ۋاڭيى تورى خەۋىرى، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، ئەمما ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن بىر ئىش. بۇ دەل باشسىز خوراز مايىك (1945-يىلى 4-ئاي --1947-يىلى 3-ئاي). ئۇنىڭ بېشى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە 18 ئاي ھايات يۈرگەن. دەسلىپىدە نۇرغۇن كىشىلەر «بۇ بىر ئالدامچىلىق، نەدىمۇ مۇنداق ئىش بولسۇن، بوينى ئۈزۈلگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدىغان تۇرسا»دەپ بۇنىڭدىن گۇمان قىلىشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئورنى سولت لېيكغا جايلاشقان يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئېلىپ بېرىپ ئىلمىي تەكشۈرتكەندىن كېيىن، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىگە، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ كۆز بويامچىلىق ياكى باشقىلارنى قەستەن ئىشەندۈرۈش ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
1945-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى يەنى دۈشەنبە، كولورادو شىتاتىتىنىڭ فرۇئىتادىكى دېھقان لويىد ئولسېن قېيىن ئانىسىنىڭ بىللە غىزالىنىش زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى چوڭلارغا بەش دانە چوڭ خورازنى سوۋغا سۈپىتىدە ئېلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئانىسى توخۇنىڭ بوينىنى يېيىشكە بەك ئامراق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توخۇنى بوغۇزلىغان ۋاقىتتا تاسادىپىيلا خورازنىڭ بىر قۇلىقى ۋە كۆپ قىسىم مېڭە غولىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. بوغۇزلىغاندىن كېيىن، مايىكنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كەسكىن بولغان.ئۇ بوينى ئۈزۈۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە نورمال مېڭىپ، تاقلاپ يۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئادەتتىكى نورمال خورازلارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى. ئەمما ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ قىيىن بولغان نەرسە، ئۇ كۆرۈش سەزگۈسىدىن تامامەن ئايرىلغانىدى. ئۇ توپ ئىچىدە نەگە بېرىشنى، كىمگە ئەگىشىشنى بىلمەيتتى. ئەمما ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى بوينى ئۈزۈۋېتىلگەن تۇنجى كۈنى كەچتە ئۇ كەمتۈك بوينى سوزۇپ، قاناتلىرىنى كەرگىنىچە ئۇيقۇغا كەتكەن. بۇ خىل كۆرۈنۈش ئولسېننى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ مايىكنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مايىك قېيىن ئانىنىڭ تەخسىسىدىكى مەززىلىك قورۇما بولۇشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
گۇاڭشى نەننىڭ تاماكا زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدائوت كەتتى،قو...
شىنجىن شەھەرلوخۇ دابىر ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز يولدىن چىقىپ كېتى...
روسىيە قورال-ياراغ سودىگىرى بۇتېنىڭ ئايالى ئامېرىكىدا تۇرۇ...
تالىبانلار تۇتقۇن قىلىۋالغان شۋېتسارىيەلىك ئەر-ئايالنىڭ قۇ...
ھىندونېزىيە 2004-يىلدىكى ھىندى ئوكيان دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ 7 يىلل...
89ياشقا كىرىپمۇ پاراشوت بىلەن سەكرەشنى داۋام ئېتىپ كەلگەن شا...