29 -فېۋرال پاكىستاننىڭ غەربىدىكى باشاۋۇر شەھرىدە ئېتىشش ۋەقەسى يۈز بەردى ، نەق مەيداندا ئىككى ئادەم قازا بولدى ،بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى جۇڭگولۇق ئايال ئىكەن ،بۇ خەۋەر پاكىستاندا تۇرۇشلۇق جۇڭگو كۇنسۇلى تەرىپىدىن ئېنىقلاندى .بۇ ئايالغا ئېتىشىش نەق مەيدانىدا ئوق تەگكەن بۇلۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان .
يەرلىك ساقچى تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە ،ئۆلگۈچى جۇڭگولۇق ئايال ئىسمى جاڭخۇا ، 41ياش ئىكەن . سومكىسىدىكى پاسپورتى ساياھەت پاسپورتى بۇلۇپ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى پاكىستانغا كەلگەن ئىكەن .