
11 – مارت ، شىنجاڭ جامائەت خەۋسىزلىكى ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت ، ئوبلاست ۋە شەھەرگە 3 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى 33 دانە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى تارقىتىپ بەردى . تارقىتىلغان بۇ بىر تۈركۈم ئاپتوموبىللار ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن .
ئاپتوموبىل تارقىتىش مۇراسىمىدا ، ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زۇ شياۋنىڭ مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇ قېتىم سەپلەنگەن ئاپتوموبىللار ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلام چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە نازارەتچىلىك خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ . بۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ يول يىراق بولۇشتەك بېسىمىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللىتىدۇ ›› .
ئىگىلىنىشچە ، بۇ قېتىم تارقىتىلغان 33 كەسپىي ئاپتوموبىل ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاساسىي قاتلامنى كەسپىي ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلىشى ھېسابلىنىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاپتوموبىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىگە تەقسىم قىلىندى .
ئەمدىلا ئاپتوموبىل ئاچقۇچىنى ئالغان ئالتاي ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى لياڭ چىنلياڭ مۇنداق دېدى : ‹‹ چوڭ ئەترىتىمىزنىڭ ئەسلىدە بىرلا كەسپىي ئاپتوموبىلى بار بولۇپ ، خىزمەت داۋامىدا ئادەم كۆپ ، ئاپتوموبىل يېتىشمەسلىكتەك ئەھۋال دائىم كۆرۈلەتتى . بۇ كەسپىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئەترىتىمىزگە تەقسىم قىلىنىشى ئادەم كۆپ ، ئاپتوموبىل يېتىشمەسلىكتەك قېيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىدۇ ، بۇ يەنە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە نازارەت قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پايدىلىق ›› .