پاكىستاندا يەنە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

0 2011-08-16 11:59:26   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى،ئىسلامئاباد،14-ئاۋغۇھت تېلىگىراممىسى: پاكىستانھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېيىشتى: دۆلىتىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يېغىۋاتقىنىغا نەچچە كۈن بولغان قارا يامغۇر كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلدى،تېرىلغۇ يەرلەر ۋە ئۆيلەر ئۆرۈلدى،21 ئادەم قازا قىلدى.

ھاۋارايى تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى:بۇ خىل يامغۇرلۇق ھاۋارايى بۇلتۇر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا كۆرۈلدى.بۇلتۇر يۈز بەرگەن كەلكۈندە ئاز بولغاندىمۇ 1750 ئادەم قازا قىلغان،21 مىليون ئادەم ماكانىدىن ئايرىلغانىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博