بىريۈك كېمىسى ھىندىستان پورتىغا ئاز قالغاندا چۆكۈپ كەتتى

0 2011-08-08 11:25:33   شىخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

   ھىندىستان ئاخباراتچىلىرىنىڭ 5 - چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىغۇماي توشۇپ ماڭغان بىر كېمە 4 - چىسلا ھىندىستاننىڭ بومباي پورتىغا 20 ئېنگىلىزمىلى قالغاندا چۆكۈپ كەتكەن . بىراق بىرمۇ كېمە خادىمى زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىمىغان .

    ھىندىستان سۇ تىرانسىپورت تارمىقىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرىشىغا قارىغاندا ، بۇ يۈك كېمىسى 4 - چىسلا ئەتىگەندە باشقىلار تەرىپىدىن بومباي پورتىغا كىرىش ئېغىزى ئەتراپىدا لەيلەپ قېلىپ ، قۇتقۇزۇش سىگنالى چالغاندىن كىيىن بايقالغان ھەمدە  دېڭىز بويى قوغدىغۇچى ئەترىتى ، دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ئەتراپتىكى سودا كېمە قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىپ قۇتقۇزۇشى بىلەن يۈك كېمىسىدىكى 30 نەپەر كېمە خادىمىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزىۋېلىنغان.

    ھىندىستان  ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ يۈك كېمىسى ھىندىنوزىيىدىن يولغا چىققان بولۇپ ، 6 توننا كۆمۈرنى بېسىپ ھىندىستاننىڭ غەربىگە قاراپ ماڭغانىكەن . بۇندىن باشقا كېمىدە يەنە تەخمىنەن 290 توننا يېقىلغۇ ماي ۋە 50 توننا دىزېل مېيىمۇ بار ئىكەن . نۆۋەتتە كېمە چۆكۈپ كېتىش سەۋەپلىك يېقىلغۇ ماي چىقىپ كېتىش دېگەندەك ئەھۋاللارغا دائىر ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىكەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博