9-ئاپرېل، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەھەر كۈيتادا قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان. ئىگىلىنىشچە، شۇ كۈنى سالاھىيىتى نامەلۇم بىر ئەر كۇيتا شەھىرىدىكى بىر دۇكاندا تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىپ، ئالتە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى ئادەمنى يارىلاندۇرغان. نۆۋەتتە يەرلىك ساقچى دائىرلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى جىددىي تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.