20-دېكابىر، نەچچە مىڭ نەپەر مىسىرلىق ئايال قاھىرەنىڭ شەھەر مەركىزىدە نامايىشئۆتكۈزۈپ، مىسىر ھەربىي تەرەپنىڭ ئايال نامايىشچىغا زوراۋانلىق ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى . 16-دېكابىردىن بۇيان ، مىسىردىكى ساقچى تەرەپ ۋە نامايىشىچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 12 شەھەر ئاھالىسى قازا قىلغان، نەچچە يۈز نامايىشچى يارىلانغان.
چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراف خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە مىڭ نەپەر مىسىرلىق ئايال شۇ يەر ۋاقتى 20-دېكابىر پايتەخت قاھىرەنىڭ شەھەر مەركىزىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، ھەربىي-ساقچىلارنىڭ نامايىشچى ئايالنى خورلىغانلىق قىلمىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن .
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ كۈنى، قاھىرەگە يىغىلغان ئاياللارنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىڭغا، ھەتتا ئون مىڭغا يەتكەن بولۇپ ، ھەر خىل پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكىنىچە ھەربىي-ساقچىلارنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن ھەمدە شوئار توۋلاپ ، مىسىر قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى مۇھەممەد ھۈسەيىن تەنتەۋى (MohamedHussein Tantawi) نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەلەپ قىلغان .
بەزى خەۋەرلەردە مىسىر ئاياللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشى بۇ دۆلەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق ئاياللار نامايىشى يەنى ، 1919-يىلىدىكى مىسىر ئاياللار زور نامايىشىدىن كېيىنكى يەنە بىر زور نامايىش بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىلگەن .
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مىسىر ھەربىي تەرەپنىڭ ئەڭ ئالىي كومىتېتى ھەربىي-ساقچىلارنىڭ ئاياللارنى خورلاش ئىشىدا ‹‹ئاز كۆرۈلىدىغان›› ناماقۇللۇق باياناتىنى ئېلان قىلغان .