5-مارت چۈشتىن بۇرۇن 9 دا، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى خەلق سارىيىدا باشلاندى، باشلىنىش مۇراسىمىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋىن جياباۋنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى، يىللىق پىلان تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە خام چوت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. شىنجاڭدىن بارغان ئاز سانلىق مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى نامايەن قىلىنغان كىيىملەرنى كىيىپ يىغىنغا قاتناشتى.