Facebook تا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان ئىككى ياش تۆت يىل كېسىلدى

0 2011-08-18 10:41:33   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەلىك ئىككى ياش Facebook تا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن، تۆت يىل تۈرمىدە يېتىشقا بۇيرۇلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 21 ياشقا كىرگەن بلاكشو مارىستوندا تۇرىدىغان بولۇپ، 22 ياشقا كىرگەن ساتكلېف كېنان ۋاررىڭتوندا تۇرىدىكەن. ئۇلار چېستېر خان جەمەتى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۈرمىگە كىرىشكە بۇيرۇلغان.
كۆرسىتىلىشىچە، بۇ لوندون ۋە ئېنگلانىد ئىككى شەھەردە ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق ۋە دۇكان بۇلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، سوتچىنىڭ ۋەقە تۇغدۇرغۇچىغا بەرگەن ئەڭ ئېغىر جازاسى ئىكەن.
سوتچى ئېدۋاردس كېسىم ھۆكۈم ئېلان قىلغان ۋاقىتتا چېستېر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلىكتىكى ھەرىكىتىنى ماختاپ مۇنداق دېگەن:«مەن بۇ كېسىمنىڭ جىنايەتچىلەرنى توسۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئېغىر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 44-46-ماددىلىرىغا ئاساسلانغاندا بۇ ئىككى ئەر غەرەزلىك ھالدا باشقىلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇتراتقان. بۇلار كېيىن جىنايەتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.
خان جەمەتى تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«ئۇ ئىككىيلەن Facebook تا باشقىلارنى نورىز ساندىۋىچ بازىرىنى چىقىشقا كۈشكۈرتكەن».
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۈشكۈرتۈش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ئىشلىرى يۈز بەرگەندە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىنى تاقاش ياكى تاقىماسلىق، يانفوندا ئۇچۇر يوللاشنى چەكلەش ياكى چەكلىمەسلىك توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博