شىنجاڭدا پۇل توشۇيدىغان تۆت ساقچى بۇلاڭچىلىق قىلدى، ھەمدە ساقچىغا قورال تەڭلىدى

0 2011-12-24 12:43:38    خەلق تورى    admin
T|T:خەت رەزمىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پۇل توشۇيدىغان تۆت ساقچى بۇلاڭچىلىق قىلدى، ھەمدە ساقچىغا قورال تەڭلىدى

 

تۆت نەپەر پۇل توشۇيدىغان ماشىنىنىڭ قوغداپ ئېلىپ مېڭىش ساقچىسى ھاراق ئىچىۋالغانلىقتىن، شەھەر ئاھالىسىنىڭ تاماكىسىنى بۇلىغان، ھەمدە شەھەر ئاھالىسىنى ئۇرغان. بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغىلى خەلق ساقچىسى كەلگەندە، تۆتىنىڭ ئىچىدىكى بىر ساقچى بىخەتەرلىك كۇنۇپكىسىنى ئەتمىگەن قورالنى خەلق ساقچىسىغا تەڭلەپ:《مەن دېگەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ، سەنلەر باشقۇرالمايسەن......》 دېگەن.

بۇ بىر كۆرۈنۈش يېزا ئېگىلىك 3- دېۋىزىيە 45- پولىكتىكى بىر بانكىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن. 10- دېكابىر مۇخبىر تېلىفۇن ئارقىلىق شۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلغان يېزا ئېگىلىك 3- دېۋىزىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بوز تايلاق ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭجىنلىياڭ بىلەن ئاقىلاشتى. ۋاڭجىنلىياڭ مۇنداق دېدى:《مەن ساقچى بولۇپ، بۇ ئۆمرىدىمۇ ئۇنىڭ قورالنى بىزگە تەڭلىگەنلىكىنى ئۇنتالمايمەن.》

9- دېكابىر 15 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە،45- پولىك 20- لىيەندە ئولتۇرۇشلۇق ئە فامىللىك ئېغىزىدىن قان ئاققان ھالدا ساقچىخانىغا بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، 15 دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئۇ 45- پولىكتىكى بىر بانكىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە،غ بىر بانكىغا پۇل توشۇيدىغان قوغدىغۇچى خادىمنىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان بىر ئەرنىڭ ئۇنىڭدىن تاماكا سورىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھاراق پۇراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بىر تال بەرگەنلىكىنى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن قالغان ئۈچىنىڭمۇ ئۇنىڭدىن تاماكا سورىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ ھاراق پۇراپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ ئامالسىزلىقتىن ھەر بىرىگە بىر تال تاماكا بەرگەنلىكىنى، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ساقچىنىڭ ئۇنىڭ قولىدىكى 7 يۈەنلىك بىر قاپ تاماكىنى بۇلاپ ئېلىۋېلىپ ئەرزان بىر قاپ تاماكا تاشلاپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇنىڭغا ئۇنىمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆتىنىڭ ئۆزىنى ئۇرغانلىقىنى، دېدى.

مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ۋاڭجىنلىياڭ، ساقچىخانا باشلىقى جوۋجىيەنچۈن ۋە مۇئاۋىن يېتەكچى ئەمەر. زۇلپەر ئە فامىللىكنى باشلاپ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىدۇ. نەق مەيداندا، ئە فامىللىك بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىغاڭشىغىنىچە بانكىنىڭ يېنىدىكى بىر چوڭ ھويلىغا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. سوراپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئە فامىللىك يەنە ھويلىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى يېنىدىكى ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تونۇپ قالىدۇ.


خەلق ساقچىسى ئالدىغا بېرىپ سوراي دەپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر جىنايەت گۇماندارى ماشىنىنىڭ ئىچىدىن بىخەتەرلىك كۇنۇپكىسىنى ئەتمىگەن بىر قورالنى ئالىدۇ. ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇ ھاراق پۇراپ كەتكەن، ھەمدە دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالغان. ئۇ قورالنى خەلق ساقچىسىغا تەڭلەپ:《سەنلەر يوقىلىش، بىز مەكىت ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن،  سەنلەر باشقۇرالمايسەن......》 دەپ ۋارقىرايدۇ.


بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئەمەر. زۇلپەر ساقچى ئەمەلدارىلىق كىنىشكىسىنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرىدۇ، ھەمدە قورالنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن قورال تۇتقان جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە ئادىمى بارلىقىنى دەپ قورالنى تاپشۇرۇشقا ئۇنىمايدۇ.

شۇ ۋاقىتتا بىر تۈركۈم قىزىققان كىشىلەر ھويلىنىڭ ئەتراپىغان يىغىلىپ بۇ ئىشنى كۆرۈشكە باشلايدۇ. قورالدىن ئوق چىقىپ كېتىپ ئەتراپتىكى ئاممىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جوۋجىيەنچۈن ئالدىغا چىقىپ قورالنى تارتىدۇ، ئىككى جىنايەت گۇماندارى قورالنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ. جوۋجىيەنچۈن قورالنى چىڭ قۇچاقلىۋالغاندا، جىنايەت گۇماندارلىرى مۇشتلىرى بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ئېغىزى ۋە بۇرنى يارىلانغان بولسىمۇ، جوۋجىيەنچۈن باشتى- ئاخىر ئۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدۇ.

ياردەمگە ساقچىلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارلىرى كونتىرول قىلىنىدۇ، ھەمدە يەنە بىر جىنايەت گۇماندارىنىمۇ ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلىدۇ. ئارقىدىنلا ساقچىلار تۆتىنچى جىنايەت گۇماندارىنىمۇ تۇتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ساقچىلار قورالنىڭ ئىچىدە ئوق يوقلىقىنى بايقايدۇ. ساقچىلار:《بىز بۇ چاغدا ئاندىن ئۇف دېدۇق 》 دېيىشىتى.

سوراق قىلىش ئارقىلىق، بۇ تۆتىنىڭ قەشقەر جىياڭنەن بىخەتەرلىك قوغدىغۇچى چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتىنىڭ يالاپ توشۇش خادىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

نۆۋەتتە بۇ تۆت جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىچىدە، ساقچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ئىككى جىنايەت گۇماندارى دۆلەتنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بىلەن سولاندى. يەنە ئىككىسى توپلىشىپ ئادەم ئۇرغانلىقى ئۈچۈن، ساقچى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بۇيىچە 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىنى بەردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر