ئىسرائىلىيىدىكى نامايىش يۇقىرى پەللىدە ئىزچىل تۆت ھەپتە داۋاملاشتى

0 2011-08-16 12:04:33   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 8-ئاينىڭ 15-كۈندىكى تېلېگراممىسى، ئىسرائىلىيىدە 13-ئاۋغۇست يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۆلەت خاراكتېرلىك نامايىش بولدى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئىزچىل يۇقىرى پەللىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا تۆت ھەپتە بولدى. بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى 70 مىڭچە بولدى، ئۇلار ئاساسلىق مال باھاسىنىڭ ھەدىدىن زىيادە ئۆرلىگەنلىكىگە قارشىلىق بىلدۈردى، 13-ئاۋغۇستتىكى نامايىش بىرقەدەر نامرات رايونلارغا كېڭەيدى. نەچچە ئونمىڭلىغان ئادەم تېلاۋىف ۋە ئېرۇسالېمغا يىغىلىپ زۇڭلىدىن خەلقنىڭ باي-نامىراتلىق ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.


ئالدىنقى شەنبە كۈنى پۈتۈن دۆلەتتە 300مىڭ ئادەم بىراقلا نامايىش قىلغان، كېيىن ئادەملەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئازايغان. 13-ئاۋغۇست بۇ نامايىش ئاساسلىق نامرات رايونلارغا كېڭەيگەن بولۇپ ساقچى تەرەپ بۇ قېتىمقى نامايىشتا 50 مىڭ ئادەم بار دېدى، لېكىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ۋەقەدە 70 ئادەم بار دەپ قارىدى.
نامايىش قىلغۇچىلار ئىلگىرى پەقەت ئۆي باھاسىنىڭ بەك يۇقىرى بولغانلىقىدىن نارازى بولغان، كېيىن نامايىشنىڭ تىغ ئۇچى كۆپ قىسىم ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە قارىتىلدى، مەسىلەن ئاشلىق، مائارىپ قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلار ھۆكۈمەتتىن بايلارغا بولغان باجنى يۇقىرىلىتىشنى،  بانكىدىن قەرز ئېلىش ۋە ئۆي ئىجارە باھاسىنى كونترول قىلىش ، ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش، مائاشنىڭ تۆۋەن چېكىنى 2400 دوللار قىلىپ بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博