شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى:پاكىستان ئاخبارات ئەمەلدارلىرى ۋە ئادۋوكاتلار 17-ئاپرىل مۇنداق دېدى:بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئۇساما بىن لادىننىڭ ئايالى ۋە بالىسى ئەڭ تېز بولغاندا 18-ئاپرىل چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ،سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىشى مۇمكىن.
بىن لادىن بۇلتۇر پاكىستاندا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى تەرىپىدىن ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.ئۇنىڭ ئۈچ ئايالى،سەككىز پەرزەنت ۋە بىر نەۋرىسى بار.
پاكىستان تەرەپ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بىن لادىننىڭ ئايالىنى رەسمىي قولغا ئالغان.ئىككى ھەپتە ئىلگىرى پاكىستاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى قانۇنسىز چېگرىدىن كىرىش جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى قىزىغا 45 كۈنلۈك نەزەربەنت قىلىش جازاسى ۋە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بەرگەن.جازا مۇددىتى قولغا ئېلىنغان شۇ كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇلار پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى بىر تۇرالغۇدا جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ئادۋۇكاتى مۇھەممەت ئامىر 17-ئاپرىل شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:ئۇلار بۈگۈن كەچتە ياكى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن چېگرىدىن ئايرىلىدۇ.بۈگۈن كەچ سائەت 12 دىن كېيىن ئۇلار ھەر ۋاقىت قوغلاپ چىقىرىلىشى مۇمكىن.ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان پاكىستان خەۋىپسىزلىك ئورگىنىدىكى بىر ئەمەلدار پاكىستاننىڭ تەخمىنەن 17-ئاپرىل يېرىم كېچىدە بىن لادىن ئائىلىسىنى قوغلاپ چىقارىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
ئۈچ خوتۇنى ئىچىدە ئىككىسى سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت تەۋەلىكىدە،ئۈچىنچى خوتۇنى ئامايلى ئابدۇللا فاتاخ بولسا يەمەنلىك.ئامىر مۇنداق دېدى:بىن لادىن ئائىلىسىدىكىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشى مۇمكىن.ئابدۇللا فاتاخ ۋە ئۇنىڭ بەش بالىسى يەمەنگە بېرىشى مۇمكىن.