شىنخۇا ئاگېنتلىقى،ئىسلامئاباد،5-مارت تېلىگىراممىسى:پاكىستان ئارمىيەسى بۈگۈن ھەم يادرو ئوق بېشى،ھەم ئادەتتىكى ئوق بېشىنى ئېلىپ ماڭالايدىغان قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلدى.ئارمىيەنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى:‹‹خاتىف_II››ناملىق بۇ باشقۇرلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى 180 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى:ناھايىتى ئېنىقكى،بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاكىستان ئىستىراتېگىيەلىك قىسىملىرىنىڭ ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرىدۇ.