تۇڭگانلارنىڭ قىرغىزستان دىكى تارقىلىشى
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا تۇڭگانلار قىرغىزستان نىڭ بىشكەك، ئوش، توقماق شەھەرلىرى ۋە چۇي ئوبلاستىغا تەۋە ئالىكساندىروپكا، سوقۇلۇق يېزىلىرى ھەمدە ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىنىڭ قارا قول شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىردىق قاتارلىق يېزىلارغا تارقالغان.
قىرغىزستان دىكى تۇڭگانلار ئاساسەن دېگۈدەك دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قىرغىزستان مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سودا-تىجارەتكە كىرىشكەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىغا پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
تۇڭگانلار قىرغىزستان دىن باشقا يەنە قازاقستان ۋە ئۆزبېكىستانغىمۇ تارقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قىرغىزستان نى بازا قىلىپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۆز تىلىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلاپ قالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە يەنى 1979-يىلى ئۇلارنىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سانى 50 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قىرغىزستان دا ھازىر تەخمىنەن 70 مىڭ ئەتراپىدا تۇڭگان نوپۇسى ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇڭگانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى
تۇڭگانلار دۆلىتىمىزدە " خۇيزۇ" دەپ رەسمى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر تەرىپىدىن تۇڭگان دەپ ئاتىلىدۇ. روسىيىدە بۇ ئىسىم "دۇڭان" دېگەن نام بىلەن تۇنجى قېتىم 19-ئەسىردە كۆرۈلگەن، روس تىلىنىڭ ئادىتى بويىچە تۇڭگان دېگەن ئىسىم دۇڭان دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ، موسكۋا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمى ئايرىم بىر مىللەت نامى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق خەلقلەر ئۇلارنى دۇڭان دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمما تۇڭگانلار ئۆزلىرىنى بولسا" لاۋ خۇئىخۇي" دەپمۇ ئاتايدىكەن.
روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۇڭگانشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تۇڭگانلار ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن ھازىرقى قىرغىزستان ۋە قازاقستانلاردا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ 19-ئەسىردە شىنجاڭدا ۋە گەنسۇ، شەنشى ئۆلكىلىرىدە كۆتۈرۈلگەن كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا پۈتۈن شىنجاڭدا مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ ئوتلىرى بىلەن قاپلاندى. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قوزغىلاڭلىرىغا تۇڭگانلارمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە مەنچىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ئىدى. 1867-يىلى ياقۇپ بەگ قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرغاندا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى تۇڭگانلار ياقۇپبەگكە بەيەت قىلدى. ئىلىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار بىرلىشىپ، مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇردى. بىراق، 1877-يىلى زو زوڭتاڭ قەشقەرىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، تۇڭگانلارنىڭ قوماندانى بەيياڭخۇ ۋە باشقىلار ئۇيغۇر قاتارلىقلار بىرلىشىپ، زو زوڭتاڭنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇب بولدى. دېمەك 1877-1878-يىللىرى زو زوڭتاڭ قەشقەرىيىنى ئىشغال قىلغاندا، بەيياڭخۇ باشلىق بىر قانچە مىڭ تۇڭگان|مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇچتۇرپان ئارقىلىق ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى قارا قول، بىشكەك ئەتراپىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان. مانا بۇ تۇڭگانلارنىڭ قىرغىزستاندا يەرلىشىش تارىخىنىڭ باشلىنىشىدۇر.
تۇڭگانلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈشى
1871-يىلى ئىلىدىكى تارانچى سۇلتانلىقى روسىيە تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. كولپوكوۋسكىي باشچىلىقىدىكى چار روسىيە قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قارشىلىقلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىلىنى بېسىۋالدى. ئەلاخان سۇلتان خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاچقۇچىنى كولپوكوۋكسىيغا تاپشۇردى. ئىلى تەخمىنەن 10 يىلغا يېقىن روسلارنىڭ قولىدا تۇرغان بولسىمۇ، بىراق چار روسىيە بىلەن مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى ئىلىنى مەنچىڭغا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ، ئاخىرى 1881-يىلى " ئىلى شەرتنامىسى" ئىمزالاندى. مەزكۇر شەرتنامىگە بىنائەن ئىلىنىڭ بىر قىسمى ۋە غۇلجا مەنچىڭغا بېرىۋېتىلدى. ئىلىنىڭ مەنچىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، يەتتە سۇ تەۋەسىگە كۆچتى.
ئەنە شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە توت مىڭ ئەتراپىدا تۇڭگان يەتتە سۇ ۋادىسىغا ماكانلاشتى، تۇڭگانلارنىڭ يەنە بىر قىسمى بولسا، ھازىرقى قىرغىزستاننىڭ توقماق، قارا قول، سوقۇلۇق قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان.
تۇڭگانلارنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆچۈشى 1955-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۆچۈش بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئىلى ۋىلايىتى ھەم تارباغاتايدىكى بىر قىسىم تۇڭگانلار ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ ماكانلاشقان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قازاقستانغا، ئازراق قىسمى بىشكەك شەھىرى ئەتراپىغا كېلىپ ماكانلاشقان بولۇپ، بۇ قېتىم كۆچكەن تۇڭگانلار يەرلىك خەلقلەر زىچ ئارىلىشىپ كەتكەن.
تۇڭگانلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالى
تۇڭگانلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن-بىر خەنزۇ-تىبەت تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلق، ئۇلار دىنى جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۆز تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى جۈملىدىن دىنىي ئېتىقادىنى كۈچلۈك ساقلىغان.
قىرغىزستان ، تۇڭگانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جۇمھۇرىيەت بولغاچقا، موسكۋا ھۆكۈمىتى تۇڭگانلارنىڭ مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىنى ئەينى ۋاقىتتا قىرغىزستانغا ئورۇنلاشتۇرغان . شۇ سەۋەبتىن قىرغىزستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىغىدا تۇڭگانشۇناسلىق مەركىزى قۇرۇلغان ھەم تۇڭگانچە رادىئو ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان . ھازىر قىرغىزستاندا مەزكۇر ئورۇنلار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، تۇڭگان تىلىدا ھەپتىدە بىر سائەت رادىئو پروگراممىسى بېرىلىدۇ.
تۇڭگانلار خەنزۇ تىلىنىڭ شەنشى-گەنسۇ دىئالېكتى ئاساسىدىكى ئۆز ئانا تىلىدا " خۇيمىن باۋ" ( تۇڭگان گېزىتى) دېگەن نامدا گېزىت چىقىرىدۇ. تۇڭگان تىل گەرچە خەنزۇ تىلى بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىدىن ئايرىپ، مۇستەقىل تۇڭگان تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1928-يىلى لاتىن يېزىقى، 1953-يىلى بولسا، سلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدا تۇڭگان يېزىقى تەييارلانغان بولۇپ، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە سلاۋىيان يېزىقىنى ئىشلەتمەكتە. تۇڭگانلار سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە " شىيۈئەدە چى" (يەنى "ئۆكتەبىر بايرىغى") دېگەن نام ئاستىدا گېزىت چىقارغان شۇنىڭدەك يەنە سىلاۋىيان يېزىقى بىلەن ئۆز تىلىدا كىتابلار نەشر قىلغان ھەم بۇ پائالىيەتلىرىنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرماقتا. قىرغىزستان ، قازاقستانلاردىكى تۇڭگان( دۇڭان) تىلى گەرچە خەنزۇ تىلىنىڭ شەنشى –گەنسۇ دىئالېكتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۈگۈنكى گەنسۇ-شەنشى رايونىدىكى تۇڭگانلار قوللىنىدىغان تىلدىن خېلى كۆپ پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭدا 19-ئەسىرگە خاس كونا سۆزلۈكلەر ساقلىنىپ قالغان شۇنىڭدەك يەنە روسچە ئاتالغۇلار كۆپلەپ قوبۇل قىلىنغان، ئۇيغۇر، قىرغىزچە ۋە باشقا تۈركىي تىللارنىڭ تەسىرىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سىڭگەن.
تۇڭگانلار ئارىسىدىن كۆرۈنەرلىك ئەربابلار يېتىشىپ چىققان
قىرغىزستان ، قازاقستاندىكى تۇڭگانلار ئارىسىدىن ئەينى ۋاقىتتا "سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى"، "سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى" دېگەن ئەڭ يۇقىرى ناملارغا ئېرىشكەن ئادەملەر شۇنىڭدەك يەنە ئاكادېمىك ۋە دوكتورلار يېتىشىپ چىققان.
قىرغىزستان مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قارمىغىدىكى تۇڭگانلار جەمىيىتىنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىرغىزستان تۇڭگانلىرى تۇڭگانلارنىڭ قىرغىزستانغا كەلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزستاندا 50 تىن ئارتۇق پەن دوكتورلىرى ۋە پەن نامزاتلىرى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا، 20 دىن ئارتۇق ئادەم جۇمھۇرىيەتنىڭ پەخرىي ناملىرىغا ئېرىشكەن. بىر نەپەر تۇڭگان دۇنيا چېمپىيونى بولغان، ئۇلار ئارىسىدىن ئىلگىرى كېيىن يەنە تۆت نەپەر كىشى قىرغىزستان پارلامېنتىغا ئەزا بولغان ئىكەن. تۇڭگان ئالىمى مۇھەممەد سۇشانلونىڭ ( 1924-1998) ئىسمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە ۋەتىنىمىزدىكى ئىلىم ساھەسىگە تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇ قىرغىزستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، ئۇ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا تۇڭگانلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە كىتاب يازغان كىشى ئىدى. شائىر ياسىر شىرۋازى بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە كەڭ تونۇلغان شائىر سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى.
ھەربىي قوماندان ماسانچى بولسا، 1919-1920-يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئابۇدۇللا روزىباقىيېۋ، ئىسمائىل تاھىروۋ قاتارلىق رەھبەرلىرى بىلەن تەڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ تونۇلغان تۇڭگان ئەربابى ئىدى. ھازىر بىشكەك ئەتراپىدا ئۇنىڭ نامىدا بىر يېزا مەۋجۇت.
قازاقستان دا تەخمىنەن 30 مىڭ ئەتراپىدا تۇڭگان بار بولۇپ، تاكى 60-يىللارغىچە پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىغىدا ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيەت بۆلۈمى بار ئىدى. بۇ كېيىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئورنىغا ئۆزگەرتىلگەن، قازاقستان تۇڭگانلىرىدىن سۇنۋازا 50-يىللاردا ئۇيغۇرچە-روسچە لۇغەت تۈزۈپ چىققان ھەمدە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماقالىلارنى يازغان ئۇيغۇرشۇناس ئىدى.
تۇڭگانلار قىرغىز-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىدى
قىرغىزستان دىكى تۇڭگانلار بىلەن ھۆكۈمىتىمىز ئارىسىدا ياخشى ئالاقىلار يولغا قويدى,جۇڭگو نىڭشيا ۋەكىللىرى قىرغىزستاندىكى توڭگانلارنى زىيارەت قىلغان، قىرغىزستان تۇڭگانلىرىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ۋە جۇڭگونىڭ باشقا تۇڭگان رايونلىرىنى زىيارەت قىلدى. ۋەتەن مەتبۇئاتلىرىدا بۇ تۇڭگانلارنىڭ "ئەسلى جۇڭگو پۇقرالىرى، ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى جۇڭگو بولغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنى سېغىنىدىغانلىقى " ئەكس ئەتتۈرىدىغان ماقالىلارمۇ ئېلان قىلىندى ھەم قىرغىزستاندىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسى تۇڭگانلار بىلەن يېقىن ھەمكارلىقلارنى ئورناتتى.