2011-يىلى12-ئاينىڭ 2-كۈنى،ئامېرىكىلىق 89ياشلىق پېررىي يورپ چەكلىمە تەنھەرىكەت ھەۋەسكارى.ئۇنىڭ ھازىر17كۈكۈن نەۋرىسى بار .لېكىن ئۇ يەنىلا بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشنى توختاتقىنى يوق.«ئۆلۈمنى مەڭگۈ تىلغا ئالماسلىق روھى » بىلەن ھازىرغىچە 15مىڭ فۇت ئېگىزلىكتىن پاراشوت بىلەن سەكرەشنى داۋام ئېتىپ كەلگەن.تېرە قۇلۋاق ھەيدىگەن. ئۇ يەنە بەدىنىگە نەقىش چەكتۈرگەن.ئۇنىڭ يولدىشى 2009-يىلى 6-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن.بۇ 89ياشلىق موماينىڭ يەنە ئۈچ چوڭ ئارزۇسى بار ئىكەن.يەنى،10-ئايدا ئۇ يېتەكچىسى بىلەن بىرلىكتە بىر قېتىملىق غىدىقلىغۇچى خارەكتېرلىك پاراشوتتىن سەكرەش پائالىيىتىنى تاماملىماقچى ئىكەن.ئاندىن ئوشۇقىغا چۆجىنىڭ رەسىمىنى چەكتۈرىدىكەن.7-ئايدا نيۇيوركتا تېرە قولۋاق ھەيدەيدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانى بولسا گاز شارىغا ئولتۇرۇش ئىكەن.