ئۈرۈمچى 304، 305، 927- يول لىنىيىلىرى ئۆزگەرتىلدى

0 2011-08-16 12:24:16   ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
بۈگۈندىن باشلاپ، ئاممىۋىي قاتناش گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى 304-يول، 305-يول، 927-يول ئاپتۇبۇسلىرىنىڭ لىنىيىسى ئۆزگىرىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شەھەرلىك  ئاممىۋىي قاتناش گۇرۇھى تىجارەت بۆلىمىدىن ئېگىلىشىچە،  بۈگۈندىن باشلاپ تەڭشەلگەن  304-يول،   305-يول، 927-يول لىنىيىسى ئىچىدە، 304-يول ۋە 305-يول لىنىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، پۈتۈن لىنىيىنىڭ يېرىمى قىسقىراپ كېتىدىكەن.
304-يول ئەترىتىنىڭ باشلىقىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، 304- يول لىنىيىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇزۇنلىقى 34.4 كېلومېتىر بولۇپ، ئاشلىق مەكتىپىدىن خۇڭيەنچىغىچە، تەڭشەلگەندىن كېيىن چىڭشىنشىياڭ پولات ماتىرياللىرى بازىرىدىن چىماشەنگىچە بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۇزۇنلىقىدىن 16 كېلومېتىرغا قىسقارغان. يۈرۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى 100 مىنۇتتىن 50 مىنۇتقا قىسقارغان، ماشىنا قوزغىلىش ۋاقتى ئەسلىدىكى ھەر 10 مىنۇتتا بىر ماشىنا قوزغىلىشتىن 4 مىنۇتقا ئۆزگەرتىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ماشىنا ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولغان.
927-يول ئاپتۇبۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى كىچىكرەك بولۇپ، باش بېكەت بىلەن ئاخىرقى بېكەتتە ئۆزگىرىش بولمىغان، لىنىيە 2 كېلومېتىر ئەتراپىدا قىسقىرىغان، ماشىنا قوزغىلىش ۋاقتى بۇرۇنقى ھەر 7~6 مىنۇتتا بىر ماشىنا قوزغىلىشتىن 5 مىنۇتتا بىر ماشىنا قوزغىلىشقا ئۆزگەرتىلگەن.
ئېگىلىنىشىچە، ھەر قايسى ماشىنا ئەترەتلىرى كېچىدە ماشىنىنىڭ بېشى ۋە كەينىدىكى تاختايلار ۋە ماشىنىنىڭ يان تەرىپىدىكى بېكەت كۆرسەتمىلىرىنى قايتا چاپلاش ئېلىپ بارىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博