2011-يىل12-ئاينىڭ27-كۈنى13:10لا ئەتراپىدا،شىنجىن شەھەرلوخۇ سودا شەھەرچىسى ئۇزۇن يوللۇق ماشىنا بېكىتىدە،بىر ئاپتوبۇس تۇيۇقسىز كونتىروللىقىنى يوقىتىپ پىيادىلەر يولىغا كىرىپ كەتكەن،5ئادەم ئۆلگەن،نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.شىنجىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە،بۇ ئىش يۈزبەرگەندىن كېيىن،بۇ ئىدارە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى،يارىدارلار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى.ھازىر،ھادىسە تۇغدۇرغان شوپۇر ساقچىلار تەرىپىدىن كونتىرول قىلىندى،ھادىسىنىڭ سەۋەبى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.