ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
  • 1934 - يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر
  • كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ( داۋامى )
  • ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇن مىڭە ئوپېراتسىيىسىن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخى
  • پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار
  • 20 ئەسىرنىڭ -40 يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىد ...
  • بەخت ۋە بەختسىزلىك
  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋىرىدىكى كۇرۇسلار
  • تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
  • ئاسسىمىلياتسىيىگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى
  • «ئاتۇ» پاجىئەسى
  • ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى (داۋام ...
  • تۇڭگان 36- دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى
  • لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟
  • چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (1)
  • -1934 يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردىن ئەسلىمە
  • تۇمشۇقتىكى سوقۇش
  • تۈندىكى پاجىئە
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملا ...
  • شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى(سۇتۇق)
  • خوجانىياز ھاجىنىڭ ياركەنت، روسىيە،چۆچەك،باركۆل،ئالت ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىران بىلە ...
  • نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسل ...
  • ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى
  • تارىختىكى بۈگۈن
    يوللىغان ۋاقىت:2012-03-21 ئاۋاتلىقى:814
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    2003-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغان. 20-مارت، ئامېرىكا ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا، ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى. 9-ئاپرىل، ئامېرىكا ئارمىيەسى باغداتقا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. 1-ماي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بۇش ئىراقتىكى ئاساسلىق ھۇجۇمنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

    1990-يىلى 3-ئايىنىڭ 20–كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان. يىغىندا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇن قاتارلىقلار ماقۇللاندى. دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، جياڭ زېمىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاش قارار قىلىندى.

    1926-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭشەن پاراخوتى ۋەقەسى يۈز بەردى. شۇ كۈنى جياڭ جيېشى بەزىلەر مېنى تۇتقۇن قىلىش سۈيقەسىتىدە بولدى دەپ گۇمانلىنىپ، گۇاڭجۇدا جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇپ، دېڭىز ئارمىيەسى ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى، كومپارتىيە ئەزاسى لى جىلوڭنى قولغا ئالدى. زور تۈركۈمدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنى نازارەت قىلدى ۋە نەزەربەند قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىنى قورشاپ، سوۋېت مەسلىھەتچىسىنى نازارەت قىلدى. ھېچقانداق ئىش بولمىغاندىن كېيىن، جياڭ جيېشى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئەينى ۋاقىتتا گۇاڭدۇڭ گومىنداڭ ئىنقىلابى ئارمىيەسىنىڭ ئالتە كورپۇس ئارمىيەسى ئىچىدە، بەش كورپۇس ئارمىيەسىنىڭ كورپۇس كوماندىرى جياڭ جيېشى بىلەن زىددىيەتلەشتى. جياڭ جيېشى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىدىغان 1-كورپۇس ئارمىيەسىدە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، يې تىڭ پولىكىنى ئاساس قىلىپ، ئىشچى-دېھقانلار ئاممىسىنى قوزغاپ، گومىنداڭدىكى سولچىلار ۋە ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، جياڭ جيېشىغا قايتۇرما زەربە بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن كومپارتىيە ئىنتېرناتسىئونال ۋەكىللىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول قويدى. نەتىجىدە جياڭ جيېشى كومپارتىيەگە تېخىمۇ قارشى تۇردى. مۇرەسسەلىشىش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جياڭ جيېشىنىڭ ئورۇنسىز تەلىپىنى قوبۇل قىلدى. كومپارتىيە ئەزالىرى 1-كورپۇس ئارمىيەسدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئىنلەي بۇ كومپارتىيە ئەزالىرى باشقا كورپۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇلسا دەپ تەكلىپ بەردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ تەشەببۇسنى قوبۇل قىلمىدى. جياڭ جيېشى جۇڭشەن پاراخوتى ۋەقەسى ئارقىلىق جۇڭگو كومپارتىيەسىگە زەربە بېرىپلا قالماستىن ، ۋاڭ جىڭۋېي ۋە گومىنداڭ سولچىلىرىغا زەربە بېرىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلاردىكى ئورنىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.

    1727-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نيوتۇن ۋاپات بولغان. نيوتۇن، 1642-يىلى 25-دېكابىر تۇغۇلغان. نيوتۇن ئۆسمۈر مەزگىلىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ناھايىتى ماھىر بولۇپ، مېخانىكىلىق ئەسۋابلارنى ياساش تالانتى كىچىكىدىلا نامايەن بولغان. ئەنگلىيەنىڭ كوستا چېركاۋىدا ھازىرمۇ نيوتۇن ياسىغان قۇياش ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان بولۇپ، گەرچە تازا سىپتا ئويۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆسمۈر نيوتۇننىڭ زېرەكلىكى ۋە غايىسىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن. نامراتلىق تۈپەيلى، نيوتۇننىڭ ئاپىسى نيوتۇننى ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئۆيگە قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، لېكىن نيوتۇن زېھنىنى يەنىلا ئوقۇشقا قاراتقان. تاغىسى ئۇنىڭ ئىشلەپ ئائىلىنى بېقىشقا قىزىقمىغان ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: «سەن يەنىلا قايتىپ ئوقۇشىڭنى ئوقۇ، سەن بىر بولسا ھېچ ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان بىر يارىماس بولىسەن، يا بىر بولسا تالانت ئىگىسى بولىسەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن نيۇتون كامبېرج ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ بىلىم ئېلىشنى باشلايدۇ. ئۇ پۈتۈن زېھنىنى ئىلىم پەنگە قارىتىشقا قەسەم قىلىدۇ، ئۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە قاتارلىق دەرسلەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كوپېرنىك، كېپلېر، گالىلىي، دىكار قاتارلىقلارنىڭ تەبىئىي پەن نەزەرىيەلىرى ۋە تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىدۇ، بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ئىلمىي تەتقىقاتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. 1727-يىلى 20-مارت، نيوتۇن لوندوندا ۋاپات بولغان، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم پەن ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپە قوشقانلىقتىن، ۋەست مىنىستىر چېركاۋىغا دەپىنە قىلىنغان.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ