1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لۇۋرا مۇزىيى «مونالىزا» رەسىمى ئۈچۈن مەخسۇس كۆرگەزمە ئورنى لايىھەلىگەن. لۇۋرا مۇزىيى دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى، ئەڭ چوڭ، ئەڭ داڭلىق مۇزىيلارنىڭ بىرى بولۇپ، پارىژنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان. مىلادى 1204-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خان ئوردىسى قىلىنغان. 800 نەچچە يىللىق كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەن. لۇۋرا مۇزىيىنىڭ كۆلىمى 45 گېكتار، سىرتقى شەكلى ئېنگلىزتىلىدىكى U ھەرىپىگە ئوخشايدۇ. كونا ۋە يېڭى ئىككى چوڭ سارايغا بۆلۈنگەن. ھازىر مۇزىيدا 400 مىڭدىن ئارتۇق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى بار. مۇزىي بۇيۇملارنىڭ مەنبەسىنىڭ رىم، قەدىمقى گرىتسىيە، قەدىمقى مىسىر، شەرقتىن كېلىشى ياكى تۈرىگە ئاساسەن 6 چوڭ كۆرگەزمە سارايغا بۆلۈنگەن. مۇزىيدا «دۇنيانىڭ ئۈچ گۆھىرى» دەپ ئاتالغان «ۋىناس ھەيكىلى»،«مۇنالىزا ماي بوياق رەسىمى» ۋە «ئايال غەلىبە ئىلاھى ھەيكىلى» بار. يەنە ئىتالىيە ۋە فرانسىيەنىڭ قەدىمكى ئاسارە-ئەتىقىلىرى بار. لۇۋرا مۇزىيىدا 198 كۆرگەزمە زالى بار، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى 205 مېتىر كېلىدۇ. ئەلۋەتتە سىزنىڭ بىر، ئىككى كۈن ئىچىدە بۇ يەردىكى بارلىق سەنئەت بايلىقلىرىدىن پۈتۈنلەي ھۇزۇرلىنىش مۇمكىن ئەمەس. مۇزىينىڭ بېلىتى 9ياۋرو، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 81 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر فرانسىيەگە چىقىپ قالسىڭىز، «لۇۋرا مۇزىيى» نى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ، ئىشىنىمەنكى ئۇ مۇزىينى ئايلىنىش پۈتۈن ياۋروپانى ئايلانغانغا باراۋەر.
لۇۋرا مۇزىيىدىكى «مۇنالىزا» ماي بوياق رەسىمى لىئوناردو داۋىنچىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى. دۇنيادا ھېچقانداق بىر رەسىم بۇ ماي بوياق رەسىمىدەك داڭلىق بولمىسا كېرەك. رەسىمدىكى مۇنالىزا فىلورېنسىيەلىك بانكېرنىڭ ئايالى بولۇپ، داۋىنچى 1503-يىلى بۇ رەسىمنى مونالىزاغا سىزىپ بەرگەن. رەسىم مونالىزانىڭ 24 ياشقا كىرگەن ۋاقتى. رەسىمگە قارىسىڭىز، مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىگىنى كۆرىسىز. ئەمما ئىنچىكىلەپ، رەسساملىق كەسپىي نۇقتىئىنەزەرىدە تۇرۇپ قارىسىڭىز، مونالىزانىڭ كۈلكىسىگە قايغۇ ھەسرەت يوشۇرۇنغانلىقىنى، مونالىزانىڭ مۇرەككەپ ئىچكى ھېسىياتىنى ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە بىز رەسىمدىكى بۇ خىل سىرلىق تۇيغۇنى ھېس قىلالمايمىز، پەقەت كەسپ ئىگىلىرىلا بىلەلەيدۇ. رەسىمدە شەيئىنىڭ مول ئىچكى ھېسىياتى بىلەن تاشقى گۈزەللىكى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، داۋىنچى رەسىم سىزىۋاتقاندا، مونالىزانىڭ داۋاملىق كۈلكىسىنى ساقلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن، قاتتىق باش قاتۇرغان. مونالىزاغا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن، قىزىقچى، سازچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئويۇن كۆرسەتكەن.
داۋىنچى ئۆلۈپ كەتكۈچە بۇ رەسىمنى يېنىدىن ئايرىمىغان، 1805-يىلى ناپالىيون بۇ رەسىمنى لۇۋرا مۇزىيىغا ئەكەلگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، فرانسىيە شاھى لۇيىسⅢⅩ قىزىنى رەسىمدىكى مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشىنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان. بۇ قىز نەچچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆگەنگەن. ناپالىيونمۇ بۇ رەسىمنى ھۇجرىسىغا ئېسىپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە بۇ رەسىمدىن ھۇزۇرلىنىدىكەن، بەزىدە بۇ رەسىمگە قارىغىنىچە يېرىم كۈن ھەتتا بىر كۈنلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىكەن. پۈتۈن دۇنيادا «مونازا» ماي بوياق رەسىمىنىڭ ساختىسىدىن 200 دىن ئارتۇقى بار، ئەنگلىيەنىڭ سابىق ۋەزىرى ساچىر خانىممۇ بۇ رەسىمنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن ساختىسىدىن 4 پارچىنى ساقلىغان.
يەنە مۇنداق سىرلىق ئىشمۇ بولغان. ئارخولوگلار 1987-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ چېگرىسىدىكى گىبول شەھىرىنىڭ قەدىمقى رىم ئۇسلۇبىدىكى بىر داچىدا جىپسىلىما رەسىمنى قېزىپ چىققان، ھەيران قالارلىقى شۇكى بۇ جىپسىلىما رەسىم مونالىزا رەسىمى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەن، بۇ جىپسىلىما رەسىم مىلادى 4-ئەسىردە سىزىلغان بولۇپ، داۋىنچىنىڭ ياشىغان دەۋرىدىن 1100 يىل بالدۇر.
دۇنيادا نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەر، كىتابلاردا «مونالىزا» ماي بوياق رەسىمى توغرۇلۇق تەتقىقاتلار بايان قىلىنغان، بەزىلەر مۇنالىزانى خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن ئۆلدى دېسە، ياپونىيەلىك ئالىملار ئۇنى يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن ئۆلگەن دېيىشىدۇ، تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى بەزىلەر داۋىنچىغا ئاشىق بولۇپ ئۆلگەن دېيىشىدۇ. گوللاندىيە ئامىستىردامدىكى بىر ئۇنۋېرسىتېت بىرخىل يۇمشاق دېتال ئارقىلىق مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشىنى تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە كۈلۈمسىرىشىدە خوشاللىق %83نى، بىزار بولۇش %9 نى، قورقۇش %6 نى، غەزەپلىنىش %2 نى ئىگىلىگەن. ئىشقىلىپ، داۋىنچىنىڭ بۇ رەسىمگە بولغان تەتقىقات توختاپ باققىنى يوق.
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىدا كوللىكتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 39 كىشى ئۆلگەن. ئۆلگەنللەرىڭ ھەممىسى 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاق تەنلىك ئوغۇل بالىلار. كىشىلەر ھازىرغىچە ئۆلۈش سەۋەبىنى تېپىپ چىقالمىدى، كىشىلەر مەلۇم بىر دىنىي جەمئىيەتنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشماقتا.
1971-يىلى دۆلىتىمىز كامېرون بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تۈزگەن. كامېرون ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت تىلى فرانسۇز تىلى بىلەن ئېنگلىز تىلى. كامېرون دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئافرىقىدىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان دۆلەت.
1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كومپارتىيەسى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. 1949-يىلى 26-مارت، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە جۇ ئېنلەي، لىن بوچۈ، لىن بياۋ، يې جيەنيىڭ، لى ۋېيخەننى تىنچلىق سۆھبىتى ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. جۇ ئېنلەي باش ۋەكىل بولدى، ئۇلار ماۋ زېدۇڭنىڭ 14-يانۋاردىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى باياناتى ۋە سەككىز تۈرلۈك شەرتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، 1-ئاپرېلدىن تارتىپ بېيپىڭدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
1827-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېتخوۋىن ۋاپات بولغان. ئۇ 1770-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى گېرمانىيەدە تۇغۇلغان. بېتخوۋىن تۆت ياشتىن باشلاپلا مۇزىكا ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ 13 يېشىدىلا مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1792-يىلى بېتخوۋىن ۋېيېناغا مۇزىكا ئۆگەنگىلى كېلىدۇ، بېتخوۋىننىڭ قۇلىقى 27 يېشىدىن باشلاپ، ئاڭلىماس بولۇپ قالىدۇ. بۇ بىر مۇزىكانت ئۈچۈن بىر قاتتىق زەربە. ئۇنىڭ داڭلىق مۇزىكىلىرىدىن «ئايدىڭ مۇزىكىسى»،«تەقدىر» قاتارلىق نۇرغۇن مۇزىكىلىرى بار. ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن 1827-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇنيادىن ۋىدارلاشقان.