ئىراقتا 13 قېتىم كەينى-كەينىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، 63 كىشى قازا قىلدى

0 2011-12-24 13:11:56   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

ئىراقتا 13 قېتىم كەينى-كەينىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، 63 كىشى قازا قىلدى

 

  خەلق گېزىتىنىڭ 22-دېكابىر قاھىردىن بەرگەن تېلېگاممىسى (مۇخبىر خۇاڭ پېيجاۋ) باغداد خەۋىرى: ئىراق پايتەختى باغدادتا 22-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن كۆپ قېتىم كەڭ كۆلەملىك پارتلىتىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مۇخبىر خەۋەر تارقاتقىچە 63 كىشى قازا قىلدى، 200 چە كىشى يارىلاندى، ئېيتىلىشىچە قازا قىلغان، يارىلانغانلار داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

  قاتار ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستاسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 22-دېكابىر ئىشقا چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، باغدادتا جەنۇبىدىن شىمالىغىچە 20 مىنۇت ئىچىدە 13 قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋە تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. «ئوتتۇرا شەرق» تورى قاتارلىق ئەرەب تور بېكەتلىرىنىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋەرلىرىنىڭ تېمىسىدا: «بۇ بىر قاتار پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئىراقنى زىلزىلىگە سالدى، بۇ ھازىرغىچە بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ كۆپ قېتىم، قىرغىنچىلىقى ئەڭ زور بولغان كەينى-كەينىدىن پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئىراقنى دوزاخقا ئىتتىردى!»، دېيىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر