ئەنگلىيە پارلامېنتىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تەكلىپ لايىھەسى يېقىندا تەستىقتىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ لايىھەدە، پارلامېنت ئەزالىرى iPad ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون قاتارلىق يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى كۆتۈرۈپ پارلامېنت زالىغا كىرسە بولىدۇ دېيىلگەن. بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دېيىشىچە، «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» قا ئوخشاش ئېلىكترونلۇق ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە بولغان تونۇشى ۋە قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ تۇرمۇشقا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىنى ھېس قىلدۇرغىلى ۋە شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئەنئەنىۋى پارلامېنتنى 21-ئەسىردىكى زامانىۋى پارلامېنتقا ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن.
بىراق، «تېخنىكا ساۋاتسىزلىرى»نى ئاساس قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى تېخى بۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولالمىغاندەك، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىدا ئانچە قىزىقماسلىق، ئەقلىي IT مەھسۇلاتلىرىنى قوبۇل قىلالماسلىق خاھىشى ئېغىر بولۇشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن. يەنە بەزى قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئېلىكترونلۇق ئويۇن پارلامېنت ئەزالىرىنى خۇمار قىلىپ قويۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىشى مۇمكىنكەن. مۇنازىرە جەريانىدا ھەرقايسى پارلامېنت ئەزالىرى مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشقان، ئەمما ئۆزىنىڭ پارلامېنتتا ھازىر ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى ئېسىدىن چىقىرىشىپ قويۇشقان.