دۇنيادىكى كاتتا بايلارنى يېتىشتۇرگەن ئۇنۋېرسىتېت

0 2011-12-27 11:14:05   سوخۇ تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئامېرىكا ‹‹فوربىس››ژورنىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىدىكى مىليۇنىرلار(100 مىليۇندىن يۇقىرى)نى ئەڭ كۆپ يېتىشتۇرۇپ چىققان ئۇنۋېرسىتلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقتى،خارۋاد ئۇنۋېرسىتېتى بىرىنچى ئورۇنغا تېزىلدى،خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى يېتىشتۇرۇپ چىققان مىليۇنىرلارنىڭ سانى 62 گە يەتكەن.

1.خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 
   يېتىشتۇرگەن مىليۇنىرلار سانى 62 نەپەر بولۇپ، 2009-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا سەككىز كىشى كۆپەيگەن،داڭلىق مىليۇنىر كاتتا بايلار نىيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى مەيكىر بۇلۇنبوت،قورغان مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى،فوند ماگناتى كېنىس گېلىفىن ۋە نېفىت ماگناتى لوكىفېل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 2.ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى
    يېتىشتۇرگەن مىليۇنىرلار سانى 28 نەپەر بولۇپ، 2009-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ كىشى كۆپەيگەن،نۇرغۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار كىرمىنىي جىلغىسىدا ئۇتۇق قازانغان،ياھۇ شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ياڭ جىيۇەن،گوگىلنى بىرلىشىپ قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى لارى پېچ ۋە شېرگايى بۇلىن،نەيىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى فېلىپ نەيتى،فوند ماگناتى داۋىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


 3.كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
   يېتىشتۇرگەن مىليۇنىرلار سانى 28 نەپەر بولۇپ، 2009-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ كىشى كۆپەيگەن،بۇ ئۇنىۋېرسىتېت پولىس مۇكاپاتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ،پاي چەك ئىلاھى بافىت،يەر شارى بويىچە تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن خۇسۇسى پاي ھوقۇق مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان KKR گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېنىرى كىراۋۇس شۇنداقلا ئېنگىلادنڭ ۋەتەنپەرۋەر ئەترىتىنىڭ خوجايىنى روبېرىت كىراف قاتارلىقلار بار.

 4.پېنسىلۋا ئۇنۋېرسىتېتى
   يېتىشتۇرگەن مىليۇنىرلار سانى 18 نەپەر بولۇپ،بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى ئامېرىكا تارىخىدىكى بىرىنچى ئورۇندىكى خەلقئارالىق ئىناۋەتكە ئىگە ئالىم ۋە كەشپىياتچى بىن جېمىڭ فۇلەنكىلىن قۇرغان،فودۇن سودا ئىنىستېتۇتىنىڭ نامىمۇ ناھايتى مەشھۇر،ئۆي-زىمىن ماگناتى مودىمو زاكمان،فوند ماگناتى دانىر ئوك ۋە ئەخلەت زايۇم پادشاھى مەيكىر مېركىن قاتارلىقلار بار.

 

  5.يالې ئۇنىۋېرسىتېتى
   يېتىشتۇرگەن مىليۇنىرلار سانى 16 نەپەر،يالې نۇرغۇن مىليۇنىر بايلارنىڭ ئانا مەكتىپى،مەسلەن مارىس شاكىلات پادىشاھى كىچىك فولىستې مارس ۋە يوھان مارس ،يېزا-ئىگىلىك بايۋەتچىسى كىچىك جارجى مەيكمىلان ۋە خۇيتىنې مەيكمىلان قاتارلىقلار مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان.ئۇندىن باشقا فوند دېرېكتۇرى ئايدى لانبود،قارا تاش گۇرۇھىنىڭ لېدىرى سىتېۋىن شىۋاسمان قاتارلىقلارمۇ بار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博