باغدادتا تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى

0 2011-08-18 10:30:30   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئىراق ساقچى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: باغدادقا يېقىن جايدىكى بىر مەسچىتتە شۇ كۈنى كەچتە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان شۇ يەردىكى بىر ساقچى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى كەچتە، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئىراق ئارمىيەسىنىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان كۆپلىگەن قوراللىق خادىملار باغدادنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر مەسچىتكە بېسىپ كىرىپ، مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان يەتتە مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلدى. بۇ يەتتە كىشى ئىراق سۈنئىي مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئويغىنىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى. بۇ قوراللىق خادىملار تۇتقۇن قىلىنغانلارنى مەسچىتىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىققان ھەمدە ئوق چىقىرىپ ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博