ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ باشلىقى پېررىي تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مەن 2012-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىمەن.
پېررىي ئاق سارايغا ئورۇنلاشقان ھامان ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل رەقىمىنى ئازايتىپ، باجنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەمدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشما شىتات ھۆكۈمىتىنىڭ كۆلۈمىنى قىسقارتىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئاددىي ئامېرىكىلىقلارغا بېرىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
پېررىي مۇنداق دېدى: ئوباما زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلمەكتە يوق ئاپەتكە دۇچار بولدى، ئامېرىكا ئىگىلىك ھوقۇق قەرز دەرىجىسىنىڭ ئۆلچەم ۋە پۇر شىركىتى تەرىپىدىن چۈشۈرۋېتىلىشى-ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ جانلىق بولمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.