|
|
دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملار |
يوللىغان ۋاقىت:2009-01-20 ئاۋاتلىقى:4061 |
|
|
|
قارايىملار قىرىم يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەردىن بولۇپ، ئۇكرائىنىيىنىڭ رەسمى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ قىرىمدىكى سانى 1404 ئادەم. لىتۋادىكى سانى 289. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلار رۇسىيە شەھەرلىرىدىن موسكۋا ۋە سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىقلارغىمۇ تارقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ شەھەرلەردىكى سانى 680 دىن ئاشىدىكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا قارايىملارنىڭ پۈتۈن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى سانى 2602 دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر دەم دوستلۇقىدىكى يېڭى سانى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. قارايىملار كىملەر؟ تۈركىيە ئالىمى دوكتور نەۋزات ئۆزكەننىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، يەنە ئاز ساندىكى قارايىملار تۈركىيىنىڭ ئىستامبۇل شەھرىدە، فرانسىيىدە ۋە پولشادىمۇ ئىستىقامەت قىلىدىكەن. ئۇنداقتا قارايىملار كىملەر؟ قارايىملار تۈركىي خەلقتۇر. ئۇلار تۈركىي تىللارنىڭ قىپچاق گۇرۇپپىسىغا تەۋە قارايىم تىلىدا سۆزلىشىدۇ. قارايىملارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى مەسىلىسى تالاش-تارتىش تۈسىنى ئالغان مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە ئېنىق ۋە بىرلىككە كەلگەن يەكۈن يوق ئەمما، ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگە. بىرىنچى خىل نۇقتىئىنەزەر، "قاراي" دېگەن ئېتنونىمى قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى "كېرەي"، "كېرەيىت" دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراش، كېرەي سۆزى ھەر خىل شەكىلدە يەنە "قاراي"، "قىراي" دېگەندەك شەكىللەردىمۇ كۆرۈلگەن. "قارايىم" ئېتنونىمىدىكى "قار" تىپىك قەدىمىي تۈركىي سۆزى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خېلى كۆپ تۈركىي خەلقلەر بۇ سۆزنى ئۆز مىللىي نامى بىلەن بىرلەشتۈرگەن مەسىلەن، قاراچايلار، قاراخازارلار، قاراقالپاقلار ۋە باشقىلار. بۇ خىل كۆز قاراشتىكىلەر قارايىملارنى قەدىمكى دەۋرلەردىكى ھۇن- خەزەر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا كىرىپ، سامات-ئالانلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن قارايلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ. قارايىملار بىر مىللەت سۈپىتىدە قىرىمدا پەيدا بولغان. ئىككىنچى خىل نۇقتىئىنەزەر، قارايىملارنى يەھۇدىيلار بىلەن باغلاپ، ئۇلارنى قەدىمكى يەھۇدىيلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قاراش. بۇ خىل كۆز قاراشتىكىلەر، قارايىم سۆزىدىكى "قارا" يەھۇدىي تىلىدىكى "ئوقۇ" مەنىسىدىن كېلىپ چىققان دەيدۇ، بۇنىڭغا ئاساس بولغان نۇقتىئىنەزەر شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، قارايىملار تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلق بولسىمۇ لېكىن، ئۇلارنىڭ دىنى يەھۇدىي دىنىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، بۇ تارماق ئادەتتە قارايىم دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارايىملارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى قارايىم دىنى 8-ئەسىردە ئىراندا ئانان داۋۇد تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى "قاراي" دەپ ئاتالغان. نەۋزات ئۆزكەننىڭ كۆرسىتىشىچە، قارايىملارنىڭ دەستۇرى تەۋرات بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىيلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا زەبۇر بىلەن ئورتاقلىق بار ئىكەن. قارايىم دىنى 8-13-ئەسىرلەردە گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ دىنغا بىر قىسىم ئىرانلىقلار، ئەرەبلەر، يەھۇدىيلار، گرېكلەر ئېتىقاد قىلغان. قارايىم دىنى 8-ئەسىرلەردە تۈركىي خەزەرلەر دۆلىتىگە كىرگەن. قىرىم يېرىم ئارىلى رۇسىيىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن بۇ دىنغا يەنە قارايىم تۈركلىرى ۋە بىر قىسىم كازاكلار (كازاك رۇسلىرى) ئېتىقاد قىلغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا قارايىملار رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن دائىم ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. 18-19-ئەسىرلەردە چار پادىشاھ رۇسىيىسى قارايىملارنىڭ ئۆز دىنى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن قىرىمدا قارايىم دىنى ئىبادەتخانىلىرى كۆپەيگەن. رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بولغان ئارىلىقتا قىرىمدا 20 نەچچە قارايىم دىنى ئىبادەتخانىسى بولغان. بۇ چاغلاردا قارايىم دىنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇستەقىل دىن دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، پاسپورتلاردىكى دىنىي ئېتىقاد دېگەن يەرگە "قارايىم دىنى" دەپ تولدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. يوقىلىۋاتقان قارايىم تىلى قارايىملارنىڭ سانىمۇ 1932-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا 10مىڭ ئادەم دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇلار بارا-بارا ئازايغان. 1957-يىلى 5مىڭ 700، 1979-يىلى 3 مىڭ 300 غا چۈشۈپ قالغان. ئەمما، 25 مىڭدىن ئارتۇق قارايىم ھازىر ئىسرائىلىيىدە ياشايدىكەن، ئۇلار ھەم ئۆزلىرىنى يەھۇدىيلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە قىرىمدا ئاران 800 ئەتراپىدا قارايىملار ئېشىپ قالغان. قارايىملارنىڭ تىلى شىمالىي قىرىم تاتارلىرى ۋە شىمالىي كاۋكازىيىدىكى قۇمۇقلار، قاراچايلار ۋە بالقارلارنىڭ تىلى بىلەن يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەڭ قەدىمىي دەۋرلەرگە خاس تۈركىي سۆزلەر ساقلانغان. قارايىم تىلى ساپ تۈركىي تىل بولۇپ، ئۇنىڭدا چەت تىللارنىڭ تەسىرى ناھايىتى ئاز ئىكەن. چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئاساسلىق ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە سلاۋىيان تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەردۇر. ئۇنىڭدا قەدىمكى ئالان تىلىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئەڭ قىزىق نۇقتا شۇكى، قاراي تىلىدا 1841-يىلى تۇنجى ئىنجىل نەشىر قىلىنغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆزىتىشىچە، قارايىم تىلىدا يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەڭ قەدىمىيلىككە ئىگە تۈركىي سۆزلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرىدىكىدىنمۇ گەۋدىلىكرەك بولغان. شۇڭا1934 -يىلى، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تىل يىغىنىدا تۈرك تىلىدىكى ئەرەب ۋە پارس تىلى سۆزلىرى چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 330 قارايىم تىلى سۆزى تولۇقلانغان ئىكەن. مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش قارايىم تىلى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن تىللارنىڭ (بەلكى دىئالېكتلارنىڭ) بىرى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋە باشقا دىنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاش ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قارايىملارنىڭ "قىرىم قارايلار جەمئىيىتى "دەپ ئاتالغان تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋە ئۇكرائىنىيە ھەم رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىگە قارايىملارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىلى كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى مىللەت سۇپىتىدە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئىلتىماسلارنى سۇنۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەقسىدى قارايىم خەلقىنى ۋە ئۇنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ياچېيكىلىرى قىرىمنىڭ باخچىساراي، ئەۋاپتورىيە، سىمفېرېپول، سېۋاستوپول، يالتا قاتارلىق شەھەرلەردە مەۋجۇت.
|
|
|