2008-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ 2008-يىللىق ئولومپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ۋە مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈشنى باشلاش مۇراسىمى تيەنئەنمىن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. خۇ جىنتاۋ مۇراسىمدا ئۆز قولى بىلەن ئوت تۇتاشتۇردى ھەم مۇراسىمنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ چەت ئەللەردىكى تۈرلۈك ئاۋارىچىلىقلارنى يېڭىپ، سىچۈەننىڭ ۋېنچۈەندە يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، بەش چوڭ قىتئەدىكى 19 شەھەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر شۇنداقلا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا يەتكۈزۈلدى. مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى 130 كۈن داۋاملاشقان، ئومۇمىي مۇساپىسى 150 مىڭ كىلومىتېرغا يەتكەن، 21 مىڭ 880 مەشئەلچى قاتناشقان، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى يەتكۈزۈلگەن يول لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، دائىرىسى ئەڭ كەڭ، قاتناشقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىق مەشئەل كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى بولۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.
1987-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، داڭلىق رەسسام ۋانگونىڭ «ئاپتاپپەرەس» ناملىق ئەسىرى 22 مىليون 500 مىڭ فوندسىتېرلىڭغا ياپونىيەدىكى بىر سۇغۇرتا شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياپونىيەگە ئەكىلىپ كۆرگەزمە قىلغان.

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋېيتنامدىكى مېيلەي كەنتىدىكى زور قىرغىنچىلىقىدىكى قاتىللارغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان. بۇ كۈنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش ئاخىرلىشىپ، لېيتنانت ۋېللىيامنىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشى مېيلەي كەنتىدىكى زور قىرغىنچىلىقتىكى رولىغا قارىتا ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جازاسى بەرگەن. ئۇ ئاز دېگەندە 20 ئاددىي پۇقرانى ئۆلتۈرگەن.
1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پۇل قەرز ئېلىش كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئامانەت قەرزى بېرىپ تۇرىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە قايتۇرسا بولىدۇ. جۇڭگو پۇل تۈزۈمى، بانكا تۈزۈمىنى كۈچەيتىدۇ، سانائەت زۆرۈر بۇيۇملىرى ۋە تەقسىملىنىشىنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ.
1889-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېففىل تۆمۈر مۇنارى پۈتكەن. فرانسىيەگە بارغان ساياھەتچىلەر ئەلۋەتتە تۇنجى بولۇپ، پارىژدىكى ئېففىل تۆمۈر مۇنارىغا چىقماي قويمايدىكەن، بۇنىڭدىنلا ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ پارىژنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل فرانسىيە دۆلىتىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئېففىل تۆمۈر مۇنارى پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، دۇنيادىكى تۇنجى پولاتتىن ياسالغان مۇنار. بۇنى فرانسىيەلىك داڭلىق ئارخېتىكتور ستاف ئېففىر لايىھىلىگەن. 1887-يىلىدىن 1889-يىلىغىچە ياساپ پۈتتۈرۈلگەن. ئېگىزلىكى 300 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئېغىرلىقى 9000 توننا، ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. 1-قەۋىتى 57 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، دۇكان ۋە رېستۇران بار، 2-قەۋەت 115 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، قەھۋەخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 3-قەۋەت 276 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەردە تۇرۇپ يىراقلاردىن ھۇزۇرلىنىدۇ. مۇنارنىڭ چوققىسىغا مېڭىپ ياكى لېفىت بىلەن چىقسىڭىز بولىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم، مۇنار ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتا كۆرۈنەرلىك تارىيىپ ماڭغان. ئاستى قىسمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىر. ياندىن قارىغاندا، ئېنگلىز تىلىدىكى تەتۈرYھەرپىگە ئوخشايدۇ. مۇنارنىڭ كېچە مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەل، ھەرخىل چىراقلار بىلەن يورۇتۇلغان مۇنار تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. مۇنارنىڭ قېشىغا قويۇلغان ئاق مەرمەر تاشقا سىتاف ئېففىرنىڭ ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكىلى ئورنىتىلغان.