خەلقئارا ئاخبارات لىنىيەسى خەۋىرى:پاكىستانلىق 33 ياشلىق ئۇسسۇل ئارتىسى چىرايىنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىگە چىدىماي،بۇرۇنقى يولدىشى سۇلفات كىسلاتاسى چېچىپ 12 يىلدىن كېيىن 6-قەۋەتتىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى.
Fakhra Younus ئىسىملىك بۇ ئايال ئىلگىرى ناھايىتى گۈزەل ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇپ،12 يىل ئىلگىرى بۇرۇنقى يولدىشى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇقچە كىرىپ ئۇنىڭغا سۇلفات كىسلاتاسى چېچىپ ئۇنىڭ چىرايىنىڭ 90 پىرسەنتىنى بۇزۇۋەتكەن،بىچارە Fakhra Younus نىڭ بۇرنى كۆيۈپ كەتكەن،چاچ،كالپۇكلىرى ئېرىپ كەتكەن،سول قۇلىقى ئاڭلىماس،بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان،كۆكسى قىسمى پۈتۈنلەي بۇزۇلغاچقا ئۇ بۇ دەرد-ئەلەم دەردىدە جاندىن تويغان،تىراگېدىيە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە Fakhra Younus جەمئىي 39 قېتىم يۈز قىسمى،بەدىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان،ئاخىرىدا بۇنداق ئادەمگە ئوخشىمىغان ھالدا كۈن ئۆتكۈزۈشكە بەرداشلىق بېرەلمىگەن،يەنى كېلىپ ئىلگىرىكى يولدىشى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلمىغاچقا ،Fakhra Younus بۇ ئازابقا چىدىماي ئۆلۈۋالغان.
ئىگىلىنىشىچە،Fakhra Younus نىڭ بۇرۇنقى يولدىشى يولدىشى شۆھرەت قازانغان ئائىلىدىن كېلىپ چىققانىكەن.