شىنخۇا ئاگېنتىلقى ئىسلامئاباد ،28-فېۋرال تېلىگىراممىسى:<نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى> ۋە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 28-فېۋرال ئېيتىشىچە،پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كوخىستان رايونىدا بىر ئاممىۋى ئاپتۇبۇس قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،18 ئادەم قازا قىلغان.
پاكىستاننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە:ئاپتۇبۇستىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بولۇپ،قارىماققا ئۇلار يەرلىك سۈننى مەزھىپىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندەك قىلاتتى.
پاكىستاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن سۈننى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بولۇپ،شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 15 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.