەققىدە ئەمەس ، يەنىلا خەلقىمىزگە نەچچە مىڭ يىل ئىنىكانا بولغان ئۆتمۈش ھەققىدە ، بىز ياشاپ كەلگەن ، بىزنى يېتىلدۈرگەن ، ئەمما بىز ئۇنى راسا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن قەدىمكى يىپەك يولى ھەققىدە قايتا ئويلىغانلىرىمنى سىزگە يەتكۈزگۈم كەلدى. دەرۋەقە ، بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەسۇرلۇقىنى ئارىسلان ، پەرۋازىنى لاچىن قىلىپ ، شۆھرىتىنى ئىپاردەك تاراتقان ۋە ئەزىز ۋەتىنىمىز باغرىدا خۇددى ئۈنچە-مارجاندەك دەريادەك نەچچە مىڭ يىل ئاققان قەدىمكى يىپەك يولىنى قۇم بارخانلىرى تەكتىگە كۆمۈپ قويۇپ ، نېمىدىن ئايرىلىپ ، نېمىگە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭقىرالماي ، مانا بەش ئەسىرنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق . بۇ بەش ئەسىرنىڭ ۋاقىت تىزمىلىرىغا نەزەر سالساق ، كۆڭلىمىز غەشلىككە تولۇپ ، كۆزىمىزگە ياش كېلىدۇ بۇ يىللاردا بىزدىن كۆز يورۇتقان بابارەھىم مەشرەپ ، مۇھەممەد سىدىق زېلىلى ، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خارابى ، ئابدۇقادىر داموللام (ئەزىزى) ، مەمتىلى ئەپەندى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئېرپان بۇلاقلىرىمىزنىڭ ئاقىۋەتلىرى قان لەھەتلىرى بىلەن تۈگەللەندى . بۇ يىللاردا بىزنىڭ تۇرمۇش ھالاۋىتىمىز ، بەخت_سائادىتىمىز خۇددى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى سادىر پالۋان ، نۇزۇكۇملارنىڭ قوشاقلىرىدا ئىپادىلەڭەن ، نادامەت نالىسى ۋە زالالەت ئىڭرىشى بىلەن ئالماشتى. نىياز ھېكىمبەك، مەھمۇد پوچى، يۈسۈپ چاڭموزا، تاز مەزىن ۋە ئابدۇغوپۇر داموللا شاپتۇلدەك قاندا سەمرىگەن ئاسىي_مۇناپىقلار ئار_نومۇسىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇشقا مەجبۇر قىلدى. بىز قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتا ئويلانماي، بېكىنمىچىلىك جاھالىتىدە ئۆتكەن يېقىنقى بەش ئەسىرنى قايتا ئويلانماي، ئۇلارنى ئىلغىماي قارا-قويۇق بىر لەھەتكە كۆمۈپ قويۇپ، كەلگۈسى يېڭى ئەسىرگە، يېڭىدىن ھۆسىن_جامالىنى تۈزەۋاتقان “يېڭى يىپەك يولى” غا قانداق قەدەم قويالايمىز؟! خەلقىمىز خۇددى “ساتكو” ناملىق ھېكايىدە سۆزلەنگىنىدەك ئۇيقۇ قۇشنىڭ : “ئۇخلا! تېنىچ ئۇخلا! ئۇيقۇ-بەخت دىمەكتۇر” دېگەن ئەپسۇنكەش سۆزلىرىدىن خارامانلىشىپ، “ئەسھابۇلكەھەب” دەك غار ئۇيقۇسىدا ۋەھىمە ئاگاھلىقىنى يوقىتىپ قويدى. دەل مۇشۇ چاغدا مۇنداق بىر ۋەقە سادىر بولدى: 1880-يىلى بۇخارادىن غۇلام مۇھەممەت قاتارلىق ئۈچ سودىگەر يولغا چىققان. ئۇلار قالقاساي تاغلىرىدا كىردۇ_كافۇر قەبىلىسىدىن چىققان قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، چەكسىز تاغلار ئىچدە بىر ئۆڭكۈرگە ئۇچراشقان. قاراقچىلار ئۇلارنى ھەيدەپ بۇ ئوڭكۇرنىڭ ئىچىگە كىرىشكەن. قاراقچىلار بۇ ئۆڭكۈردە ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇتتىن ئىشلەڭەن، كۆز قاراشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەچچە يۈزلىگەن نەپىس-ئوبرازلىق بويۇملارنى كۆرۈپ ئەس-ھوشىنى يوقۇتۇپ، بىر-بىرى بىلەن مال-دۇنيا تالىشىپ قانلىق جېدەللىشۋاتقان پەيتتە قاچقان بۇ ئۈچ نەپەر سودىگەر ئامۇ دەرياسىنىڭ ئافغان چېگىرىسىدىكى ئىقلاس زاستاۋكىسىغا كېلىپ ئەنگلىيىلىك ف.ن. باتونغا خەۋەر قىلغان. كاپىتان قوشۇنى باشلاپ كېلىپ قاراقچىلاردىن بۇ ئاسارە ئەتىقىلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ۋە ھازىرقى كۈندىمۇ بېرىتانىيە مۇزېيىدا مەخسۇس پاۋلىئون بولۇپ تۇرغان بۇ “ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى”، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين زامانىسىدىكى- بۇنىڭدىن 2400 يىل بۇرۇنقى ئىمپېرىيە خەزىنىلىرىدىن بىرى ئىدى. “ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى” نىڭ تېپىلىشى ئەپسانىۋى “ئاتلانتا ئارىلى” چۆكمىسىنى تېپىش خىيالىدا يۈرگەن ياۋروپالىقلارنىڭ مەركىزى ئاسىيانى ئارخېئولوگىيىلىك قىزىرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى. خۇددى ۋولقان دەك ئۆرلەپ چىققان بۇ شۆھرەتلىك قىدىرىش ئېقىمىغا ئىمپېراتور-كاروللار ، بانكىر- تەۋەككۈلچىلەر، سەيياھ-مىسسىيونېرلار تاقەتسىزلىك بىلەن ئۆزىنى ئېتىشتى ! ناھايتى قەدىمكى زامانلاردىلا ئېچىلغان، مىلادىدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى پارتلىغان ۋىزوۋىي يانار تېغى ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن پىلىنونىڭ “تەبىئەت تارىخى” ناملىق ئەسىرىدە “يىپەك ئېلى يولى” دەپ تىلغا ئېلىنغان بۇ قەدىمكى ياۋروپا – ئاسىيا كارۋان يولى بىردىنلا شۆھرەت كۆكىگە كۆتۈرۈلدى. نېمىس ئالىملىرى فېردىناد.ۋون. رىختوفىن (1905— 1883) بىلەن ئېبېرت. ھېلمان پىلىنونىڭ قەدىمكى ئىبارىسىگە يېڭى ھوسىن قوشۇپ “يىپەك يولى” دېگەن مەپتۇنكار نامنى ئوتتۇرىغا قويدى! گرۇنىۋىدېل، ستەين، لېكوك، پىلليوت قاتارلىق “يىپەك يولى” قېدىرغۇچىلىرى خوتەن، لوپنۇر، شورچۇق، كۇچا – باي، توققۇز ساي، تۇرپان، دۇنخۇئاڭ مەدەنىيەت نۇقتىلىرىدىكى جاۋاھىراتلارغا ئاچكۆزلۈك بىلەن يوپۇرۇلدى. ئۇلار رىقابەت رەشىكىدە بىر – بىرىگە قورال كۆتۈرۈپ چىقىشقىچە بېرىپ يېتىشتى! مەركىزى ئاسىيا زېمىنى ئاساسىي چەمبەر قىلىنغان بۇ قىدىرىش تاكى يېقىنقى يىللاردا ئامۇ ۋادىسىدىن ئىككىنچى “ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى”— كوشان – ئۇلۇغ توخار ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان تۈرك نەسىللىك پادىشاھ كۇچۇلا كادىپىسنىڭ ھەشەمەتلىك ئالتۇنلۇق — قەبرىگاھىنى تاپ قانغا قەدەر ئورخۇن – بايقالدىن كوپىت – زەرەپشانغىچە، قاراقوتۇ – دۇنخۇئاڭدىن ئەسكى قورغان – چىرچىققىچە كەڭ – كۇشادە ئېلىپ بېرىلدى. مانا، يىپەك يولى باغرىدىكى بىباھا خەزىنە! مانا، يىپەك يولى قىزغىنلىقىغا سەۋەپ بولغان ماددى مەنپەئەتدارلىق قىممىتى! يىپەك يولىدىكى بۇ بىۋاستە قىممەت ۋە ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھارارەتلىك، ئەسەبىيلەرچە قىزغىنلىق ئادەتتىكى تەپەككۈر ئۈچۈنمۇ چۈشىنىشلىكتۇر. ئەمدىكى گەپ، موجىزىدار، مەپتۇنكار، سېھىرلىك يىپەك يولىدىكى تەپەككۈر ھېكمەتلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئېچىشتا قالدى. بىز ئەجدادلىرىمىز ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىنى — يىپەك يولىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدۇق. ئۇنىڭ قىسمەن بايقىلىشىدىن ئالەمشۇمۇل زىلزىلە قوزغالغانلىقىنى ھېس قىلساقمۇ، ئۇنىڭ تەكتى ئەسرادا قالغان تەپەككۈر ھېكمەتلىرى تېخى سىرلىق، ھەتتا بۇ جەھەتتە دادىل ئېغىز ئېچىشمۇ ۋەھىمىلىك بولغان تېپىشماق بولۇپ تۇرماقتا. بىلىش ھاجەتكى، نۇرانە كەلگۈسى ئامۇ، سىر، يەنسەي، تارىم تاش – تۇپراقلىرىدىن چىققان، چىقىدىغان جاۋاھىراتلار خەزىنىسىنى ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولى باغرىدىكى تەپەككۈر ھېكمەتلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلىدۇ. ئۆتمۈشتىن قالغان ۋە ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ قىممەت باھا جاۋاھىراتلار خەزىنىسىنىڭ تەكتىدە، ئۆتمۈشتە جۇغلانغان ۋە كەلگۈسىگە رەھنىمالىق قىلىدىغان ئۆلمەس مەنىۋى خەزىنە يېتىپتۇ. ئۇنىڭ تېپىشماقلىردا كەلگۈسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى ساقلانغان! ۇلۇغ قىممەت ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقان خەلق، ئۇنداق تارىخنى يارىتىشى مۇمكىن. ئەمما ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقى قىممىتى مۇمكىنلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىكى ئىجادىيەت سەمەرىلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان قىممەتتۇر. — خىيال دەپتىرىمدىن ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن: يىپەك يولىنى “جاھاننەما” قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز – ئۆزىنى كۆرۈش، يىپەك يولى ئۇلىغا كۆمۈلگەن تېپىشماقلىرىنى يېشىپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل چىرىغىنى يېقىش ئۈچۈن خەلقىمىزگە ئىككى نەرسە كېرەك. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، تارىخى ئىپتىخار ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئىشەنچتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، تارىخى خاراكتېرلىك نومۇس تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭدىن يارالغان جاسارەتتىن ئىبارەت. قەدىمكى يىپەك يولىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ۋە يېڭى يىپەك يولى بوسۇغىسىدا تەمتىرەپ تۇرغان خەلق ئۈچۈن بۇ ئىككى روھى زىلزىلىنىڭ ھېچ بىرىمۇ كەم بولماسلىقى كېرەك. روشەنكى، ئىپتىخار تۇيغۇسى بولمىغان قەلبتە نومۇس ئېڭى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ۋەھالەنكى، نومۇس ئېڭى ھەقىقىي ئىنسانى ئىپتىخارنىڭ بىرىنچى ئىستىھكامىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شەك – شۈبھىسىزكى، يىپەك يولىنى مەركىزى ئاسىيادا “ئاتلىقلار مەدەنىيىتى” نى ياراتقان ئەجدادلىرىمىز ئاچقان! ئۇلار دەسلىپىدە تۈپتۈز ۋادىلار ياكى دەشت – جەزىرىلەردىكى رەسمىي كارۋان يوللىرى ئارقىلىق ئەمەس، تاغ – جىلغىلارنى تاغ – جىلغىلار بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تاغ يوللىرى ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن كېيىن پايانسىز يېيىق –يايلاق يوللىرى ئارقىلىق، ئاخىرىدا بوستان يوللىرى ئارقىلىق قەدىمكى ئۇلۇغ كارۋان يولىنى ئېچىپ، قەدىمكى ئۈچ قېتىنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇردى، تونۇتتى. قاراڭلار، ئالتاي – تارباغاتاي تاغلىرى، تەڭرى تاغلىرى، ئالتۇن تاغ، قاراقۇرۇم، كوئىنلۇن تاغلىرى پامىردا قوشۇلۇپ، ھىندىقۇش، كوپىت، كاپكاز تاغلىرىغا قاراپ سوزۇلغان ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مىسلىسىز تاغ ئومۇرتقىسىدا ھېلىمۇ قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىق تۇرانلارنىڭ ئەۋلادى ياشاپ تۇرۇپتۇ! مېنىڭ جانىجان خەلقىم— قەدىمكى رىۋايەتلەر بىلەن قوليازمىلاردا، ھازىرقى جانلىق تۇرمۇش بىلەن تەنتەنىلىك لەۋھەلەردە “ئۇيغۇر” نامى بىلەن شۆھرەتلەڭەن خەلق يىپەك يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر گىرەلەشكەن ئۆتكۈر رىقابەت جەڭ گاھىدا ياشاپ، يىپەك يولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە ئۆزىنىڭ ئىرپان ھۈجەيرىلىرىنى قاتقان. ئۇلار “قۇت” ئىزگۈلۈكىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تاغ – جەزىرىلەردىن ئېشىپ، مەغرىپ – مەشرىق ئىستىھكاملىرىدىن ئۆتۈپ، يىراق زېمىننىڭ “سىم تانابى” نى تارتىپ، مۇساپىر ئەت مەنزىلگاھلىرى دىن بوستان لار مۇسا پىرلىق سەرگۇزەشتىلىرىدىن داستانلار يارىتىپ، بېكىنمە ۋە يېرىم بېكىنمە ھالەتكە مايىل ناتونۇش خەلقلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنى بىر – بىرگە تونۇشتۇرۇپ، ھەقىقىي يورۇق جاھان تارىخى ۋە كىشىلىك ئالاقىلىرىغا ئەبەدىيلىك تۆھپىلىرىنى قوشتى. ئۇلار ئۆزلىرىدە ئۈچ چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ: چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە يىپەك يولى خەلق ئارا سودىسىدىكى پائالىيەتچانلىق ئىقتىدارى ئىدى. دوكتۇر ماسۇداخىسائۇ “قەدىمكى تەڭرىتاغ تارىخ - جۇغراپىيىسى” دېگەن كىتابىدا توغرا ئېيتقان: مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ نوقۇل پادىچى قوۋم بولماستىن ، يەنە سودا ئالاقىلىرىنى قوزغىتىش خاراكتىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ بوستان خەلقلىرىنىڭ نوقۇل تېرىقچىلار بولماستىن، يەنە سودىگەرلىك خاراكتېرىنى ئالغانلىقىنى، ئۇلار قۇرغان چوڭ – كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سودا تىجارەت مەملىكىتى خاراكتېرى ئالغانلىقى ئۇلاردا يىپەك يولى سودا ئالاقىلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇش ۋە سودا ئالاقە چەمبىرىنى كېڭەيتىش خاھىشىنى كۈچلۈك ئىپادىلىدى. “ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز” دېگەندەك يىپەك يولىنىڭ ئۇلىنىش ياكى ئۈزۈلۈش ھالقىسى بولغان ئوتتۇرا بەلۋاغقا بېكىنمىچىلىكتىن خالى، ئۈچ چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان، مېھماندوست ۋە جاھانساز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جايلىشىپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى پۈتۈن يىپەك يولىنىڭ ئامىتى ۋە بەختى بولغان ئىدى. نەتىجىدە، يىپەك يولى ئۈچ ئۇلۇغ قىممەتكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئەنئەنىۋى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ خەلق ئارا قىممىتىدىن ئىبارەت. ئېيتىش كېرەككى، يىپەك يولىنى ئاچقان ۋە تۇتاشتۇرغان، يىپەك يولىنىڭ مەركىزى ھالقىسىدا ئۆزىگە خاس يەرلىك مەدەنىيەت ياراتقان ئەجدادلىرىمىز مىلادىيەدىن ئىلگىرىلا ئۆز مەدەنىيەتلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىنى تاماشا قىلدى. ئۇلارنىڭ تۆت زات قارىشى ۋە ئىپتىدائىي تىبابەتچىلىك تەجرىبىلىرى گرېكلارنىڭ “تۆت قىزىس” ھىندى لارنىڭ “چار ۋاقا” قاراشلىرى بىلەن خەنزۇلارنىڭ “خۇئاڭدى سۇۋىن” دەستۇرىدا ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇلارنىڭ ئاتچىلىقى، ئاتقا مىنىپ جەڭ قىلىشى، چەۋەندازلىقى، ئۆتۈك شالۋۇر كىيىملىرى، مېتال تەسۋىرىي سەنەت ھۈنەر پەزلىكى، مەي ۋە تائام تېخنىكىسى، كىيىم كېچەك مەدەنىيىتى، ناخشا ئۇسول سەنىتى، كارۋانكەشلىك تىجارىتى يىراق يېقىندىكى خەلقلەر ۋە ئەللەر تەرىپىدىن قىزغىن قوبۇل قىلىنغان. ئۆز ئەپسانىلىرىدە قۇياش ئىلاھى ئاپوللونى ئات قوشقان پەيتۇن ھارۋىدا ئولتۇرۇپ، شەرقتىن غەربكە چېپىپ چىقىدۇ، دەپ تەسۋىرلىگەن گرېكلار تاكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين زامانىسىغىچە ئار قوشقان ھارۋىدا جەڭ قىلىشاتتى. مىلادىيەدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى پادىشاھ جاۋۇلىن “خۇر كىيىمى” نى كىيىپ، ئاتلىق قوشۇن تۈزۈش ھەركىتى قوزغىدى. چىن سىخۇئاڭ ئاتلىق قوشۇن ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ ئۆز رەقىبلىرىدىن غالىپ چىقتى. خەن ۋۇدىنىڭ پەرغانىغا قوشۇن ئەۋەتىشىمۇ، ھەرقايسى سۇلالىلەرنىڭ ئات – دۇردۇن سودىلىرىمۇ يەنىلا “ئاتلىقلار مەدەنىيىتى” ياراتقان دۇنياۋى قىممەتنى پىشاڭ قىلغان ئىدى. ھون ئاۋارلارنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىنى ھالاك قىلىشى. سالجۇق تۈركلىرى، چىڭگىزخان ئارىلاشما قوشۇنلىرى، ئەمىر تۆمۈر ۋە بابۇر چەۋەندازلىرىنىڭ ھىندىقۇش – ئېلبۇرس ئېتەكلىرىدىكى تەنتەنىلىرى “ئاتلىقلار مەدەنىيىتى” ئەنئەنىلىرى نى ئۇل قىلغان ئىدى. ھازىرقى جاھان خەرىتىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبى، چېگرا سىزىقلىرى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان رەڭ بوياقلارنىڭ تەكتىگە ئات تاقىسى كۆمۈلگەن! كىيىم – كېچەك، زىبۇ – زىننەت، ناخشا – ئۇسول مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى سۈي – تاڭ پادىشاھلىرى، ئەرەپ خەلپىلىرىنىڭ مەھلىيالىقلىرىنى قوزغاپ، ئوتتۇرا ئەسىر يىپەك يولى كۆكىدە چاقنىغان زەر ساليوت فونتانلىرىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلبەغىنىڭ خەلقارا مەدەنىيەت كارىدورى بولۇش قىممىتىدىن ئىبارەت. ئېيتىش كېرەككى، يىپەك يولى گۈللەنگەن ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا غەربىي يۇرت بوستانلىقلىرى يالغۇز چارۋىچىلىق – ئاتچىلىق، دېھقانچىلىق، ھۈنەرسازلىق، ئىچكى ۋە خەلق ئارا سودا – تىجارەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئىگىلىك سېستىمىسى مېخانىزىمىنى ئىشقا سېلىپ، گرېك – رىم، ئېران – ھىندىستان، تۇران ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەت چەمبەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تەڭداشسىز كارىدورغا ئايلىنىپ قالماستىن، ئۇ يەنە ھىندى – ياۋروپا تىللىرى، ئورال – ئالتاي تىللىرى، خەن – زاڭ تىللىرى بىلەن بۇ تىللارنىڭ نۇرغۇن گۇرۇپپىلىرىغا مۇناسىپ يېزىقتىكى دەستۇرلار توپلانغان ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت مەركىزى ۋە تىل – يېزىق پاۋلىئونىغا (كارى دورىغا) ئايلاندى. بۇ زېمىن يەنە ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرگۈچى ھېكمەت سەستېمىلىرى بولغان زورو ئاستەر، مانى، بۇددا دىن لىرى بىلەن ئىسلام دىنى تەشەببۇسلىرىنىڭ، شەرق-غېرىپ تەبىئەت ۋە تىبابەت ئىلمى نەتىجىلىرى نىڭ جۇغلانما خەزىنىسىگە ئايلاندى. ئالەمدە ئىككىنچى بىر زېمىن مۇنداق جاۋاھىراتلار مۇجەسسەم دەرگاھ شاراپىتىگە نېسىپ بولمىغان بولسا كېرەك. ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بىر قاتار ئۆتمۈش تېپىشماقلىرىنىڭ يىشىلىشى ۋە كەلگۈسىنىڭ باشلىنىشى ھەقىقى قىممەت ئېتىبار بىلەن بۇ مۇبارەك زېمىنىغا تۇتىشىدىغانلىقى ھېچقانداق ئەجەپلىنەرلىك بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى، غەربى يۇرتتا تاۋلىنىپ چىققان مەدەنىيەتتىكى قوشۇلما قىممەتتىن ئىبارەت. ئېيتىش كېرەككى، بىزنىڭ شۆھرەتلىك ئاتا- بوۋىلىرىمىز نوقۇل “كارۋانكەش” ياكى نوقۇل سارايۋەن بولغىنى يوق. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى ئاساسىدا تۇرۇپ، شەرق-غەرپ مەدەنىيەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان قىسىملىرىنى قوبۇل قىلدى، ئۆزگەرتتى. ئۇنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئىرسىيەت ئۆزى كى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈردى. نەتىجىدە پۈتۈنلەي يەڭ ئۇسلۇب-“غەربى يۇرت ئۇسلۇبى” شەكىللەندى. بىز بىناكارلىق، ھەيكەلتاراش لىق، رەسساملىق، تەرجىمىشۇناسلىق، ئەدەبىيات، دورىگەرلىك قاتارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىم ئىزدىن مۇنداق قوبۇل قىلىپ، ئەشىپ كېتىش خاراكتېرلىك ئالاھىدە قىممەتنى بايقىۋالالايمىز. يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ تارىخى قىممىتى ئۆتمۈشكە تەنتەنە قىلىش ئىستىكى بولماستىن، بەلكى رېئاللىق قوينىدا يىتىلىۋاتقان كەلگۈسى تەقدىرنىڭ تەخىرسىز زۆرۈرىيەتلىرى دىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبلىك ھەقىقى تارىخچى بىرىنچىدىن، مەدەنىيەت شۇناس، ئىككىنچىدىن، كەلگۈسىشۇناستۇر. -خىيال دەپتىرىمدىن ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن: يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ھالال ۋىجدان، تارىخى جاۋابكارلىق ۋە سەمىمىي ھەمدەم لىك بىلەن ئەلىپ بېرىلىدىغان مەنىۋى ئەمگەك تۇر. يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش- قەدىمكى يىپەك يولىدا جارى قىلىنغان ۋە يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نۇرانە جىلۋىسىنى گەۋدىلەندۈرەلمىگەن ئىجادىيەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىمىز ھەققىدىكى ئومۇمىيۈزلۈك، تېرەن، ئىلھامبەخش قايتا ئويلىنىشنى مۇقەددىمە قىلىشى كېرەك! بەش ئەسىرلىك قاتتىق ئۇيقۇدىن كېيىن، قېقىلىپ-سوقۇلۇپ، يېڭى يىپەك يولى ئالامەتلىرى ئالدىدا كىيىكتەك چۆچۈپ، ئەغىر خورلۇق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش روھىيىتىدە قورۇنۇپ تۇرغان خەلقىمىزگە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ياراتقان تەڭداشسىز مۆجىزىلەرنى تونۇتۇش ھەقىقى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ تۇنجى خىزمىتىدۇر. مەيداندا مەردانە ۋارقىراپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇلار بۇ شۆھرەتلىك تارىختىن خەۋەردار بولۇشقا ھوقۇقلۇق! ئىپتىخارلىق تارىخ – نومۇس ۋە ئىپتىخارنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى يوقاتمىغان مىللەت ئۈچۈن “ئابى ھايات” ۋە “ئېيسا دىمىدىسى” ھەتتا قەيسىرانە جاسارەت ئويغاتقۇچى نوپۇزلۇق ئاڭدۇر! ئۇنىڭغا تىلەكداشلىق ئىنسانى قېلىپنىڭ ئەقەللىي بېشارىتى، ئەلۋەتتە. ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتا بايقاشقا تۇتۇنغىنىغا 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. ئەمما، بۇ ئاساسلىقى قىدىرىش تېپىلمىلىرى ئۈستىدىكى ئۇنداق ياكى مۇنداق تەتقىقات بىلەن چەكلەندى. يىپەك يولى ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىش خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلدى. بىز بىلەن خەيرلىشىش ئالدىدا تۇرغان خخ ئەسىرنىڭ بەشىدا خەلقىمىز دىن يېتىشىپ چىققان مەرىپەتچى زاتلار تەرەققى قىلغان غېرىپ بىلەن غەپلەتتە ياتقان شەرقنى سېلىشتۇرۇپ يېڭىچە مائارىپ، يېڭىچە تەلىم، يېڭىچە تۇرمۇش مەدەنىيىتى تەشەببۇسلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە چىقىشتى. ئۇلار گەرچە پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق تەشەببۇسلىرى مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ 30-يىللاردىن كېيىنكى يېڭى قاتلىمىنى بېزىدى. بىز شۇ قاتلام مۇھىتىدا يېتىلدۇق. ۋەھالەنكى، بۇ مەرىپەتچى زاتلار تېخى ئۆز-ئۆزىمىزنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدا ياراتقان شانلىق تارىخىمىزنى قايتا ئويلاش، ئۇنىڭدىن يېڭى مەرىپەت قۇدرىتى ھاسىل قىلىشنى ئۆز تەشەببۇسلىرىغا تېماتىك سەرلەۋھە قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدى. بۇ ھەر قايسىمىزنىڭ تارىخى نېسىۋىمىز بولۇپ قالدى! خخ ئەسىر ئاخىرلىشىپ، يېڭى ئىرانىڭ بىرىنچى ئەسىرى بولغان خخى ئەسىر سائىتى سېكونت ساناشقا بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغان مۇشۇ يىللاردا ئۆز ئەقىل- پاراسىتىنى يوقاتمىغان، بولۇشىچە جان بېقىش كويىغا چۈشمىگەن زەكىلىرىمىز ئالدىدا پىكىر تەمىلىرى بىلەن تەپەككۈر ئوبيېكىتلىرى ھەر قاچانقىدىنمۇ نۇرغۇن. بىز قەدىمكى يىپەك يولىغا كۆمۈلگەن تەپەككۈر ھېكمەت خەزىنىسىنى ئاچقىنىمىز يوق. بىز يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى بەش ئەسىر ۋە ئۇنىڭ روھىيىتىمىزگە ئۆزلەشكەن خۇنۈك ئىللەتلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلغىنىمىز يوق. بىز چىقىپ كىتىۋاتقان مۇشۇ ئەسىرنى داغدۇغىلىق پاراڭلار ۋە شېرىن تاماقلاردىن خالى ھەقىقى تەپەككۈر ئەينىكىدە تەلقىن قىلىپ يەكۈنلەشكە تۇتۇنغىنىمىز يوق. شۇنداق بولىشىغا قارىماي تارىخنىڭ ۋاقىت تۇلپارى ئالدىمىزغا ئىككى ئالىپتە نەرسىنى قويدى: ئۇنىڭ بىرى، يېڭى يىپەك يولى. ئۇنىڭ يەنە بىرى، يېڭى ئىرانىڭ بىرىنچى ئەسىرى بېشىدىكى مەرىپەتچى زاتلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلىغان خەلقى ئۆرنەكلەر جىلۋىلەنمىدى، شەرققە تىكىلىپ قارىساق، شەرق ئاسمىنىدا كۆرۈڭىنى پەقەت غايە بوھرانلىرى، ئاقچا ساراسىملىقى بىلەن مەي سىمفونىيىسى بولدى. تەپەككۈرىمىزنىڭ يۈكلىرى كۆپەيدى، “توققۇز كېلىننىڭ تولغىقى تەڭ تۇتتى.”! بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ كېتەي كى، يېڭى ئەسىر- خخى ئەسىر بىزگە ئۆتكەنكى خۋى ، خۋىئىئى ، خىخ ئەسىردەك دەخلىسىز تەبىئىي ئىگىلىك، ھەپتىلىك سەييارە بازار يەرمەنكىلىرى، ئەۋلاد-نەسەپ بويىچە ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق، باي-كەمبەغەللىكنىڭ ئادەتلەڭەن كۆنۈكمىلىرى، ئېتىقاد ئىزچىللىقى، بولۇپمۇ خخ ئەسىردەك دۇنيانى قاپلىغان يېڭىچە مەسلەك، ئاممىۋى ئىنقىلاب دولقۇنلىرى بىلەن كىرىپ كېلىۋاتقىنى يوق. ئۇ ئىگىلىك قېلىپلىرى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا كۈتۈلمىگەن كاتتا ئۆزگىرىش بىلەن كىرىپ كەلمەكتە. بۇ، خەلقىمىزنىڭ روھىيىتى ۋە پىكىر قېلىپلىرىنى ساراسىمگە سېلىپ قويدى. ئالدىمىزدا ئۈچ خىل پائالىيەت ئەھلى گەۋدىلىنىپ چىقتى: بىرىنچى خىل كىشىلەر، مىللەتنى قايتا ئويلاندۇرۇپ، ئۇنى قايتا ئويغىتىپ، مىللەت گەۋدىسىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئورۇنسىز مەغرۇرلۇق بېسىپ ياتقان بىر قاتار ئىللەت ۋە زەئىپلىكلەرنى يېڭىپ مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى مۇجەسسەملىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنى قابىل ۋە قادىر ئېتنىك تۈركۈمگە ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلغان مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئەھلى . ئۇلار ھاقارەت ۋە خەتەر، بوھتان ۋە سۇيىقەست ئىچىدىمۇ ئۇيقۇ قۇشىنىڭ دۇرتلىرىغا دانكودەك ئۆز يۈرىكىنى مەشەل قىلىپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئىككىنچى خىل كىشىلەر، ئاللىقاچان ھازىرقى زامان سودا رىقابىتىنىڭ ئۇپقۇنلۇق قايناملىرىغا كۆكرەك كېرىپ چۈشكەن غەۋۋاس — ئۇيغۇر سودا تىجارەتچىلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلار قانچىلىك تەپەككۈر ھېكمىتىدىن بەھرىمان ياكى ئەمەسلىكىدىن قەتىينەزەر، سومېرلار، كىمىرى (سىمىليان) – سىكتايلار، ئارى – ھونلار، سوغدى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئاياغ باسقان قەدىمكى زېمىندارغا ئۇرۇقتەك چېچىلدى. ئۇلار ھېچقانداق ھامىيلىق مەرھەمەتتىن بەھرىمەن بولمىغان، ئىستىخىيىلىك ھەرىكەتلىنىۋاتقان، سەرمايىسى چەكلىك مۇساپىر سودىگەرلەر دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان ھەممە مۇشەققەت ۋە پېشكەللىكلەر ئىچىدە يېتىلمەكتە. ئۇلار مىللىتىمىز دىكى ئىللەتلەرنى سادىر قىلىپ مەسخىرىگە ئۇچراپ، خەلقىمىزدىكى پەزىلەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغاپ، تۇرمۇشتىن تەنبىيە، تەجرىبىدىن تەلىم ئېلىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئاجايىپ سودا – تىجارەت، مالىيە ئالاقە ماھىرلىرى بولۇپ چىققۇسى، ئۇلارنىڭ ئىزىغا يېڭى يىپەك يولىنىڭ بىر قاتار مۆجىزىلىرى تىزىلغان. ئۈچىنچى خىل كىشىلەر، بۇلار ئۈچ خىل ئىش بىلەن بارغانسېرى پائالىيەتچان بولىۋاتقان كىشىلەردۇر. بۇ ئۈچ خىل ئىش: ئەمەل – مەنسەپ ۋەسۋەسىسى، پىتنە – ئىغۋا ھەسەتچىلىكى، كەيپ – ساپا چۈشكۈنلىكىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئېرىشكەن ھالاۋەتلىرى ئىچىدە ئەڭ بىباھا نەرسىنى — ئۆزىنىڭ يورۇق دۇنيا ۋە ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ھەقىقىي ئىنسانىي قىممىتى ۋە تارىخىي ئىپتىخارىنى يوقىتىپ قويماقتا. شۇنداق قىلىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى، يېڭى ئەسىرنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى، يېڭى رىقابەتچان بازار ئىگىلىكى تۈزۈمىنىڭ قەد كېرىپ چىقىشى ھەممىمىز نى قوزغىتىۋەتتى. قاغىدەك قارغاپمۇ، مۈشۈك ياپىلاقتەك سۈرتەلەت كۆرسىتىپمۇ، تۆگە قۇشتەك بېشىمىزنى قۇمغا تىقىۋېلىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بۇ زامان زۆرۈرىيەتلىرى ئالدىدا نېمىلەرنى ئويلىشىمىز كېرەك؟ ئەلۋەتتە، ئويلىنىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى نۇرغۇن، شۇنداقتىمۇ ئەڭ يىلتىزلىقى مىللەتنىڭ رېئال قىياپىتى، ھەقىقىي كىشىلىك قىممىتى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى، ھازىرقى زاماندىكى ئۈچ خىل مىللەت دەرىجىسى دىكى ئورنىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشتىن ئىبارەت. ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت ئار – نومۇس ۋە رىقابەت جاسارىتىدىكى يالقۇن قوزغاتمىغان مېڭىنىڭ قوزغىتىدىغىنى تەنتەكنىڭ تەمەننىسى بىلەن قورققاقنىڭ شۈركىنىپ تىترىشىدىن باشقا يەنە نېمە بولسۇن؟! — خىيال دەپتىرىمدىن ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن: بىر قەدىمكى يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى كەنجى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ قىرلىق، كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، مىللەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بىلەن، راۋاجلانغان مىللەتلەر قاتارىدا گۈللەپ راۋاجلىنىش قىممىتى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال (ئومۇملاشقان) ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان رىقابەت ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى قوڭقۇر ھەس قىلىمىز. ۋەھالەنكى، پۈتۈن ھاياتى كۈچ- ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىشىشى، مۇجەسسەملىشىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان مۇنداق ئۇنىۋېرسال رىقابەت قىممىتى ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن، ھەربىر مىللەت ئۈچۈن، ھەر بىر مەملىكەت ئۈچۈنمۇ ئاساسلىق ھايات ۋە قابىلىيەت دەرىجىسىدۇر. ئادەمنىڭ ھاياتى كۈچى، ئىممۇنىتەت ھالىتى، مىزاج- خىلىتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا مۇجەسسەملىشىپ، بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان نۇر چەمبىرىكى-“ئائۇرا”دا جىلۋىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە- جەمىيەت- مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋى، ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتى سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارىنى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىدىكى ئەۋزەللىك ياكى زەئىپلىكىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن بىر مىللەتتىكى ھەر خىل ئىقتىدار ۋە سۈپەتنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىغا مەركەزلىشىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، يەر يۈزىدىكى نەچچە مىڭلىغان مىللەتنى، تارىختا نامى ئۆچكەن ياكى ھاياتى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەيدىغان، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە “پال” ئاچىدىغان بىرلا مىزان بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. ئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ، مەيلى ئۇ تۇغۇلما قابىل ياكى ساھىپجامال بولسۇن، مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم- سەنەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن مەيلى ئۇ يوقىرى دەرىجىلىك سىياسىئون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن، ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى، شەخسى ئىززەت ۋە رىقابەت كۈچى، بەختى ۋە تەقدىر قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شەخسى ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھالقىپ- قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان، ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركۈم نىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ شەخس تەقدىرنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر. ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە_كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: “ئېتنولوگىيىلىك مىللەت” ، “ئىجتىمائىي مىللەت” ۋە “سىياسى مىللەت” تىن ئىبارەت. 1. ئېتنولوگىيىلىك مىللەت دېگەندە، ئومۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلىرى بويىچە ئۆلچىگەندە، مىللەت لىك شەرتلىرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز. ئۇيغۇر خەلقى ئۆز مىللى تىل- يېزىقى، تارىخى، فولكلور بايلىقى، مائارىپ سېستىمىسى، مۇقام مەشرەپ خەزىنىسى، كىلاسسىك ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتى، توي- تۆكۈن ۋە ئۆلۈم- يېتىم يوسۇنلىرى، مىللى مەدەنىيەت ئېرسىيىتى بولغان تىپىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز. ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىر قاتار ئىللەتلەر، دەل مۇشۇ ماقامغا يەتكەنلىك، ئەمما ئۇنىڭدىن ئەشىپ كېتەلمىگەن لىك بىلەن توغرا تاناسىپتۇر. كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئار_نومۇسىغا چېتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ_نەپرەت ئىپادىلىسىمۇ، ئۇنى ئاقىلانە تەھلىل قىلىش، راست_يالغانلىقىنى پەرىقلەندۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ. مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇلارنى بىر_بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە قارشى سۆز_چۆچەككە سېلىش مۇمكىن. مانا بۇ، گۇماندا بولۇپ، ئىشەنچتە بولماسلىق، غەزەپ تە بولۇپ، ئەقىلدە بولماسلىقتۇر. 2. ئىجتىمائىي مىللەت دىگەن لىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى “تەبىئىي مىللەت” دەپ قاراشقا سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئۇ ، ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن مىللەتتۇر. ئەگەر بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومۇمىي تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللى ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت دەپ قارىساق، ئىجتىمائىي مىللەتنى بۇنداق ئاڭ، مۇنداق ھەمدەملىككە ئېرىشكەن مىللەت دېيىشىمىز مۇمكىن. ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز- ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۇچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلىكىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە ، ئىجتىمائىي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۈكلۈك لىرى، زەئىپلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇلار بىكار تەلەپ، لايغەزەللىك، تەلۋىلەرچە ھەشەمەتخورلۇق، مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئەشىپ چۈشكەن يۇرتۋازلىق، ئۆز مەنپەئەتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئەتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئىتى ئۈچۈن مىللەت گەۋدىسىنى پېتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا يىراقلاشقان بولۇپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا خەيرىخاھلىق- تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائىمىي ئالامىتى. 3. سىياسى مىللەت دىگەن ئىبارە مىللەتلەرنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى ئىجتىمائىي مىللەت كاتېگورىيىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى سىياسى سەلتەنەت مەنىسىگە قارىتىلمىغان. سىياسى مىللەت ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يوقىرى مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مىللى ئاڭ ۋە بىرلىك- ھەمدەملىككە، رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ئۈستۈنلىكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بەئىگە ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئۆزگىچە ئالامەتلىرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئۇلار يالغۇز پەن تەخنىكا، تاۋار ۋە سودىدا دۇنياۋى تەسىر قوزغاپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇشنى تەشكىللەش، تۇرمۇش مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ باشقا خەلقلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان؛ ئۇلار ئۆز مىللىي تۈركۈمىنى ئەۋزەللىك بىلەن گۈللەندۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىغان. ئۆز مىللىتىنىڭ “ئىجتىمائىي مىللەت”، “تەبىئىي مىللەت” چاغلىرىدىكى غەيرىي ئىنسانپەرۋەر، غەيرىي مەدەنىي ئىللەتلىرىنى ئاشكارا، سىستېمىلىق تەنقىد- مەسخىرە قىلىشقا تۇتۇنغان، بۇ ھەقتە ئەسەرلەر نەشىر قىلغان، كىنو- فىلىملەر ئىشلىگەن؛ ئۇلار نەزېرىيىۋى تەپەككۈر ۋە ئاساسى نەزەرىيە تەتقىقاتىدا، ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىزدىنىشىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. توپلىشىپ ياشايدىغان ياپونلار بىلەن تارقىلىپ ياشاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە. ياپونلار كىچىككىنە، ئۈنۈم سىز تاغلىق ئارال نى ماكان قىلغان، مەدەنىيەت تارىخىغا خېلىلا كېيىن قەدەم قويغان مىللەت. ئۇلاردىكى ياشاش رىقابەت كۈچى تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكىگە شۇ قەدەر زىچ مەركەزلەشكەنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆز زىمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەركىتىگە مىللى نومۇس- ئىپتىخارنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇلار خەلق ئىگىلىكى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى يوقىرى ئۈنۈمدارلىق مۇمكىنلىكى ئۈستىگە ئۇيۇشتۇرغان. يەھۇدىيلارمۇ ئازغىنە خەلق. ئۇلار تارىخى ھادىسىلەر سەۋەبىدىن چەت ئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئانا زېمىنى ئىسرائىلىيىگە تەخىرسىز توپلىنىپ، تىز ئارىدا كۈچلۈك رىقابەت قۇدرىتىگە ئېرىشتى. ئەلۋەتتە، بىرىنچىدىن، ھازىرقى بۇ ئۈچ خىل مىللەت كاتېگورىيىسى تۇغما ياكى ئۆزگەرمەس قېلىپتا قۇيۇلغان ئەمەس. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ يېتىلىش تارىخىدا بۇ پەللىلەرنى بېسىپ ئۆتۈشى ياكى چېكىنىپ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى يوقىرى كاتېگورىيىدە تۇرغان مىللەتمۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلار، بوھران ۋە زىلزىلىدىن خالى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ يوقىرى كامالەتكە يۈزلىنىش مەسىلىسى مەۋجۈت. مانا، ھازىرقى جاھان مىللەتلىرىنىڭ قول ئىلكىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى، تۇرمۇش رىسقى، يۈز_ئابرويى، مەتبۇئات نوپۇزى، تونۇشلۇق دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسىنى بەلگىلەپ تۇرغان ئۈچ تامغا! مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە قايرىلىپ بىر قارايلىچۇ! ئىچكى قىسمىمىزدىكى ئىززەت_ھۆرمىتىمىزنى قىرقىيدىغان بىرلىك_ھەمدەملىك قورغانلىرىمىزنى غۇلىتىدىغان، مەرىپەت چىنارلىرىمىزنى ئاز دەپ، چەت ئەللەرگە ھەج_ھەرەمگە بېرىپ، سۆزلىسە يۈزنى، قارىسا كۆزنى نومۇستىن ئۆلتۈرىدىغان ناچار سۈپەتلىرىمىز، ناباپ ئىللەتلىرىمىزنىڭ قايسىبىرىنى ئېيتايلى! دۇنيادا يەنە بىزنىڭ ھالىمىزدىنمۇ تۆۋەنرەك يەنە قانداق ئىنسان تۈركۈملىرى بولسۇن؟ ئەزمە_سۆرەلمىلىكىمىز بىلەن تەنتەك، تارقاقلىقىمىزدىن نېمىلەرنى كۆرمىدۇق. يېقىنقى بەش ئەسىر مابەينىدە “ئەۋلىيا چەتتىن ، مۇرت بىزدىن” بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نىمە بولدى؟ بۇ روھى ئىللەت ۋۇجۇدىمىزنى ھېلىمۇ چىرماپ تۇرمامدۇ! تارىختا نام_شەرىپىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى قالماي يوقىلىپ تۈگىگەن مىللەتلەرمۇ ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئېتنولوگىيىلىك مىللەت ئىدىغۇ! ئۇيغۇرلار شۇ زامانلاردا ساكلار، توخارلار، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، رۇسىيىلىك ئالىم مىلنۇرانىسكىينىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا “ئۇيغۇرىزم” ھادىسىسىنى، ئامېرىكا ئالىمى گىروسسارىتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا “چەتنىڭ قېلىپلىرىغا قارغۇلارچە ئەگەشمەيدىغان ئۇيغۇر سېستىمىسى” نى ياراتقان ئىدى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىرانلىق رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، چاڭئەن، كونستانتىنوپول سودا مۇساپىسىنى تىزگىنلەپ، لياۋ، سۇڭ سۇلالىرى بىلەن بولىدىغان ھۆكۈمەت سودىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، لياۋ، سۇڭ ھۆكۆمەتلىرىنى شەھەر سودا مەھكىمىسى ئورنىغا “ئۇيغۇر بارىگاھى” نى دەسسىتىشكە مەجبۇر قىلغانىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار نوقۇل “كەتمەن بىلەن ھوسۇل”، “ناماز بىلەن غوسۇل”، “دۇتار بىلەن ئۇسسۇل” دىن ئىبارەت بارى_يوقى ئۈچلا شادىلىق پىرقىرىما چاققا بەنت بولغان مىللەت ئەمەس ئىدى. ئەمدىلىكتە، بۇ نۇسرەت سۇمۇرۇغى، بۇ ئىقتىدار بۈركۈتى، بۇ سائادەت ئەنقاسى قېنى؟! تۈركۈم ئېڭى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى
|
|
|