ئۈرۈمچى ئەمگەكچىلەر كوچىسىدىكى بىر بىناغا ئوت كەتتى

733 2011-08-15 12:27:21   ئۈرۈمچى لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
11-ئاۋغۇسىت سائەت 14 ئەتراپىدا، نەنخۇ جەنۇبى يولى ئەمگەكچىلەر كوچىسى بېكىتى يېنىدىكى بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىناغا ئوت كەتكەن، بىرىنچى قەۋەتتىكى كاۋاب پۇشۇرۇش ئۆيى ۋە ئىككىنچى قەۋەتنىڭ ئىشىك تاختىيى كۆيۈپ كەتكەن، بەختكە يارىشا ئۆلۈش يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.
سائەت 14 تىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا، مۇخبىر نەق مەيداندا، ئوت كەتكەن بىنا بىر ئۈچ قەۋەتلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، بىرىنچى قەۋىتى چۆپ دۇكىنى، ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى قەۋىتى بولسا تورخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن . بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئىشىك تاختىسى كۆيۈۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن بىنا ئىس-تۈتەك بىلەن تولۇپ كەتكەن، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار سۇ چېچىپ ئوت ئۆچۈرۋاتقان ئىكەن.
چۆپخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا تۇيۇقسىز نۇرغۇن ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلگەن، ئۇلار كاۋاپ پۇشۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ، قۇيۇق ئىسنى كۆرۈپ ئاندىن ئوت كەتكەنلىكىنى بىلگەن. ئەينى چاغدا ئۈچ نەپەر مېھمان بار بولۇپ، خىزمەتچىلەر ئالدىراش تارقاقلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان،ئارقىدىن توك مەنبەسىنى ئۈزىۋىتىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوت ئۆچۈرمەكچى بولغان، بىراق ئوت بەك كۈچلۈك بولغانلىقتىن ئۆچۈرەلمىگەن.
بىر نەپەر تورخانا خىزمەتچىسىنىڭ دېيىشىچە، كىشىلەر ئوت كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سىرتقا قاراپ يۈگرىگەن ،بەزى كىشىلەر سومكىسىنىمۇ ئالماي چىقىپ كەتكەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ھالدا قېچىپ چىققان.
سائەت 14 تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوت ئۆچۈرىلىۋىلىنىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قىلغان.
نۆۋەتتە، ئوت كېتىشنىڭ كونكىرت سەۋەبى ئىچكىرلىگەن ھالدا تەكشۈرىلىۋىتىپتۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博